نامراتلار بىر كەسىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندا ئالماشتۇرىدۇ، بايلار بىر كەسىپنى ھەقىقىي چۈشەنگەندە ئالماشتۇرىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
4-باپ 11-پارىگىراپ
نامراتلار بىر كەسىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندا ئالماشتۇرىدۇ، بايلار بىر كەسىپنى ھەقىقىي چۈشەنگەندە ئالماشتۇرىدۇ
رېئال تۇرمۇشتا كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئومۇميۈزلۈك ئۇچراپ تۇرىدىغان ھادىسە. بىراق كىشىلەرنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشتىكى سەۋەبى ئوخشاش بولمايدۇ.
ئادەتتە نامراتلارنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇش سەۋەبى تۆۋەندىكىچە: ئۆزىنى خىزمەت مۇھىتىغا ماس كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك ھەر جايدا پالاكەت باسىدۇ دەپ قاراش؛ تەمىناتىم بىلەن ئۆزىنىڭ تۆلىگەن بەدىلىم ئوڭ تاناسىپ بولمىدى، شىركەت بۇنىڭغا قارىتا مۇۋاپىق جاۋاب قايتۇرمىدى دەپ قاراپ؛ ئۆزىنىڭ ماددى ئېھتىياجىنى قانمىغاندەك ھېس قىلىش؛ خىزمەتتە ئازراقلا قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىگە يولۇققاندا ئۆزىنى بۇ خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغاندەك ھېس قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ۋاز كېچىشنى تاللاش.
نامراتلارنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى پاسسىپ بولىدۇ، ئۇلار بىر كەسىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندا، ئۆزىمۇ ۋەيران بولاي دىگەندە ئاندىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، شۇ سەۋەبتىن كەسىپ ئالماشتۇرىدۇ، ھەمدە ئۆزىنىڭ يەنە بىر كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۈمىد قىلىپ باشتىن باشلايدۇ، ھالبۇكى ئۇلارنىڭ خىزمەتكە بولغان بۇ خىل پاسسىپ پوزىتسىيىسى ئۇلارنى دەۋرىي قىيىنچىلىق ئىچىگە بەند قىلىدۇ. بىر كەسىپتىن يەنە بىر كەسىپكە سەكرەپ يۈرۈش ئۇلارنى ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپكە قارىتا ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە قىلسىمۇ، بىراق بىرسىنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ، پەقەت «چالاموللام» بولۇپ، كەسىپتە گەۋدىلىك نەتىجە قازىنالمايدۇ.
ئەمما بايلار ئوخشىمايدۇ، ئۇلار كەسىپ ئالماشتۇرماقچى بولسا ئەستايىدىل تەھلىل قىلىدۇ ۋە ئويلىنىدۇ. كەسىپ ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۇلار ئاللىقاچان ئۆزى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپنى چۈشىنىپ، بۇ كەسىپنىڭ ئەھلى بولۇپ قالىدۇ. بۇ كەسىپكە ئالاقىدار كەسپىي ماھارەتلەردىن تولۇق خەۋەردار بولۇپلا قالماستىن، بۇ كەسىپتە كەڭرى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەت تورىنى قۇرۇپ چىققان بولىدۇ، ھەمدە بۇ كەسپىنى مەڭگۈلۈك دەسمايە ۋە باشقا كەسىپلەرنى قىلىشقا كېتىدىغان بايلىق مەنبەسى قىلىپ بولغان بولىدۇ.
قەدىمدىن –ھازىرغىچە جۇڭگو ۋە چەتئەللەردە ئۆتكەن بايلارنىڭ ھەممىسى خالىغانچە كەسىپ ئالماشتۇرغان ئەمەس، ئۇلار مەلۇم بىر كەسىپكە تۇتۇش قىلسا پۈتۈن ۋۇجۇدىنى شۇساھەگە قارىتىپ، ئەڭ تىز سۈرئەت ۋە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ، پەقەت بۇ كەسىپنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كىيىنلا ئۇلار ئاندىن ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن باشقا كەسىپلەرگە ئالمىشىشنى ئويلىشىدۇ.
ياپونىيەنىڭ داڭلىق دۆلەت ھالقىغان گورۇھى سەنياڭ ئېلېكتىر موتورى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى جىڭجىموبىيەن دەل بۇ خىلدىكى بايلارنىڭ تىپىك ۋەكىلى.
1925 – يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن جىڭجىموبىيەن يۇرتىدىن ئايرىلىپ يېزىنىسىسوڭشىيا شىڭجىجۇ قۇرغان «سوڭشىيا ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىنى ياساش ئورنى» غا بېرىپ شاگىرت بولىدۇ. جىڭجىموبىيەن ئىزچىل يېزىنىسى سوڭشىيا شىڭجىجۇغا ئوخشاش مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كارخانىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتى، شۇڭا ئۇ ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىدۇ. ئۇ كۈندۈزى جاپالىق ئىشلەپ ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى راۋان ئىشلەيدۇ، كەچلىرى كەچلىك مەكتەپلەردە مېخانىكىلىق ياساش، سودا بوغالتىرلىقى قاتارلىق ئاساسىي ماھارەتلەر ۋە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىدۇ.
مۇشۇ تەرىقىدە سەككىز يىل تىرىشىش ئارقىلىق جىڭجىمونىڭ ساپاسى روشەن يۈكسىلىشكە ئېرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇنىڭ خىزمەت نەتىجىسى ئىشداشلىرىنىڭكىدىن ياخشى بولۇپ، 19 ياش ۋاقتىدىلا زاۋۇت باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن، ئارقىدىنلا شىركەتنىڭ دائىمىي ھەيئىتى قوشۇمچە ياساش بۆلۈمىنىڭ باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ،سوڭشىيا شىڭجىجۇنىڭ ياخشى ياردەمچىسى ۋە شىركەتتىكى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم شەخسكە ئايلانغان .
جىڭجىمۇ سوڭشىيا شىركىتىدە 24 يىل ئىشلەش ئارقىلىق ئاللىقاچان ئېلېكتىر مېخانىكا كەسپىدىكى مۇتەخەسسىسكە ئايلىنىپتۇ. بۇ كەسىپنى چوڭقۇر چۈشەنگەندىن كىيىن، جىڭجىمو كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئۆزى ئىگىلىك يارىتىشنى قارار قىپتۇ، بۇ ئۇنىڭ يېزىنىسى سوڭشىيا شىڭجىجۇغا نىسبەتەن ناھايىتى زور زەربە ئىدى.
ئىلگىرىكى20 نەچچە يىللىق خىزمەت تەجىرىبىسى ۋە جۇغلانمىسى ھەمدە بۇنىڭغا قوشۇلغان تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، جىڭجىمو ئۆزىنىڭ شىركەت تىجارىتىنى ناھايىتى ئاقتۇرۇپتۇ. قىسقىغىنە 10يىللىق تىرىشىش ئارقىلىق، ياپونىيەنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر كەسپى ساھەسىدە باشلامچىلىق ئورۇنغا چىقىپتۇ.
20 –ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىغىچە، جىڭجىمونىڭ سەنياڭ شىركىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈزدىن كۆپ ياساش ياكى سېتىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بالا شىركەت ۋە نەۋرە شىركەتلەرگە ئىگە بوپتۇ. پۈتكۈل سەنياڭ شىركىتىنىڭ يىللىق سېتىلىش مىقدارى150 مىڭ مىليارد ياپون يىنىغا يىتىپتۇ. بۈگۈنكى سەنياڭ شىركىتى ئاللىقاچان ئىسمى –جىسمىغا لايىق ھالدا غەربى ئوكيان، تىنچ ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياندىن ئىبارەت ئۈچ ئوكياندىن ھالقىغان دۆلەت ھالقىغان گورۇھقا ئايلانغان.
بىرشىركەتتە توپتوغرا 24 يىل خىزمەت قىلىش، ئاندىن كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش ھاياتىنى باشلاش، بۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش. بولۇپمۇ نامراتلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. نامراتلار قالايمىقان كەسىپ ئالماشتۇرىدۇ،ئوخشاش بىر شىركەتتە 24 ئاي ئىشلەش ئۇلار ئۈچۈن ئاسان ئەمەس، ئەگەر شۇنداق بىر ئىش بولۇپ، ئۇلار بىر شىركەتتە 24 يىل ئىشلىگەن تەغدىردىمۇ، ئۇلار ئاللىقاچان ھورۇنلىشىپ كەتكەن، ھازىرقى ھالىتىگە قانائەت قىلىپ ئىلگىرىلەشنى ئويلىمايدىغان بولۇپ قالغان بولاتتى، ئىستىپا بېرىپ ئىگىلىك يارىتىشنى تېخىمۇ ئويلىمىغان بولارئىدى.
ھالبۇكى بايلاردىن بولغان جىڭجىمو بۇنى قىلالىغان، ئۇ سوڭشىيا شىركىتىدە خىزمەت قىلغاندا ناھايىتى تىرىشچانلىق بىلەن كەسپىي ماھارەت ۋە تىجارەت باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئۆگەنگەن، ئۆزىنىڭ ساپاسى ۋە ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئۇنتۇپ قالمىغان. ئۇ ئېلېكتىر ئەسۋابلىرىدىن ئىبارەت بۇكەسىپنى تولۇق چۈشەنگەندىن كىيىن كەسىپ ئالماشتۇرۇشنى قارار قىلىپ، ئۆزى ئىگىلىك يارىتىشنى باشلىغان، شۇ ئارقىلىق ھاياتىدىكى ناھايىتى مۇھىم بولغان ھالقىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ يۈكسەك بولغان بايلىق نىشانىغا بولغان كۆرىشىنى باشلىغان.
جىڭجىموغا ئوخشاش بۇنداق بايلار ناھايىتى كۆپ، ئاسىيادىكى بىرىنچى باي لى جىياچېڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى بىلىدىغان باي.
ئوقۇشتىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان لى جىياچېڭنىڭ تۇنجى خىزمىتى بولسا چايخانىدا چايچى بولۇش.گەرچە بۇ خىزمەت ناھايىتى جاپالىق بولسىمۇ، بىراق كاللا ئىشلىتىشكە ماھىر بولغان لى جىياچېڭ بۇ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى قىلغان. خىزمەتنى ياخشى قىلىش بىلەن بىرۋاقىتتا، لى جىياچېڭ خېرىدارلار ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتكە زەن سېلىپ بۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغان. خوجايىن ئۇنىڭ خىزمەت ئىپادىسنىڭ ياخشىلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن مىننەتدار بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بەرگەن.
بىر يىلدىن كۆپرەك چايچى بولغان لى جىياچېڭ چايخانىدا داۋاملىق تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىنىڭ يوقلۇقىنى نەزەرگە ئېلىپ، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ تاغىسىنىڭ جۇاڭيەن سائەتچىلىك شىركىتىگە بېرىپ خىزمەت قىلغان.
ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي كۈچىگە تايانغان لى جىياچېڭ ناھايىتى تىزلا بۇ شىركەتتىكى ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇپتۇ، ھەمدە يەر سۈپۈرۈپ چاي قۇيىدىغان شاگىرت ئىشچىدىن شىركەتكە قاراشلىق سائەت دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسىگە ئايلىنىپتۇ. ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ناھايىتى ئەستايىدىل قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە خوجايىنلارغا ئوخشاش سائەت بازىرىنىڭ ئەھۋالىغا ھەر ۋاقىت نەزەر ساپتۇ.
سائەتچىلىك كەسپىنى چۈشىنىپ بولغان 17 ياشلىق لى جىياچېڭ تاغىسىغا ئىستىپا بېرىپ، باشقا كەسىپكە ئالمىشىپ تەرەققىي قىلماقچى بوپتۇ. كەسىپ ئالماشتۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۇ ئۆزىنىڭ سائەتچىلىك توغرىسىدىكى كۆز – قاراشلىرىنى تاغىسىغا ئېيتىپ تۆۋەن –ئوتتۇرا ھال دەرىجىدىكى سائەتچىلىك بوشلۇقىنى تولدۇرۇشنى ئېيتىپتۇ. نەتىجە لى جىياچېڭنىڭ ئويلىغىنىدەك بولۇپ، تۆۋەن – ئوتتۇرا دەرىجىلىك سائەتلەر شاڭگاڭ سائەتچىلىكىنىڭ ئاساسىي ئېقىمىغا ئايلىنىپ، شاڭگاڭمۇ شىۋىتسارىيە، ياپونىيە قاتارلىقلارنىڭ قاتارىدا دۇنيا سائەتچىلىك بازىرىنىڭ بىر قىسىمىنى ئىگەللەپتۇ.
تاغىسنىڭ شىركىتىدىن ئايرىلغاندىن كىيىن، لى جىياچېڭ بەش خىل مېتال شىركىتىگە بېرىپ مال ساتقۇچى بوپتۇ. ئۇنىڭ كەسپىي نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا، ناھايىتى تىزلا ئىشداشلىرىنىڭ ئىچىدە كۆزگە كۆرۈنۈپتۇ.
بەش خىل مېتال كەسپىنى چۈشەنگەندىن كىيىن، ئۇ بۇ ساھەدە بەك چوڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىپتۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇ جېڭفېڭبوغا بېرىپ تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ ياخشى بولغان پلاستىك ماتېرىياللار كەسپىدە مال ساتقۇچى بوپتۇ. ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىغا تايانغان لى جىياچېڭ ناھايىتى تىزلا كەسىپداشلىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتىپ بۆلۈم مۇدىرلىقىغا ئۆسۈپتۇ. ئىككى يىلدىن كىيىن يەنە پلاستىك تاسما ياساش شىركىتىنىڭ باش دىرىكتورلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپتۇ. پلاستىك ماتېرىياللارنى ئىشلەپ چىقىرىش بىلىملىرىنى تىزراق ئۆگىنىپ، بۇ كەسىپنى چۈشىنىش ئۈچۈن، لى جىياچېڭ ئۆزى سېخقا چۈشۈپ ئىشچىلار بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىپتۇ.
قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا شىركەتتىكى تۈۋرۈكلۈك شەخسكە ئايلانغان لى جىياچېڭ ئۆزىنىڭ ھالىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلماپتۇ، ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە مۇۋەپپەقىيەت قازانسىمۇ يەنىلا بىريۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچى بولالايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئەڭ يۇقۇرى چەكتە ئۆز قىممىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇ كەسىپ ئالماشتۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك يارىتىش ھاياتىنى باشلاپتۇ.
مەيلى قايسى كەسىپنى قىلسۇن، ئۇ خىزمەتنى ناھايىتى ياخشى قىلغان. ئۇ كەسپىي ماھارەت ۋە تىجارەت باشقۇرۇش بىلىملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ كەسىپنىڭ تەرەققىيات يۆلىنىشىنى چوڭقۇرتەتقىق قىلغان. ئۇ بىر كەسىپنى تولۇق چۈشىنىپ، ئۆزىنىڭ يەنە يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنەلمەيدىغانلىقىنى ھەمدە بۇ كەسىپنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقىنىڭ يوقلۇقىنى ھېس قىلغان ۋاقىتتا، ئۇ ئايرىلىشنى قارار قىلىپ، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ يوشۇرۇن تەرەققىيات بوشلۇقى كەڭ بولغان يەنە بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان.
لى جىياچېڭنىڭ كۆپ قېتىملىق كەسىپ ئالماشتۇرۇش سەرگۈزەشتىسى ئۇنىڭ سودا بىلىملىرىنى كۆپەيتىپلا قالماستىن، يەنە ئۇنىڭغا نۇرغۇن دوستلارنى تونۇشتۇرۇپ،ئۇنىڭ جەمئىيەت بىلىملىرىنى مۇستەھكەملىگەن، بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ كىيىنكى نەتىجىلىرى ئۈچۈن مۇستەھكەم ئاساس سالغان.
بايلارنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشى نىشانلىق بولىدۇ، ئۇلار نامراتلاردەك قارىغۇلارچە كەسىپ ئالماشتۇرمايدۇ. ئۇلار كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى سېلىشتۇرغان ئاساستا ئەڭ ياخشى قارارچىقىرىپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەر بىر قېتىملىق كەسىپ ئالماشتۇرۇشىنىڭ ھاياتىدىكى بىر چوڭ يۈكسىلىش بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ھەمدە كەسىپ ئالماشتۇرغانسىرى قىممىتى ئېشىپ تېخىمۇ يۇقىرى بولغان بايلىق نىشانىغا قاراپ يول ئالىدۇ.
بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى. نامراتلار بىر كەسىپ زاۋاللىققا يۈز تۇتقاندا ئالماشتۇرىدۇ،بايلار بىر كەسىپنى تولۇق چۈشەنگەندىن كىيىن ئالماشتۇرىدۇ.
بۇ ماقالىنى كۆرگەندىن كىيىن، باي بولۇشنى ئويلاۋاتقان سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشقا بولغان پوزىتسىيىرىڭىزنى ۋە كۆز – قارىشىڭىزنى ئۆزگەرتىشنى ئويلىشىپ باقتىڭىزمۇ؟
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلار بىرەر كەسىپتە خىزمەت قىلسا، بۇ كەسىپ زاۋاللىققا يۈزلەنسە ياكى زېرىكىپ قالسىلا مەسئۇليەتسىزلىك بىلەن كەسىپ ئالماشتۇرىدۇ، بۇ خىلدىكى كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئۆزىنى قاچۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، شەخىسنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ھېچقانداق ياردىمى يوق، بۇنداق بولغانداا كەسپى بىلىملەرنى ئۆگىنىپ پۇل تاپالمايلا قالماستىن، يەنە ئۆزىنىڭ قىممەتلىك زېھنى ۋە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىدۇ، ئۆزىنى قانچە قاچۇرغانسىرى شۇنچە نامراتلىشىدۇ.
بايلارنىڭ كەسىپ ئالماشتۇرۇشىدىكى سەۋەب، ئۇلار بىر كەسىپنى تولۇق چۈشەنگەندىن كىيىن، بۇكەسىپنى داۋاملىق قىلسىمۇ تېخىمۇ كۆپ كىرىم ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالى بارلىقىنى كۆرەلمىگەن ۋاقىتتا، تېخىمۇ كەڭ بولغان سەھنە تېپىپ ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشنى،ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئويلايدۇ. بۇ خىل كەسىپ ئالماشتۇرۇشنىڭ چىقىش نۇقتىسى توغرا،كەسىپنى پەقەت مۇشۇنداق ئالماشتۇرغاندىلا ئاندىن سىزنىڭ بايلىق يولىدا ئومۇميۈزلۈك غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە ياردىمى بولىدۇ.
******* ******* ********
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى