A-A+

دۇنيا داڭلىقلىرىنىڭ قىممەتلىك جاۋاھىراتلىرى

2016-يىل 26-ئاپرېل جاۋاھىراتلار دۇنياسى باھا يوقكەن زىيارەت: 322 قېتىم

ئاقسۆڭەك، باي نازىنىن ئاياللار يىغىپ ساقلىغان قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەتلەر

مارگارىت مەلىكە

20150909120816560

سىز بەلكىم مارگارىت مەلىكىنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما سىزنىڭ ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلىزابىتنى بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن ئەمەس، ئۇ دەل ئايال پادىشاھنىڭ سىڭلىسى، يەنى «رىمدىكى دەم ئېلىش كۈنى» «Roman Holiday» نىڭ ئەسلى تىپى. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇ كېسەللىك سەۋەبىدىن تېزلا ئالەمدىن ئۆتكەن، بىراق بىر تۈركۈم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان خان جەمەتى زىبۇ-زىننىتى قالدۇرغان.

مارگارىت مەلىكە تويىدا تاقىغان خان تاجى

20150909120816392

20150909120816993

قىسمەن زىبۇ-زىننەت 2006-يىلى كرىستىنىڭ كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا 10 مىلىيون فونىستىرلىڭ يۇقىرى باھادا سېتىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ قالتىس بولغىنى، دەل ئۇ 1960-يىلى تويىدا تاقىغان خان تاجى، 926400 فونىستىرلىڭ يۇقىرى باھادا سېتىلغان. 

********

ئاگاخان مەلىكە ساقلىغان شېرۋۇد ئالماس زەنجىرى

20150909120816108

پەقەت غەربنىڭ خان جەمەتىدىلا بولۇپ قالماستىن، يەنە ھىندىستان مەلىكىسىمۇ زىبۇ-زىننەت يىغىپ ساقلاشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ خان جەمەتىنىڭ غەزىنىسىگە ئۆزى يىغىپ ساقلىغان زىبۇ-زىننەتلەرنى قويۇپ قويغان، ئەمما 1995-يىلى ئاجىراشقاندىن كېيىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن زىبۇ-زىننەتلىرىنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىۋەتكەن. 

كرىستى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا، يۇقىرىدىكى سۈرەتتىكى شېرۋۇد ئالماس زەنجىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ھىندىستاننىڭ ئۇسلۇبىدىكى Van Cleef & Arpels نىڭ زۇمرەتلىرى قاتارىدىكى زىبۇ-زىننەتلىرى ۋە يۈرەك شەكىللىك كۆك ئالمىسى بۇلارنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا ۋىندىسور كىنەز خانىمغا يۇقىرى باھادا سېتىپ بەرگەن. 

********

پېرون خانىم

20150909120817571

پېرون خانىم يىغىپ ساقلىغان قىزىل ياقۇت زەنجىر، باھاسى 466700 دوللار

20150909120817298

بۇ زەنجىر كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغاندا باشلىنىش باھاسى 410 مىڭ دوللار بولغان، ئەڭ ئاخىرىدا 466700 دوللارغا سودا پۈتۈشكەن. 

********

باربارا خاتتون ۋە ئېرى

20150909120843936

2014-يىلى 4-ئاينىڭ 7-كۈنى، رىۋايەتلىك نازىنىن ۋە داڭلىق يىغىپ ساقلىغۇچى-باربارا خاتتون يىغىپ ساقلىغان كۆكتارغاق قاش مارجان زەنجىر شىياڭگاڭ سۇسبى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىدا رېكورت يارىتىپ 214 مىليون شىياڭگاڭ پۇلىغا سېتىلغان. 

20150909120843470 20150909120843879

مەنبە : نۇر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ