A-A+

يۈرەكنى قۇۋەتلىگۈچى دورا-قاشتېشى(خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى 41)

2016-يىل 18-يانۋار ئەقىدە قاش ئىنىستىتۇتى باھا يوقكەن زىيارەت: 943 قېتىم

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىدىن ئابلىكىم ئاۋۇت يازمىسى

خوتەن قاشلىرىنى ئىنسانلار نېمە ئۈچۈن نەچچە مىڭ يىللاردىن بىرى ئارزۇلاپ ،ئەتىۋالاپ ئىشلىتىپ كەلدى؟ئۇنىڭدىكى قانداق سېھرى كۈچ ئۇنى تارىم ۋادىسىدىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاتتى؟نېمە ئۈچۈن خوتەن قاشلىرىنىڭ باھاسى يىلدىن يىلغا ئۆرلەپ ،ئىستىمالچىلار توپى توختاۋسىز كۆپۈيۈپ مېڭىۋاتىدۇ؟كىشىلەر خوتەن قاشلىرىنى نېمە مەخسەت-مۇدىئالار بىلەن سېتىۋالىدۇ؟ئۇنىڭ ئىنسان ماددىيىتى ۋە مەنىۋىيىتىگە ئېلىپ كېلىدىغان تەسىرى نېمە؟؟؟...

يۇقارقىدەك نۇرغۇن سۇئاللارغا خوتەن قاشتېشىنىڭ ئۆزىدىن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ تېپىش مۈمكىنچىلىكى يوق.چۈنكى ئۇ گۈھەر تاشلارغا خاس ئاددىي بىر قېزىلما بايلىق،خالاس...

يۇقارقى سۇئاللارغا توغرا جاۋاپ بېرىش ئۈچۈن چۇقۇم ئۇزاق تارىخ جەريانىدا شەكىللەنگەن كۆپ قاتلاملىق ،كۆپ مەنبەلىك خوتەن قاش مەدەنىيىتىنى ئەتراپلىق چۈشۈنۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتىمىز دىيارىمىز قېزىلما بايلىقلىرىنىڭ خان تاجى ، دۇنياۋى داڭلىق ماركا << خوتەن قاش >> ھەققىدە ئاۋامنى ئەتراپلىق چۈشەنچىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۆپ يىللىق ئىزدىنىش ئارقىلىق خوتەن قاش مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ماتىرياللاردىن  100 پارچە ماقالىنى رەتلەپ ،توپلاپ ،تەرجىمە قىلىپ ، يېزىپ <<خوتەن قاش مەدەنىيىتى جەمگاھى >>سەھىپىمىز ئارقىلىق ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

يۈرەكنى قۇۋەتلىگۈچى دورا - قاشتېشى

226

قاشتېشى ___________ ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان سۈزۈك ياكى يېرىم سۈزۈك پارقىرايدىغان تاش .

قاشتېشى قىممەتلىك زىبۇ - زىننەت بويۇمى بولۇپلا قالماي ، ساغلاملىق ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىڭ شىپالىق دورىسى .

قاشتېشىنىڭ تەبىئىتى ئىككىنچى دەرىجە قۇرۇق سوغۇق بولۇپ يۈرەك ، مېڭە ، بۆرەك ، ئاشقازان قاتارلىق ئەزالارنى قۇۋەتلەش ؛ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش خۇسۇسىيىتى بار .

611

قاشتېشىنىڭ شىپالىق رولى تۆۋەندىكىچە :

1.يۈرەكنى سەگىتىپ ، بىھۇدە قىزىققانلىقنى تۈگىتىدۇ .

2 . قاشتېشىنى مارجان شەكلىدە تىزىپ بوينىغا ئېسىۋالسا ، مىجەزنى تەڭشەپ ، چۈشى بۇزۇلۇش ، چۆچۈش ، تەشۋىشلىنىشنى تۈگىتىپ ، ئۇيقىنىمۇ ياخشىلايدۇ .

3 . ئاق قاشتېشى تالقىنى بىلەن قۇرۇتۇلغان شاپتۇل چېچىكىنى ئارلاشتۇرۇپ بەدەنگە سۈركەپ بەرسە ، ئاق كېسەل ( بەرەس )  ۋە تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ .

4 . كۆزگە ئاق چۈشكەن ، كۆز نۇرىنى يىغالمايدىغانلار ، قولى تىترەيدىغان ، ئاستىنقى قاپىقى لىپىلدايدىغان ، ئاغزى مايماق بولۇپ قالغانلار قاشتېشىنى كېسەللىك ئورنىغا سۈركەپ بەرسە شىپا قىلىدۇ .

614

5 . قاشتېشىنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى سۈيدۈك يوللىرىغا ، بۆرەككە تاش چۈشۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ .

6 . قاشتېشىنى كۇشتە قىلىپ ئىستىمال قىلىپ بەرسە ، يۈرەك ، مېڭە ، بۆرەك ، ئاشقازان ، تال قاتارلىق  ئەزالارنى قۇۋەتلەيدۇ .

7 . قاشتېشىدا داغمال سۈيى تەييارلاپ ئىچىپ بەرسە ، رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش بىلەن بىرگە كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ .

مەنبە : ئۇيغۇر تىبابەت سالونى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ