بايلار تاللىشىدا چىڭ تۇرىدۇ
سۈرەتتە : فىرانسىيە مودا ئېقىم لاھىيلىگۈچىسى ، Chanel شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ، 20-ئەسىردىكى ئەڭ مودا ئايال Gabrielle Chanel خانىم
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
نامراتلار ھەمىشە باشقىلار تەرىپىدىن باشقۇرۇلغانغا خۇشال بولىدۇ، بايلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرىدۇ
ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى كىچىكتىن باشلاپ چوڭ بولغىچە باشقىلارنىڭ كونتىروللىقىدا ئۆتىدۇ. تۇغۇلغاندىن تارتىپ ئۆلگىچە ھامان بىرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇرۇپ نىمە قىلىشنى، نىمە قىلماسلىقنى ئەسكەرتىپ تۈرىدۇ. ئەلۋەتتە ئەخلاق ۋە قانۇنغا كەلسەك بۇ ھەممە ئادەم رىئايە قىلىشقا تىگىشلىك پىرىنسىپ. لېكىن كىشىلىك ھاياتتا باشقا نەرسىلەرمۇ بار مەسلەن: غايە ۋە ئىنتىلىش دىگەندەك. بۇلاردىن باشقىلارنىڭ قارشى تۇرۇشى بىلەنلا ۋاز كەچسەك بولمايدۇ.
كۆپىنچە ھاللاردا بىز ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ ئىنكار قىلىشنى قوبۇل قىلشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن. ئۇلار دائىم «سەن قىلالمايسەن ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلما»، «ۋاز كەچكىن، سەن قانداقمۇ غەلبە قىلالاسەن» دەيدۇ. قايتا-قايتىلاپ ياخشى نىيەتتە قىلغان نەسھەتلەرنى ئاڭلاۋېرىپ، كۆپىنچە كىشلەر ئۆزىنىڭ غايىسىدىن ۋاز كېچىدۇ. ئاخىرى ئادەتتىكى نامرات ئادەملەرگە ئايلىنىدۇ.
بۇ بىر مەيدان «ياخشى نىيەت» تىن باشلانغان، لېكىن تىراگىدىيە بىلەن ئاياغلاشقان مۇسابىقە، بەرداشلىق بېرەلىگەن ئادەم مۇسابىقىدە يېڭىدۇ، باي بولىدۇ. يېڭىلگەن ئادەم ئەكسىچە ئامالسىز نامراتلىقىغا قايتىدۇ. ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرغان ئادەم ئاندىن غەلبە قىلالايدۇ.
نامراتلار شۇڭىلاشقا مەغلۇپ بولىدۇكى، ئۇلار ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىغا سېلىشتۇرغاندا، باشقىلارنىڭ پىكىرىگە بەكرەك ئېتبار قىلىدۇ. نامراتلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى تەڭرىگە ياكى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ. گەرچە ئۇلار باشقىلار پايدىلىنىدىغان قورچاق بولسىمۇ، باشقىلارنىڭ كونتىروللىقىدا ياشىسىمۇ بويسۇنۇشنى خالايدۇ. پەقەت باشقىلارغا تايىنىپ راھەت تۇرمۇش كەچۈرسىلا بولىدۇ. ئۇلارمۇ مۇشۇ راھەت تۇرمۇشقا تايىنىپ، ئۆزىدىكى ئەسلىدىمۇ يېتەرلىك بولمىغان تەپەككۇر ئىقتىدارىنى خورىتىپ تاشلايدۇ. ئاخىرى ئۇلار چوڭ دەرەخلەرگە تايىنىپ ياشايدىغان پىلەك غوللۇق ئوسۈملۈكلەرگە ئوخشاپ قالىدۇ. دەرەخ كۈچلۈك بوران چاپقۇنغا ئۇچىراپ ۋەيران بولسىلا، پىلەك غوللۇق ئۈسۈملۈكلەرنىڭ تايانغىدەك ھىچنەرسىسى قالمايدۇ-دە، ئامالسىز قۇرۇپ ئۆلىدۇ. لىكىن بايلار ئەزەلدىن باشقىلارغا تايىنىپ ياشاشنى ئويلاشمايدۇ ھەم باشقىلارغا تايىنىپ ياشايدىغان تۇرمۇشنىمۇ تاللىمايدۇ. ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، ئۇلاردا ناھايىتى كۈچلۈك مۇستەقىللىق قارىشى، مۇستەقىل تەپەككۇر قىلىش ھەمدە مۇستەقىل ياشاشنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەر قانداق ئادەمگە يۆلەنمەسلىك روھى بار.
نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن پروفېسسور پاكجېنتىك باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇقۇغاندا، ھەمشە دەرىسلەردە يېتىشەلمەيتى، تاپشۇرۇقلارنى قالايمىقان ئىشلەيىتتى. ئۇنىڭ ئىمتھان نەتىنجىسى دائىم ئاتىسىنىڭ بېشىنى ئاغىرىتاتتى. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندىمۇ ئۇنىڭ نەتىجىسى ئەزەلدىن ئالدىنقى بەشنىڭ ئىچىگە كىرىپ باقمىغان. لېكىن مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇ ئۆزىنىڭ فىزىكىغا ئىنتايىن قىزىقىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇڭىلاشقا ئۇ فىزىكا ئىلمى بۇيىچە تەرەققى قىلىشنى ئويلىغان. ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغان چاغدا قىلچە ئىككىلەنمەي فىزىكا كەسپىنى تاللىغان. فىزىكا ئىلمىنى بىر ئۆمۈر قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلغان. ئۇ ئىلگرى «نۇرغۇن ئۇقۇغۇچلار فىزىكىنى ئۇچ يىل تەتقىق قىلغاندىن كىيىن، خىمىيە ئۆگۇنۇشكە باشلايدۇ. يەنە ئۇزاق ئۆتمەي قۇرلۇش ئىلمىغا ئۆزگەرتىدۇ. لىكىن مەن باشتىن-ئاخىرى فىزىكا ئىلمىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئۆگۇنۇشنى داۋاملاشتۇردۇم»دىگەن.
بۇنىڭ ئەكسىچە بولغىنى ئۇنىڭ يېقىن دوستى بولۇپ، مەيلى قايسى ساھەدە بولسۇن ناھايىتى ياخشى ھەمدە قىزىقىشى كۆپ خىل ئىدى. لېكىن ئالي مەكتەپكە كىرگەندىن كىين، ئۇنىڭ ئۆگىنىش يۆلىنىشى توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرغان. بىردەم ماتىماتكا كەسپىدە ئوقۇسا، يەنە بىردەم بىئولوگىيە كەسپىدە ئۇقۇغان. ھەتتا مۇزىكا كەسپىدىمۇ ئوقۇپ باققان. ئاخىرىدا ھىچ ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىغان.
پاكجېنتىك ئىلگىرى «ئەقلى ئىقتىدارى باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان تالانىت ئېگىسى بولغان تەغدىردىمۇ، ئەگەر مەقسەت نىشانسىز ئۆگەنسە، ئۆزىنىڭ نىشانى بولمىسا، ئۆگەنگىنى ۋاز كەچكىنى بىلەن باراۋەر. تالانىت ئېگىسىمۇ كالۋاغا ئايلىنىپ قالىدۇ» دىگەن. پەقەت غەلبە قازىنىشقا ئىرادە باغلىغان ئادەملا تىرىشىپ ئۆز نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. بۇ جەرياندا باشقىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ خىرىسقا دۈچ كېلىدۇ. ئۇلار ئوڭۇشسزلىقلارغا ئۇچۇرسىمۇ كۈرەش نىشانى ئۈچۈن تاللىغان يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. شۇڭا ھەربىر غەلبە قازىنىش، باي بولۇشنى ئويلايدىغان ئادەم پەقەت بىر ھەسسە ئارتۇق چىدىسا ۋە بەدەل تۆلسىلا غەلبە قىلالىشى مۇمكىن. ھەر بىر ئادەم پەقەت ئاسانلىقچە ۋاز كەچمىسە پۇرسەتنى تۇتالايدۇ، ھەمدە ئۆزىگە تەۋە بولغان غەلبىگە قەدەم تاشلىيالايدۇ.
بايلار ئۆزىنىڭ ئىنتىلىشى، قىلغان ئىشىنى ئەستايىدىل ئويلىشىدۇ. ئىنچىكە تەتقىق قىلىدۇ. بايلار ھەمىشە ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەيدۇ. قارغۇلارچە ئىش قىلمايدۇ. خوراپاتلىققا تېخىمۇ ئىشەنمەيدۇ. ئىشنى قارار قىلىپ بولغاندىن كىين، كەسكىن ئاتلىنىدۇ ھەمدە ئاخىرغىچە داۋاملاشتۈرىدۇ. يېرىم يولدا توختاپ قالمايدۇ، بايلار ئېرىشكەن نەتىنجىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قىلغىنىنىڭ توغىرلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا ئىش قىلغان ۋاقتتا مەزمۇت قەدەم بىلەن پۇختا قىلىدۇ. چۈنكى بايلار ئەگەر مەقسەت ياكى ئېھتىياج سەۋەبىدىن جەريانىنى ئۆزگەرتسە ئىشنىڭ نەتىجىسىمۇ ئۆزگىردىغانلىقىنى، ئېرىشىكىنىنىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەتىجە ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئەگەر نەتىجىسى ئوخشاش بولمىسا، بايلارمۇ بايغا ئايلىنالمايدۇ.
بالىلار ھىكايىسى پادىشاھى جىڭ يۈەنجى نۇرغۇن بالىلار چوقۇنىدىغان ۋە ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچى. ئۇنىڭ «چېچىلو ۋە لوشىشى»، «شۇكې ۋە بېتا»قاتارلىق ئەسەرلىرى كىتاب قىلىپ چىقىرىلغاندىن سىرىت، كارتون قىلىپ ئىشلىنىپ بالىلارنىڭ قارشى ئېلىشى ۋە ياقتۇرىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرى نەچچە ئەۋلاد كىشلەرنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى گۇزەل ئەسلىمىسىگە ئايلاندى.
لېكىن مۇشۇنداق قالتىس بىر بالىلار ھىكايىسى يازغۇچىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئەدەبىيات نەتىنجىسى بىر قەدەر ياخشى بولغاندىن سىرىت، باشقا پەنلەردىكى نەتىنجىسى ئىنتايىن ناچار بۇلۇپ ماتىماتكىدا دائىم ئۆتەلمەيتى. ھەتتا مۇئەللىمى ‹كەلگۈسىدە ئۇ سىنىپىدىكى ئەڭ ئىستىقبالى يوق بالا بولىدۇ › دەپ كىسىپ ئېيىتقان ئىدى.
بۇ نەقەدەر يېقىمسىز سۆز-ھە! ئەگەر ئادەتتىكى بالىلار بولسا ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن ھىچقانداق ئۈمىد كۈتمىگەن بولاتتى. لىكىن ئۇ ئۇنداق ئويلىمىدى. ئۇ ئۇ ئۆزىنى يەنە ئارتۇقچىلىقى بار دەپ ھىس قىلاتتى. مەسلەن ئالساق، ئۇنىڭ تەسەۋۋۇر كۈچى ناھايىتى مول بولۇپ، بىر تال چاي قۇتىسى، بىر تال ئاچقۇچنىمۇ تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ قالتىس بىر ھىكايە قىلىپ چىقاتتى ھەمدە ماقالىنىمۇ يامان ئەمەس يازاتتى. ھەتتا بەزىدە مۇئەللىم ئۇنىڭ ماقالىسىنى ئۈلگىلىك ماقالە قىلىپ بالىلارغا ئوقۇپ بېرىشكە بۇيرۇيىتتى. گەرچە باشقا پەنلەردىكى نەتىجىسى ناچار بولسىمۇ يېزىقچىلىق جەھەتتە تەرەققىي قىلسا بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنى يېزىقچىلىق جەھەتتە چېنىقتۇرغان. ئاخىرى ئۆزىنىڭ تاللىشى بىلەن كىشلەرنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشكەن بالىلار ھىكايىسى يازغۇچىسىغا ئايلانغان.
بالىلار ھىكايىسى پادىشاھى جىڭ يۈەنجېنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ قابىليىتىنى چۈشەنگەنلىكىدە. ئۇ ئۆزىنىڭ قايسى تەرەپلەردە ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى، قايسى تەرەپتە ئاجىز ئىكەنلىكىنى، ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمچىلىكنى تولۇقلاپ، ئارتۇقچىلىقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى بىلىدۇ. بۇنداق بولغاندا غەلبە قازىنىش يولىدا ئاسانراق، تىزراق ماڭالايدۇ ھەمدە ئۆزىنى تونۇغانلىقى، چۈشەنگەنلىكى ئۈچۈن قىيىنچىلىق، ئۇڭۈشسىزلىققا يولۇققاندا، ئاۋالقىدەكلا ئۆزىگە ئىشىنىدۇ. نىشانغا يىتىش يولىدا تەۋرەنمەيدۇ.
ئۆزىگە ھەقىقى ئىشىنىدىغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئىنكار قىلىشى ياكى كىچىككىنە ئۇڭۈشسىزلىق تۈپەيلىدىن غايىسىدىن ئاسانلا ۋاز كەچمەيدۇ. غايىسىدىن ئاسانلا ۋاز كىچىدىغان ئادەم ھەرگىزمۇ غەلبە قىلالمايدۇ. نامراتلار باشقىلارنىڭ پىكىرىگە بەك ئىتبار بەرگەنلىكتىن ئۆزىگە ئىشنىشكە جۇرئەت قىلالمايدۇ. نامراتلار باشقىلارغا زىيادە ئىشنىپ كەتكەچكە نامراتلىققا مەھكۈم بولىدۇ. ئەكسىچە بايلار ئۆزىگە ئىشنىدۇ. ھەمىشە ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۈرىدۇ. باشقىلارنىڭ باشقۇرىشىغا ئۇچرىمايدۇ. مانا بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلاردىكى پەرق.
نامراتلارنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ئىنتايىن ناچار. ئەمما ئىنتايىن شۆھرەتپەرەس. ئۇلار ھەمىشە كۈچ چىقارمايلا پۇل تاپقىلى بولىدىغان ئابرويلۇق خىزمەت تېپىشنى ئويلايدۇ. نامراتلار ھەمىشە باھانە ئىزدەشكە ئامراق. ناھايىتى ياخشى قىلالايدىغان خىزمەتنىمۇ باھانە تېپىپ ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆتكۈزۋېتىدۇ.
مۇستەھكەم ئېتىقاد بايلارنىڭ غەلبە قىلىشنىڭ ئاساسى. بايلار نىشاننى مۇستەھكەملىۋېلىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىگىلىك تىكلەيدۇ. باشىلارنىڭ نىمە دىيىشىگە قۇلاق سالماي ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ. غەلبە قىلىش يۇلىدا ئۇچرىغان بارلىق توسالغۇلارمۇ ئۇلارنىڭ ئىلگىرلەش قەدىمىنى توختىتالمايدۇ. ئادەم ئۆزىنىڭ تاللىشىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. چۈنكى بېيىش يولىدا ھەمىشە ئۆڭۈشسىزلىق ۋە ئازابقا يولۇقۇپ تۇرىدۇ. لېكىن ھەر قانچە چوڭ ئازاب - ئوقۇبەت ھەر قانچە چوڭ ئوڭۈشسىزلىقمۇ ھامان بىر كۈنى ئۆتۈپ كېتىدۇ. پەقەت نىشاننى توغرا بەلگىلگەن ئادەملا باي بولالايدۇ. ئۇنداقتا باي بولۇش پەقەتلا چۈش بولۇپ قالمايدۇ!
بايلىقنىڭ بايانى:
چىڭ تۇرۇش ياكى ۋاز كېچىشتە ئەگەر سىز قىلغان ئىش نىشانىڭىزغا مۇۋاپىق كەلسە ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ خاراكتېرىڭىزگە ماس بولسا، ئۆزىڭىزدىكى ئالاھىدىلىك جارى قىلدۇرۇلسا، ئۇنداقتا قىينچىلىق سىز ئۈچۈن ۋاقىتلىق. ئاخىرغىچە چىداڭ. سىز ئادەتتىكى ئادەملەرگە قارىغاندا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىسىز. پەقەت ئۆزىڭىزگە ۋە ئۆزىڭىزنىڭ تاللىشىغا ئىشەنسىڭىز، باشتىن - ئاخىر ئاسانلىقچە ۋاز كەچمىسىڭىز ئۇنداقتا غەلبە ۋە بايلىق سىزدىن يىراق ئەمەس.
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك ، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك >> ناملىق كىتابنىڭ 2-قىسمىدىن ئېلىندى