A-A+

تەنتەربىيەنىڭ مەھسۇلات تەشۋىقاتىدىكى رولىغا سەل قارىماسلىق كېرەك

2015-يىل 9-ئىيۇل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 212 قېتىم

ۋېنجو سودىگەرلىرىنىڭ ئۆزگىچە تەپەككۈرى

4 -باب 7-پارگىراف

w0200707133487108540484

بېيىش تەپەككۇرى:

   نامراتلار: تەنتەربىيە بىلەن مەھسۇلاتنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بولسۇن؟

   ۋېنجۇلۇقلار: تەنتەربىيە بىلەن بىرلەشكەن ھەر قانداق ئىش ئادەمنى ئىنتايىن ھاياجانغا سالىدۇ.


داڭلىق ئېلان-تەشۋىقات پىلانلىغۇچىسى يې ماۋجۇڭ مۇنداق دېگەن: «قانداق نەرسە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئىستېمالچىلارنى تېلېۋېزورنىڭ ئالدىدا سائەتلەپ ئولتۇرغۇزالايدۇ؟ قانداق نەرسە پۇقرالارنى مەھلىيا قىلىپ، ئۇلارنىڭ يۈرەك-تارىنى تىتىرىتەلەيدۇ؟ بۇ دەل تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدۇر!» بۇنىڭدىن تەنتەربىيەنىڭ ئېلان-تەشۋىقاتتىكى گەۋدىلىك جەلپ قىلىش كۈچىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

تەنتەربىيە مۇسابىقىسى ۋېنجۇ كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات سېتىش سوممىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ماركا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغان. ۋېنجۇ سودىگەرلىرى تەنتەربىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى رولىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان.

ۋېنجۇ جياۋچاديەن كىيىم-كېچەكلىرى 2004-يىلى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان، ھەمدە بۇ ئارقىلىق غايەت زور تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

باش دىرېكتور چېڭ شىن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەن: « ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ياردەم قىلىش بىر قېتىملىق پۇرسەت ھېسابلىنىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا شۇ جايدىكى جۇڭگو مۇھاجىرلىرى گۇرۇپپىسىدا ۋېنجۇلۇقلار بار بولۇپ، ئۇلار ۋېنجۇ كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ گۇرۇپپىغا ياردەم تەلەپ قىلماقچى بولغان، بىزدىمۇ شۇنداق ئوي بولغاچقا، مەھسۇلات سۈپىتىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق بىز ناھايىتى تېزلا كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق.» 2008-يىلىدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە نىسبەتەن، ئەينى ۋاقىتتا چېڭ شىن ئەگەر پۇرسەت ۋە ياخشىراق پىلان بولسىلا داۋاملىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. چېڭ شىننىڭ قارىشىچە، ئولىمپىك مۇسابىقىسى ناھايىتى ياخشى پۇرسەت بولۇپ، كارخانىنىڭ ماركا ئوبرازىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش، خەلقئارا بازارغا كىرىشتە پايدىسى زور ئىدى. ئۇ مۇنداق دېگەن: «تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ پايدىسىنى تۈز سىزىق بويىچە يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، تۆلىگەن بەدەل ۋە بىۋاستە ماددى پايدا ھەمىشە ئوڭ تاناسىپ بولمايدۇ. ئەمما كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن شەكىلسىز پايدىسى ناھايىتى زور، بىر تەرەپتىن كارخانىنىڭ داڭقىنى ئاشۇرۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ جياۋچادىيەنگە بولغان دېققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانا جۇڭگونىڭ ئولىمپىك مۇسابىقە ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشالايدۇ، كارخانىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇ خىلدىكى دۇنياۋى دەرىجىلىك مۇسابىقىدە باش كۆتۈرۈشمۇ بىر شەرەپ ھېسابلىنىدۇ.»

تەنتەربىيە تەشۋىقاتىنى قانداق قىلغاندا ياخشى قىلغىلى بولىدۇ؟ بىز ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى پىكىرىنى ئاڭلاپ باقايلى:

بىرىنچى، كارخانىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك.

گەرچە تەنتەربىيە تەشۋىقاتنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، بىراق بۇنىڭغا كېتەرلىك زېھن ۋە مەبلەغمۇ ناھايىتى كۆپ. دېققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، تەنتەربىيە تەشۋىقاتىغا كېتەرلىك مەبلەغ بىلەن ھاسىلات ھەرگىزمۇ ئوڭ تاناسىپ بولمايدۇ، دەرھال كارخانا ئۈچۈن ئىقتىسادىي ئۈنۈم يارىتىپ بېرەلمەيدۇ.

ۋېنجۇ كاڭنەي ئىچ كىيىم، زىننەت بۇيۇملىرى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى چېن جۇڭخۇەي ئىلگىرى مۇخبىرغا مۇنداق دېگەن: «تەنتەربىيە تەشۋىقاتى تەمى يېڭىچە بولغان پىچىنەگە ئوخشايدۇ، ھەممەيلەن ئۇنى تېتىپ بېقىشنى ئويلايدۇ، ئەمما بۇنى خالىغان ئادەم تېتىپ بولالمايدۇ. ۋېنجۇنىڭ توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلماقچى بولسا، بىرىنچىدىن، ياردەم بېرىشكە ماس كېلىدىغان مەھسۇلات يوق؛ ئىككىنچىدىن، تەنتەربىيەدىن پايدىلىنىپ مەھسۇلات ۋە كارخانىنىڭ داڭقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش زور مەبلەغ سالغاندا ئاندىن پايدا ئالغىلى بولىدىغان ئىش، بىز ۋاقتىنچە بۇنداق ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس.»

شۇ سەۋەبتىن، تەنتەربىيە تەشۋىقاتىدىن پايدىلانغان ۋاقىتتا، چوقۇم ئېھتىيات قىلىش، ئۆزىمىزنىڭ ئەمەلىي كۈچىگە ئاساسەن ھەرىكەت قوللىنىشىمىز، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە ئېقىمغا ئەگەشمەسلىكىمىز كېرەك.

ئىككىنچى، ھەرخىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ تەنتەربىيە بىلەن «يېقىنلىشىش» كېرەك.

تەنتەربىيە تەشۋىقاتى ھەممە مەھسۇلاتلارغا ماس كېلىپ كەتمەيدۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان مەھسۇلاتلار قارىماققا تەنتەربىيە بىلەن مۇناسىۋەتسىزدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما مۇۋاپىق پىلانلانسىلا تەنتەربىيە بىلەن باغلىغىلى بولىدۇ.

مەسىلەن: 2004-يىلى ئافېنادا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنتەربىيە مۇسابىقىسىدە، ۋېنجۇنىڭ ئاياغچىلىق كارخانىلىرى ئولىمپىكنىڭ بىۋاستە ياردەم قىلغۇچىسىغا ئايلىنالمىغان، بىراق ئۇلار ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن تەنتەربىيە بىلەن «يېقىنلىشىش» قا باشلىغان. خەلق باشقۇرۇشىدىكى كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاۋكاڭ ۋە كاڭنەي ھەر قايسىسى قىقاسچىلار گۇرۇپپىسىنى باشلاپ ئافېناغا كېلىپ جۇڭگو تەنھەرىكەتچىلىرى ئۈچۈن قىقاس-سۈرەن سالغان. ۋېنجۇلۇق تەنھەرىكەتچى جۇ چىنەن ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەندىن كېيىن، كاڭنەي گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى جىڭ شيۇكاڭ دەرھال 20 مىڭ يۈەننى ئۇنىڭ ئائىلىسىگە يەتكۈزۈپ رىغبەتلەندۈرگەن. ئاۋكاڭ گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى ئەينى ۋاقىتتا شياڭگاڭدا بولسىمۇ، ئۇ تېلېفون قىلىپ تۇنجى بولۇپ ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن ۋېنجۇلۇق تەنھەرىكەتچىنى 100 مىڭ يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاشنى قارار قىلغان، ھەمدە گېزىتكە چىقىرىپ قۇتلۇقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. گەرچە ئاۋكاڭ ۋە كاڭنەي ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە بىۋاستە قاتناشمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى بويىچە تەنتەربىيەگە «يېقىنلىشىپ»، كىشىلەرنىڭ دېققەت-ئېتىبارىنى ئۆزىگە قاراتقان.

يەنە مىسال كەلتۈرسەك، 2005-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگۇ خەلقئارا شاھمات مۇسابىقىسى» دە فاپەي گۇرۇھى تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ۋېنجۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئىسىم قويۇش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. ئۇلار يەنە خەلقئارا شاھماتچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، گرۇزىيە شاھمات ماھىرى ئەزفا.پىلېكسىۋېلنى چەتئەلنىڭ ياردىمىگە مەسئۇل قىلغان، بۇ دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئون نەچچە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ دېققەت-ئېتىبارىى قوزغاپ، فاپەي ئۈچۈن چوڭ كۆلەملىك ئېلان بولغان.

فاپەي گۇرۇھىنىڭ چەتئەل ئىشلىرىغا مەسئۇل بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى لى چۈنخۇڭ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ بۇ خىلدىكى ‹ تىنچ تەنتەربىيە ›  تۈرلىرىگە ياردەم قىلىش كارخانىنىڭ مەھسۇلاتىغا ماس كېلىپلا قالماستىن، يەنە كارخانىنىڭ داڭقىنى چىقىرىپ، ئىستېمالچىلارغا بىزنىڭ مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىگە ئەھمىيەت بېرىپلا قالماستىن، يەنە جەمئىيەتنىڭ ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش ئىشلىرىغىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويدى.››

ئۈچىنچى، نەزىرىمىزنى تەنتەربىيەنىڭ سوغۇق تۈرلىرىگىمۇ قارىتىشىمىز كېرەك.

تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە، گەرچە كىشىلەر تەنتەربىيەنىڭ قىزىق تۈرلىرىگە ناھايىتى ئېتىبار بەرسىمۇ، بىراق تەنتەربىيەنىڭ سوغۇق تۈرلىرىگىمۇ دېققەت قىلىش كېرەك. قىزىق تۈرلەر گەرچە كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرسىمۇ، بىراق سېلىنىدىغان مەبلەغ بىر قەدەر كۆپ. نۆۋەتتە تەنتەربىيەنىڭ سوغۇق تۈرلىرىگە قىزىقىدىغانلار ئاز بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل تۈرلەرگە قىزىقىدىغانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ دېققەت-ئېتىبارى چوقۇم ئۇ تەرەپلەرگە تىكىلىدۇ. كارخانىلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، مەبلەغ سېلىنمىسى ئاز، كىرىش ئاسان بولغاچقا، كېيىن مۇقىم تۇرغىلى ۋە كىشىلەرنىڭ نەزىرىگە ئىلىنغىلى بولىدۇ.

مەسىلەن: فۇجيەننىڭ ئەنتا گۇرۇھى دائىم تېيلىش پالىقى، ئويناقشىپ مېڭىش، غالتەك، ئۇيۇل تاش قاتارلىق تۈرلەرگە ياردەم قىلىدۇ، بۇ خىل تۈرلەر ئاللىقاچان ياشلارنىڭ ياختۇرۇشىغا ئېرىشكەن بولغاچقا، ئەنتا ياردەم قىلغان «ئەنتا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى» تېزلا كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى تارتىدۇ، شۇ سەۋەپتىن ئەنتا ئاللىقاچان ياشلار ئارىسىدىكى مودا ئېقىم ماركىسىغا ئايلاندى.

تۆتىنچى، شىركەتنىڭ ماركا ئوبرازىنى ئويلىشىش كېرەك.

تەنتەربىيە تەشۋىقاتنىڭ ھەممە مەھسۇلاتقا ماس كەلمەيدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى چوقۇم چۈشىنىش كېرەك. تەنتەربىيە تەشۋىقاتى ئېلىپ كېلىدىغان پايدىنى ماسلاشتۇرغاندا چوقۇم ماركا ئوبرازىنى ئويلىشىش كېرەك.

ۋېنجۇدىكى ئاياللار كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ ۋەكىللىك كارخانىلىرىدىن بىرى بولغان شۆگې كىيىم-كېچەكلىرى تەنتەربىيە تەشۋىقاتىغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدۇ، باش دىرېكتور چېن مىلى ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «نۆۋەتتە شىركىتىمىز تەنتەربىيە ئىشلىرىغا ياردەم قىلىشنى ئويلاشمايدۇ، ئاساسلىق سەۋەبى تەنتەربىيە تۈرلىرىنىڭ ئاساسىي تېمىسى بىلەن شۆگې ماركىسىنىڭ ئوبرازى ماس كەلمەيدۇ. ئايالچە كىيىم-كېچەك كارخانىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ قوغلىشىدىغىنىمىز لاتاپەت، مودىغا خاس ئۇسلۇبتۇر، شۇڭا بىز 2004-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 16-نۆۋەتلىك دۇنيا مودىل قىزلار مۇسابىقىسى قاتارلىق مۇراسىملارغا ياردەم قىلدۇق، بۇنىڭ كارخانىمىزغا نىسبەتەن پايدىسى تېخىمۇ چوڭ.»

كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، تەنتەربىيە تەشۋىقاتىدا چوقۇم مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى، ماركا ئوبرازى، ئېلان-تەشۋىقات خامچوتى ۋە كارخانا تەرەققىيات يۆلىنىشى قاتارلىق ئامىللارنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك، ھەرگىزمۇ قارىغۇلارچە مودا قوغلىشىپ زۆرۈر بولمىغان زىيانلارنى تارتىشقا بولمايدۇ.

ۋېنجۇلۇقلارنىڭ بايانى:

تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىگە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئارقىلىق كارخانىنىڭ پايدىسىنى تۈز سىزىق بويىچە يۇقىرى كۆتۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، تۆلىگەن بەدەل ۋە بىۋاستە ماددى پايدا ھەمىشە ئوڭ تاناسىپ بولمايدۇ. ئەمما كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن شەكىلسىز پايدىسى ناھايىتى زور، بىر تەرەپتىن كارخانىنىڭ داڭقىنى ئاشۇرۇپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ جياۋچادىيەنگە بولغان دېققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغىلى بولىدۇ؛ يەنە بىر تەرەپتىن، كارخانا جۇڭگونىڭ ئولىمپىك مۇسابىقە ئىشلىرى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپىسىنى قوشالايدۇ، كارخانىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، بۇ خىلدىكى دۇنياۋى دەرىجىلىك مۇسابىقىدە باش كۆتۈرۈشمۇ بىر شەرەپ ھېسابلىنىدۇ.

-ۋېنجۇ جياۋچاديەن كىيىم-كېچەكلىرىنىڭ باش دىرېكتورى چېڭ شىن


مەنبە: 时事出版社   نەشىر قىلغان

<< 温州人想的和你不一样 >>ناملىق كىتاب

2014-يىلى 24-قېتىملىق نەشىرى 

ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ