جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ توختام قانۇنى
1999 - يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى 9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999-يىل 3-ئاينىڭ 15-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 15-نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىنىپ، 1999-يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
ئومۇمىي پرىنسىپ
1 - باب ئومۇمىي بەلگىلىمە
1- ماددا بۇ قانۇن توختام تۈزۈشكۈچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرتىپىنى ساقلاش سە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.
2 -ماددا بۇ قانۇندا ئېيتىلغان توختام باراۋەر سوبيېكىت بولغان تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئوتتۇرىسىدا ھەق تەلەپ ھوقۇق-مەجبۇرىيەت مۇناسىۋىتىنى ئورنىتىش، ئۆزگەرتىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇشقا دائىر كېلىشىمنى كۆرسىتىدۇ.
نىكاھ، بېقىۋېلىش، ۋەسىيلىك قاتارلىق سالاھىيەت مۇناسىۋىتىگە دائىركېلىشىمگە باشقا قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
3 - ماددا توختام تۈزۈشكۈچىلەرنىڭ قانۇندىكى ئورنى باراۋەر بولىدۇ، بىر تەرەپنىڭ ئۆز ئىرادىسىنى يەنە بىر تەرەپكە تېڭىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
4- ماددا ئالاقىدارلار ئىختىيارلىق بىلەن توختام تۈزۈش ھوقۇقىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ قانۇنسىز ئارىلىشىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
5 -ماددا ئالاقىدارلار ھەر تەرەپنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادىللىق پرىنسىپى بويىچە بېكىتىش كېرەك.
6 -ماددا ئالاقىدارلار ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش، مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتا سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى كېرەك.
7 - ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىشتا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئىجتىمائىي ئەخلاققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي تەرتىپنى قالايمىقانلاشتۇرۇشقا، جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشكە بولمايدۇ.
8 - ماددا قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام ئالاقىدارلارنى قانۇن بويىچە چەكلەش كۈچىگە ئىگە. ئالاقىدار ئۆز مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك، توختامنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىۋېتىشكە ياكى بىكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.
قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.
2 - باب توختامنىڭ تۈزۈلۈشى
9 - ماددا ئالاقىدار توختام تۈزۈشتە مۇناسىپ ھەق تەلەپ ھوقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.
ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە يازما، ئاغزاكى ۋە باشقا شەكىللەرنى قوللىنىدۇ.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا يازما شەكىل قوللىنىش بەلگىلەنگەن بولسا، يازما شەكىل قوللىنىش كېرەك، ئالاقىدارلار يازما شەكىلنى قوللىنىشىنى پۈتۈشكەن بولسا، يازما شەكىلنى قوللىنىش كېرەك.
11 - ماددا يازما شەكىل توختامنامە، خەت-چەك ۋە سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى (جۈملىدىن تېلېگرامما، تېلېكس، فاكس، ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇمات ئالماشتۇرۇش ۋە ئېلېكترون يوللانمىسى) قاتارلىق مەزمۇنىنى شەكلەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان شەكىلنى كۆرسىتىدۇ.
12 - ماددا توختام مەزمۇنىنى ئالاقىدارلار پۈتۈشىدۇ. ئۇ ئومۇمەن تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
(1) ئالاقىدارلارنىڭ نامى ياكى ئىسىم فامىلىسى ۋە ئولتۇرۇشلۇق جايى؛
(2) نىشان؛
(3) سان؛
(4) سۈپەت؛
(5) مال پۇلى ياكى ھەق؛
(6) ئىجرا مۆھلىتى، ئورنى ۋە ئۇسۇلى؛
(7) خىلاپلىق جاۋابكارلىقى؛
(8) تالاشنى ھەل قىلىش چارىسى.
ئالاقىدارلار توختامنى توختام ئۈلگىلىرىدىن پايدىلىنىپ تۈزسە بولىدۇ.
13- ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە چاقىرىق، ۋەدە ئۇسۇلىنى قوللىنىدۇ.
14 - ماددا چاقىرىق باشقىلار بىلەن توختام تۈزۈش ئارزۇسىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئارزۇ تۆۋەندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك:
(1) مەزمۇنى كونكرېت بولۇش؛
(2) چاقىرىلغۇچى ۋەدە بەرگەن ھامان، چاقىرغۇچى شۇ ئارزۇ بىلەن چەكلىنىدىغان بولۇش.
15 - ماددا چاقىرىق تەكلىپى باشقىلارنىڭ چاقىرىق قىلىشىنى ئازرۇ قىلىشتۇر. ئەۋەتىلگەن باھا جەدىۋىلى، كىمئارتۇق سودىسى ئېلانى، خېرىدار چاقىرىش ئېلانى، پاي چېكىگە خېرىدار چاقىرىش چۈشەندۈرمىسى، سودا ئېلانى قاتارلىقلار چاقىرىق تەكلىپى ھېسابلىنىدۇ.
سودا ئېلانىنىڭ مەزمۇنى چاقىرىق بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن بولسا، چاقىرىق دەپ قارىلىدۇ.
17- ماددا چاقىرىق چاقىرىلغۇچى يەتكۈزۈلگەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى شەكلى بىلەن توختام تۈزۈشتە، تاپشۇرۇۋالغۇچى سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتىنى مۇئەييەن سىستېما بىلەن تاپشۇرۇۋېلىشنى بېكىتكەن بولسا، شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى مۇشۇ مۇئەييەن سىستېما كىرگۈزۈلگەن ۋاقىت قولغا تەگكەن ۋاقىت دەپ قارىلىدۇ؛ مۇئەييەن سىستېمىغا بېكىتىلمىگەن بولسا، شۇ سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ھەرقانداق بىر سىستېمىسىغا تۇنجى كىرگۈزۈلگەن ۋاقىت قولغا تەگكەن ۋاقىت دەپ قارىلىدۇ.
18 - ماددا چاقىرىقتىن يېنىۋېلىشقا بولىدۇ. چاقىرىقتىن يېنىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى چاقىرىلغۇچىغا تېگىشتىن بۇرۇن ياكى چاقىرىق بىلەن تەڭ چاقىرىلغۇچىغا تېگىشى كېرەك.
19 -ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللاردىن بىرىدە چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ:
(1) چاقىرغۇچى ۋەدە مۆھلىتىنى بېكىتكەن ياكى چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى باشقا شەكىل بىلەن ئېنىق ئىپادىلىگەن بولسا؛
(2) چاقىرىلغۇچىنىڭ چاقىرىقنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ، دەيدىغان ئاساسى بولسا ھەمدە توختامنى ئىجرا قىلىش تەييارلىقى بولسا.
20 - ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە چاقىرىق كۈچتىن قالىدۇ:
(1) چاقىرىقنى رەت قىلىش ئۇقتۇرۇشى چاقىرغۇچىغا تەگكەن بولسا؛
(2) چاقىرغۇچى چاقىرىقنى قانۇن بويىچە بىكار قىلغان بولسا؛
(3) ۋەدە مۇددىتى توشسىمۇ، چاقىرىلغۇچى ۋەدە بەرمىگەن بولسا؛
(4) چاقىرىلغۇچى چاقىرىق مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك ئۆزگەرتكەن بولسا.
21 -ماددا ۋەدە چاقىرىلغۇچىنىڭ چاقىرىققا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
22-ماددا ۋەدە ئۇقتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلىشى كېرەك، لېكىن سودىلىشىش ئادىتى ياكى چاقىرىق بويىچە ھەرىكەت ئارقىلىق ۋەدە بېرىشكە بولىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
23 -ماددا ۋەدە چاقىرىقتا بېكىتىلگەن مۆھلەتتە چاقىرغۇچىغا تېگىشى كېرەك.
چاقىرىقتا ۋەدە مۆھلىتى بېكىتىلمىگەن بولسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە بويىچە تېگىشى كېرەك:
(1) چاقىرىق سۆزلىشىش ئۇسۇلى بىلەن بېرىلگەن بولسا، شۇ ھامان ۋەدە بېرىلىشى كېرەك، لېكىن ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا؛
(2) چاقىرىق سۆزلىشىشتىن باشقا ئۇسۇل بىلەن بېرىلگەن بولسا، ۋەدە مۇۋاپىق مۆھلەتتە تېگىشى كېرەك.
24 -ماددا چاقىرىق خەت-چەك ياكى تېلېگرامما شەكلى بىلەن قىلىنغان بولسا، ۋەدە مۆھلىتى خەت-چەكتىكى ۋاقىت ياكى تېلېگرامما بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر خەت-چەكتىكى ۋاقىت ئېنىق بولمىغان بولسا شۇ خەت-چەككە بېسىلغان پوچتا تامغىسىدىكى ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. چاقىرىق تېلېفن، فاكس قاتارلىق تېز خەۋەرلىشىش ئۇسۇلى بىلەن قىلىنغان بولسا، ۋەدە مۆھلىتى چاقىرىق چاقىرىلغۇچىغا تەگكەن ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ.
25 -ماددا ۋەدە كۈچكە ئىگە بولغاندا توختام تۈزۈلگەن ھېسابلىنىدۇ.
26 -ماددا ۋەدە ئۇقتۇرۇشى چاقىرغۇچىغا تەگكەندە كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ۋەدىنى ئۇقتۇرۇش ھاجەتسىز بولسا، سودىلىشىش ئادىتى ياكى چاقىرىقتىكى تەلەپ بويىچە ۋەدە ھەرىكىتى بولغاندا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
توختام سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى شەكلى بىلەن تۈزۈلگەن بولسا، ۋەدە تېگىش ۋاقتى مۇشۇ قانۇننىڭ 16-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
27-ماددا ۋەدىدىن يېنىۋېلىشقا بولىدۇ. ۋەدىدىن يېنىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى ۋەدە ئۇقتۇرۇشى چاقىرغۇچىغا تېگىشتىن بۇرۇن ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ تېگىشى كېرەك.
28 -ماددا چاقىرىلغۇچىنىڭ ۋەدە مۆھلىتى ئۆتكەندىن كېيىن بەرگەن ۋەدىسى يېڭى چاقىرىق ھېسابلىنىدۇ، چاقىرغۇچى چاقىرىلغۇچىغا شۇ ۋەدىنىڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
29 -ماددا چاقىرىلغۇچى ۋەدە مۆھلىتىدە ۋەدە بەرگەن بولسا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا ئۇنى چاقىرغۇچىغا ۋاقتىدا تەگكۈزگىلى بولىدۇ. لېكىن ۋەدە چاقىرىلغۇچىغا تەگكەندە ۋەدە مۆھلىتى باشقا سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۆتۈپ كەتسە، بۇ ۋەدە كۈچكە ئىگە بولىدۇ، چاقىرغۇچى ۋەدە مۆھلىتى ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ئۇنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى چاقىرىلغۇچىغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
30 -ماددا ۋەدىنىڭ مەزمۇنى اقىرىقنىڭ مەزمۇنى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. چاقىرىلغۇچى مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك ئۆزگەرتكەن چاقىرىق يېڭى چاقىرىق بولىدۇ. توختام نىشانى، سانى، سۈپىتى، مال پۇلى ياكى ھەق، ئىجرا مۆھلىتى، ئورنى ياكى ئۇسۇلى، خىلاپلىق جاۋابكارلىقى ۋە تالاشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىش چاقىرىق مەزمۇنىنى ماھىيەتلىك ئۆزگەرتكەنلىك ھېسابلىنىدۇ.
31 -ماددا چاقىرغۇچى چاقىرىق مەزمۇنىنى ھەرقانداق ئۆزگەرتىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلدۈرگەن ياكى ۋەدىدە چاقىرىق مەزمۇنىنى ھەرقانداق ئۆزگەرتىشكە بولمايدىغانلىقىنى بىلردۈرگەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، چاقىرىق مەزمۇنى ماھىيەتسىز ئۆزگەرتىلگەن ۋەدە كۈچىگە ئىگە بولىدۇ، توختام مەزمۇنىدا ۋەدە مەزمۇنى ئۆلچەم قىلىنىدۇ.
32 -ماددا ئالاقىدارلار توختامنى توختامنامە شەكلىدە تۈزگەن بولسا، ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان چاغدىن باشلاپ توختام پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ.
33 -ماددا ئالاقىدارلار توختامنى خەت-چەك، سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى قاتارلىق شەكىللەردە تۈزۈشكەن بولسا، توختام پۈتۈشتىن ئىلگىرى ئېتىراپنامە تۈزۈشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئېتىراپنامە تۈزۈلگەندە توختام پۈتكەن بولىدۇ.
34 -ماددا ۋەدە كۈچكە ئىگە بولغان جاي توختام پۈتكەن جاي ھېسابلىنىدۇ.
توختام سانلىق مەلۇماتلىق ئېلېكترون ھۆججىتى شەكلىدە تۈزۈلگەن بولسا، تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت ئورنى توختام پۈتكەن جاي بولىدۇ. ئاساسلىق تىجارەت ئورنى بولمىسا، ئۇنىڭ دائىم تۇرۇشلۇق جايى توختام پۈتكەن جاي بولىدۇ. ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى شۇ بويىچە بولىدۇ.
35 -ماددا ئالاقىدارلار توختامنى توختامنامە شەكلىدە تۈزگەن بولسا، ئىككى تەرپە ئىمزا قويغان ياكى تامغا باسقان جاي توختام پۈتكەن جاي ھېسابلىنىدۇ.
36 -ماددا توختامنى يازما شەكىلدە تۈزۈش قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ياكى ئۇنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئالاقىدارلار يازما شەكىل قوللانمىغان، لېكىن بىر تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغان، يەنە بىر تەرەپ ئۇنى قوبۇل قىلغان بولسا، بۇ توختام پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ.
37 -ماددا توختامنامە شەكلى بىلەن تۈزۈلگەن توختامغا ئىمزا قويۇش ياكى تامغا بېسىشتىن بۇرۇن، بىر تەرەپ ئاساسلىق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان، ئۇنى قارشى تەرەپ قوبۇل قىلغان بولسا، بۇ توختام پۈتكەن ھېسابلىنىدۇ.
38 -ماددا دۆلەت ئېھتىياجىغا قاراپ بۇيرۇق ۋەزىپە ياكى مال زاكاز ۋەزىپىسى چۈشۈرگەندە، ئالاقىدار قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلار ئالاقىدار قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرگە ئاساسەن توختام تۈزۈشۈشى كېرەك.
39 -ماددا ئەندىزىلىك ماددا شەكلىدە توختام تۈزۈشتە، ئەندىزىلىك ماددا تەييارلىغۇچى تەرەپ ئالاقىدارلارنىڭ ھوقۇق مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادىللىق پرىنسىپى بويىچە بېكىتىىش ھەمدە جاۋابكارلىق كەچۈرۈم قىلىنىدىغان ياكى چەكلىنىدىغان ماددىلارغا دىققەت قىلىشنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن قارشى تەرەپنىڭ سەمىگە سېلىشى، قارشى تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە، بۇ ماددىلارغا ئىزاھات بېرىشى كېرەك.
ئەندىزىلىك ماددىلار ئالاقىدارلار تەكرار ئىشلىتىش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىۋالغان ھەمدە توختام تۈزۈشتە قارشى تەرەپ بىلەن مەسلىھەتلەشمىگەن ماددىلاردۇر.
40 -ماددا ئەندىزىلىك ماددىلاردا مۇشۇ قانۇننىڭ 52-، 53-ماددىلىرىدا بەلگىلەنگەن ئەھۋاللار كۆرۈلسە ياكى ئەندىزىلىك ماددا تەييارلىغۇچى ئۆز جاۋابكالرىقىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە، قارشى تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئېغىرلاشتۇرىۋەتسە ۋە ئاساسلىق ھوقۇقىنى يوققا چىقىرىۋەتسە، بۇ ماددىلار كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
41 -ماددا ئەندىزىلىك ماددىلارنى چۈشىنىشتە تالاش كۆرۈلسە، ئادەتتىكى چۈشەنچە بويىچە ئىزاھات بېرىش كېرەك. ئەندىزىلىك ماددىغا ئىككى خىلدىن كۆپ ئىزاھات بېرىلگەن بولسا، ئەندىزىلىك ماددا تەييارلىغۇچىغا پايدىسىز ئىزاھات بېرىش كېرەك. ئەندىزىلىك ماددا بىلەن ئەندىزىسىز ماددا بىردەك بولمىسا، ئەندىزىسىز ماددىنى قوللىنى شكېرەك.
42 -ماددا ئالاقىدارلاردىن توختام تۈزۈش جگريانىدا تۆۋەندىكى ئەھۋاللانىڭ بىرىنى سادىر قىلىپ قارشى تەرەپكە زىيان سالغانلىرى زىياننى تۆلەش جاۋابكالرىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك:
(1) توختام تۈزۈشنى سۈيئىستىمال قىلىپ، يامان غەرەزدە كېڭەشكەنلىرى؛
(2) توختام تۈزۈشكە ئالاقىدار مۇھىم پاكىتلارنى قەستەن يوشۇرغانلىرى ياكى ساختا ئەھۋال يەتكۈزگەنلىرى؛
(3) سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا خىلاپ باشقا قىلمىشى بولغانلىرى.
43 -ماددا توختام پۈتكەن-پۈتمىگەنلىكىدىن قەتئىينەزەر ئالاقىدارلارنىڭ توختام تۈزۈش جەريانىدا بىلىپ قالغان سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇشىغا ياكى ئۇنىڭدىن يولسىزلىق بىلەن پايدىلىنىشىغا يول قويۇلمايدۇ. شۇ سودا مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاپ قويۇش ياكى ئۇنىڭدىن يولسىزلىق بىلەن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپكە زىيان يەتكۈزگەنلەر زىياننى تۆلەش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
3 -باب توختامنىڭ كۈچى
44 -ماددا قانۇن بويىچە پۈتكەن توختام پۈتكەن ۋاقتىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا تەستىقلىتىش، تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگەندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
45 -ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ھەققىدە قوشۇمچە شەرتلەرنى پۈتۈشسە بولىدۇ. كۈچكە ئىگە بولۇش شەرتى قويۇلغان توختام شەرت ھازىرلانغاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بىكار قىلىش شەرتى قويۇلغان توختام شەرت ھازىرلانغنادىن باشلاپ كۈچتىن قالىدۇ.
ئالاقىدارلار ئۆزى مەنپەئىتىنى كۆزلەپ شەرتنىڭ ھازىرلىنىشىغا يولسىزلىق بىلەن توسقۇنلۇق قىلسا، شەرت ھازىرلاندى دەپ قارىلىدۇ؛ شەرتنى يولسىزلىق بىلەن ھازىرلىغان بولسا، شەرت ھازىرلانمىدى، دەپ قارىلىدۇ.
46 -ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ كۈچى ھەققىدە قوشۇمچە مۆھلەت پۈتۈشسە بولىدۇ. كۈچكە ئىگە بولۇش مۆھلىتى بولغان توختام مۆھلەت توشقاندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئاخىرلاشتۇرۇش مۆھلىتى بولغان توختام مۆھلەت توشقاندىن باشلاپ كۈچتىن قالىدۇ.
47 -ماددا ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارى چەكلىك بولغانلار تۈزگەن توختام قانۇندا بەلگخلەنگەن ۋاكالەتچى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، لېكىن ساپ پايدا توختامى ياكى يېشى، زېھنى، روھىي ساغلاملىقىغا يارىشا تۈزۈلگەن توختامنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ھاجەتسىز.
ئاداچى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئېتىراپ قىلىپ بېرىشىنى سۈيلىسە بولىدۇ. قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋاكالەتچى ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى، دەپ قارىلىدۇ. توختام ئېتىراپ قىلىنىشتىن بۇرۇن، ياخشى نىيەتلىك ئاداچىنىڭ توختامنى بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بىكار قىلىشتا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
48 -ماددا ھەرىكەت قىلغۇچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ، ۋاكالەتچلىك ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامىدا تۈزگەن توختام ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىسا، ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، جاۋابكارلىقنى ھەرىكەت قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
ئاداچى ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ بىر ئاي ئىچىدە ئېتىراپ قىلىپ بېرىشىنى سۈيلىسە بولىدۇ. ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچى ئىپادە بىلدۈرمىسە، ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلدى، دەپ قارىلىدۇ. توختام ئېتىراپ قىلىنىشتىن ئىلگىرى، ياخشى نىيەتلىك ئاداچىنىڭ بىكار قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ. بىكار قىلىشتا ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
49 -ماددا ھەرىكەت قىلغۇچى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بولماي تۇرۇپ، ۋاكالەتلىك ھوقۇقىدىن ھالقىپ ياكى ۋاكالەتلىك ھوقۇقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋاكالەتلىك قىلىنغۇچىنىڭ نامىدا توختام تۈزگەندە، ئاداچىنىڭ ھەرىكەت قىلغۇچىنىڭ ۋاكالەتلىك ھوقۇقى بارلىقىغا ئىشىنىش ئاساسى بولسا، بۇ ۋاكالەتلىك ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
50 -ماددا قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، مەسئۇلى ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ توختام تۈزگەن بولسا، ئاداچى ئۇنىڭ ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بۇ ۋەكىللىك ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
51 -ماددا بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان كىشى باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى بىر ياقلىق قىلىشتا، ھوقۇق ئىگىسى ئېتىراپ قىلغان ياكى بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقى بولمىغان كىشى توختام تۈزۈشكەندىن كېيىن بىر ياقلىق قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن بولسا، بۇ توختام كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
52 -ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە توختام كۈچكە ئىگە بولمايدۇ:
(1) بىر تەرەپ ئالداش، زورلاش ۋاسىتىسى بىلەن توختام تۈزۈپ، دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان سالسا؛
(2) يامان نىيەتتە تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سالسا؛
(3) قانۇنسىز مەقسەتنى قانۇنلۇق شەكىل بىلەن يوشۇرسا؛
(4) جامائەت مەنپەئىتىگە زىيان سالسا؛
(5) قانۇن، مەمۇرىي نىزامدىكى مەجبۇرلاش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلسا.
53 -ماددا توختامدا جاۋابكارلىقنى كەچۈرۈم قىلىشقا دائىر تۆۋەندىكى مەزمۇنلار كۈچكە ئىگە ئەمەس:
(1) قارشى تەرەپنى جىسمانىي جەھەتتىن زەخىملەندۈرۈش؛
(2) قەستەن ياكى زور سەۋەنلىك بىلەن قارشى تەرەپنىڭ مال-مۈلكىگە زىيان سېلىش.
54 -ماددا بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىغا تۆۋەندىكى توختاملارنى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشنى ئىلتىماس قىلىشقا ھوقۇقلۇق:
(1) زور ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن تۈزۈلگەن؛
(2) تۈزۈلگەندىلا ئادىل بولمىغان.
بىر تەرەپ ئالداش، زورلاش ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، قارشى تەرەپنى ھەقىقىي ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا تۈزدۈرگەن توختامنى زىيانغا ئۇچرىغۇچى ئۆزگەرتىش ياكى بىكار قىلىشنى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
ئالاقىدار ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلغانلىرىنى خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتى بىكار قىلىۋەتسە بولمايدۇ.
55 -ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ:
(1) بىكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئالاقىدارلار بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىلغىچە بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزمىگەن بولسا؛
(2) بىكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئالاقىدارلار بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەندىن كېيىن، بىكار قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئېنىق بىلدۈرگەن ياكى ئۆز ھەرىكىتدە ئىپادىلىگەن بولسا.
56 -ماددا كۈچكە ئىگە ئەمەس توختام ياكى بىكار قىلىنغان توختامنى باشتىنلا قانۇنىي چەكلەش كۈچى بولمايدۇ. توختامنىڭ قىسمەن كۈچكە ئىگە بولماسلىقى باشقا قىسىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمىسە، باشقا قىسىمى يەنىلا كۈچكە بولىۋېرىدۇ.
57 -ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولمىسا، بىكار قىلىنسا ياكى ئاخىرلاشسا، ئۇنىڭدىكى تالاشنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىغا دائىر مۇستەقىل ماددىلارنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتمەيدۇ.
58 -ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولمىغان ياكى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن، شۇ توختام ئارقىلىق ئېرىشكەن مال-مۈلۈك قايتۇرۇلۇشى كېرەك. قايتۇرۇشقا بولمىسا ياكى قايتۇرۇش ھاجەتسىز بولسا، باھاغا سۇندۇرۇپ تۆلەم بېرىلىشى كېرەك. سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ بۇنىڭلىق بىلەن قارشى تەرەپكە سالغان زىياننى تۆلەپ بېرىشى لازىم، سەۋەنلىك ئىككى تەرەپتە بولسا، ئىككىلا تەرەپ مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
59 -ماددا ئالاقىدارلار يامان نىيەتتە تىل بېرىكتۈرۈۋېلىپ، دۆلەت، كوللېكتىپ ياكى ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ ئېرىشكەن مال-مۈلۈك دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈلىدۇ ياكى كوللېكتىپ ۋە ئۈچىنچى كىشىگە قايتۇرۇلىدۇ
.
4 -باب توختامنىڭ ئىجرا قىلىنىشى
60 -ماددا ئالاقىدارلار مەجبۇرىيىتىنى پۈتۈشكىنى بويىچە تولۇق ئادا قىلىشى كېرەك.
ئالاقىدار سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشى، توختامنىڭ خاراكتېرى، مەقسىتى ۋە سودىلىشىش ئادىتىگە ئاساسەن، ئۇقتۇرۇش قىلىش، ھەمكارلىشىش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىىشى كېرەك.
61 -ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولغاندى كېيىن، ئالاقىدارلار سۈپەت، مال پۇلى ياكى ھەق، توختام ئىجرا قىلىنىدىغان جاي قاتارلىق مەزمۇنلارنى پۈتۈشمىگەن ياكى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، كېڭوىشىپ تولۇقلىسا بولىدۇ؛ قوشۇمچە كېلىشىم ھاسىل قىلالمىغانلىرى توختامدىكى ئالاقىدار ماددىلار ياكى سودىلىشىش ئادىتى بويىچە بېكىتىدۇ.
62 -ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، مۇشۇ قانۇننىڭ 61-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچىمۇ بېكىتكىلى بولمىسا، تۆۋەندىكى بەلگىلىمە تەتبىقلىنىدۇ:
(1) سۈپەت تەلىپ ىئېنىق بولمىغانلىرىدا دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ دۆلەت ئۆلچىمى، ساھە ئۆلچىمى بولمىغانلىرىدا ئادەتتىكى ئۆلچەم ياكى توختامدىكى مەقسەتكە ئۇيغۇن مۇئەييەن ئۆلچەم ئىجرا قىلىنىدۇ.
(2) مال پۇلى ياكى ھەق ئېنىق بولمىغانلىرىدا توختام تۈزۈلگەندە ئىجرا قىلىنغان جاينىڭ بازار باھاسى ئىجرا قىلىنىدۇ؛ قانۇن بويىچە ھۆكۈمەت بېكىتكەن باھا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىنىدغانلىرىدا شۇ بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىدۇ.
(3) ئىجرا قىلىنىدىغان جاي ئېنىق بولماي پۇل بېرىلىدىغانلىرى پۇل ئالغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ كۆچمەس مۈلۈك تاپشۇرىدىغانلىرىدا شۇ مۈلۈك بار جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باشقا نىشانلار مەجبۇرىيەت ئادا قىلغۇچى تۇرۇشلۇق جايدا ئىجرا قىلىنىدۇ.
(4) ئىجرا مۆھلىتى ئېنىق بولمىغاندا قەرزدار مەجبۇرىيەتنى ھەر ۋاقىت ئادا قىلسا بولىدۇ، ھەقدارمۇ ئىجرا قىلىشنى ھەر ۋاقىت تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن قارشى تەرەپكە يېتەرلىك تەييارلىق ۋاقتى بېرىش لازىم.
(5) ئىجرا ئۇسۇلى ئېنىق بولمىغانلىرى توختامدىكى مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا پايدىلىق ئۇسۇل بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.
(6) كىمنىڭ ئۈستىگە ئېلىشى ئېنىق بولمىغان ئىجارە خىراجىتىنى مەجبۇرىيەت ئادا قىلغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
63 -ماددا ھۆكۈمەت بېكىتمە باھاسىياكى ھۆكۈمەت يېتەكچى باھاسى ئىجرا قىلىنىدىغان توختامدىكى ھۆكۈمەت باھاسى پۈتۈشكەن تاپشۇرۇش مۆھلىتى ئىچىدە تەڭشەلسە، باھا تاپشۇرۇش ۋاقتىدىكى باھا بويىچە ھېسابلىنىدۇ. نىشان نەرسىنى تاپشۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ، باھانىڭ ئۆرلەپ كېتىشىگە توغرا كېلىپ قالسا، ئەسلىي باھا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باھا چۈشۈپ كەتكەن بولسا، يېڭى باھا ئىجرا قىلىنىدۇ. نىشان نەرسىنى ئېلىش مۇددىتى ياكى پۇل تاپشۇرۇش مۇددىتى ئۆتۈپ كېتىپ، باھانىڭ ئۆرلىگەن ۋاقتىدا توغرا كېلىپ قالسا، يېڭى باھا ئىجرا قىلىنىدۇ؛ باھا چۈشۈپ كەتكەن بولسا، ئەسلىي باھا ئىجرا قىلىنىدۇ.
64 -ماددا ئالاقىدارلار قەرزدار قەرزنى ئۈچىنچى كىشىگە تۆلەيدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسىمۇ، قەرزدار قەرزنى ئۈچىنچى كىشىگە تۆلىمىسە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، ھەقدار ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
65 -ماددا ئالاقىدارلار ئۈچىنچى كىشى قەرزنى ھەقدارغا تۆلەيدۇ، دەپ پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئۈچىنچى كىشى قەرزنى تۆلىمىسە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، قەرزدار ھەقدار ئالدىدا خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
66 -ماددا ئالاقىدارلار ئۆزئارا قەرز تۆلەشتە ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بولمىسا، بىرلا ۋاقىتتا تۆلىشى كېرەك، قارشى تەرەپ قەرز تۆلەشتىن بۇرۇن يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭ تۆلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. قارشى تەرەپ قەرزنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، يەنە بىر تەرەپ ئۇنىڭ مۇناسىپ تۆلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
67 -ماددا ئالاقىدارلار ئۆزئارا قەرز تۆلەشتە ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بولسىمۇ، ئاۋۋال تۆلىگۈچى تۆلىمىگەن بولسا، كېيىن تۆلىگۈچى ئۇنىڭ تۆلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاۋۋال تۆلىگۈچى قەرزنى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، كېيىن تۆلىگۈچى ئۇنىڭ مۇناسىپ تۆلىتىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
68 -ماددا قەرزنى ئاۋۋال تۆلەيدىغان ئالاقىدارلارنىڭ قارشى تەرەپتە تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ھەقىقىي دەلىل-ئىسپاتى بولسا، تۆلەشنى توختىتىپ تۇرسا بولىدۇ:
(1) تىجارەت ئەھۋالى ئېغىر دەرىجىدە ناچارلىشىش؛
(2) قەرزدىن قېچىش مەقسىتىدە، مال-مۈلكىنى يۆتكىۋېتىش، مەبلىغىنى ئېلى كېتىش؛
(3) سودا ئىناۋىتىنى يوقىتىش؛
(4) قەرز تۆلەش ئىقتىدارىدىن قېلىش ياكى ئىقتىدارىدىن قېلىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ئەھۋاللار.
ئالاقىدارلار ھەقىقىي دەلىل-ئىسپاتى بولماي تۇرۇپ قەرز تۆلەشنى توختىتىپ قويسا، خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
69 -ماددا ئالاقىدارلار مۇشۇ قانۇننىڭ 68-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىجرانى توختىتىپ تۇرۇشتا، قارشى تەرەپكە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى لازىم. قارشى تەرەپ مۇۋاپىق كېپىللىك بەرگەندە، ئىجرا ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. ئىجرا توختىتىپ قويۇلغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ ئىجرا ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق مۆھلەتتە ئەسلىگە كەلتۈرلمىسە ھەمدە مۇۋاپىق كېپىللىكمۇ بەرمىسە، ئىجرانى توختىتىپ قويغۇچى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
70 -ماددا ھەقدار ئايرىلىپ كەتكەنلىكى، قوشۇلۇپ كەتكەنلىكى ياكى ئولتۇرۇشلۇق جايىنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى قەرزدارغا ئۇقتۇرماي، قەرز تۆلەشكە قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان بولسا، قەرزدار قەرز تۆلەشنى توختىتىپ تۇرسا ياكى نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ.
71 -ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قەرز تۆلىشىنى رەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن مۇددەتتىن بۇرۇن قەرز تۆلىسە ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
قەرزدارنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن قەرز تۆلىشى تۈپەيلىدىن كۆپەيگەن ھەقدارنىڭ چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
72 -ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرزنىڭ بىر قىسمىنى تۆلىشىنى رەت قىلسا بولىدۇ، لېكىن بىر قىسىمىنى تۆلىسە ھەقدارنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتمەيدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
قەرزدارنىڭ قەرزىنىڭ بىر قىسىمىنى تۆلىشى تۈپەيلىدىن كۆپەيتگەن ھەقدارنىڭ چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
73 -ماددا قەرزدار ئۆزىنىڭ قەرەلى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە سۇسلۇق قىلىپ ھەقدارغا زىيان يەتكۈزسە، ھەقدار خلەق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقىنى ئۆز نامىدا ئورۇن بېسىپ يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ، لېكىن بۇ ھەقدارلىقنىڭ قەرزدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئورۇن بېسىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دائىرىسى ھەقدارنىڭ ھەقدارلىقى بىلەن چەكلىنىدۇ. ھەقدارنىڭ ئورۇن بېسىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى زۆرۈر چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
74 -ماددا قەرزدار ئۆزىنىڭ قەرەلى توشقان ھەقدارلىق ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىپ ياكى مال-مۈلكىنى ھەقسىز ئۆتۈنۈپ بېرىپ ھەقدارغا زىيان سالسا، ھەقدار خەلق ھوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەرىكىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. قەرزدار مال-مۈلكىنى روشەن نامۇۋاپىق تۆۋەن باھادا ئۆتۈنۈپ بېرىپ، ھەقدارغا زىيان سالسا ھەمدە ئۆتۈنمە قوبۇل قىلغۇچى بۇ ئەھۋالنى بىلگەندىمۇ، ھەقدار خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قەرزدارنىڭ ھەرىكىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش دائىرىسى ھەقدارنىڭ ھەقدارلىق ھوقۇقى بىلەن چەكلىنىدۇ. ھەقدارنىڭ بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتىكى زۆرۈر چىقىمىنى قەرزدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
75 -ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقى ھەقدار بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە يۈرگۈزۈلىدۇ. قەرزدارنىڭ ھەرىكىتى يۈز بەرگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىل ئىچىدە بىكار قىلىش ھوقۇقى يۈرگۈزۈلمىسە، بۇ بىكار قىلىش ھوقۇقى يوقىلىدۇ.
76 -ماددا توختام كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالاقىدارلارنىڭ ئىسىم فامىلىسى، نامىنىڭ ئۆزگىرىشى ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋەكىلى، مەسئۇلى ۋە بېجىرگۈچىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن توختام مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماسلىقىغا يول قويۇلمايدۇ
.
5-باب توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىشى ۋە ئۆتۈنۈپ بېرىلىشى
77 -ماددا ئالاقىدارلار كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندە، توختامنى ئۆزگەرتسە بولىدۇ.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توختامنى ئۆزگەرتىشتە تەستىقلىتىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
78 -ماددا ئالاقىدارلار توختامنىڭ ئۆزگەرتىلىدىغان مەزمۇنىنى ئېنىق پۈتۈشمىگەن بولسا، ئۆزگەرتىلمىگەن دەپ قارىلىدۇ.
79 -ماددا ھەقدار توختامدىكى ھوقۇقىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسىمىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ، لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:
(1) توختامنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىرى؛
(2) ئالاقىدارلارنىڭ پۈتۈشكىنى بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىرى؛
(3) قانۇندا بەلگىلەنگىنى بويىچە ئۆتۈنۈپ بېرىشكە بولمايدىغانلىرى.
80 -ماددا ھەقدارلاردىن ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىدىغانلىرى قەرزدارغا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇقتۇرمىغانلىرىنىڭ ئۆتۈنۈپ بېرىشى قەرزدار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
ھەقدارنىڭ ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى بىكار قىلىشقا بولمايدۇ، لېكىن ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچى ماقۇل بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
81 -ماددا ھەقدار ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچى ھەقدارلىققا ئالاقىدار قوشۇمچە ھوقۇققا ئېرىشىدۇ، لېكىن، بۇنداق قوشۇمچە ھوقۇقلاردىن ھەقدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
82 - ماددا قەرزدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۆتۈنگۈچى رەددىيە بەرمەكچى بولسا، ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچىغا تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.
83 -ماددا قەرزدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندىنكېيىن، ئۆتۈنگۈچى رەددىيە بەرمەكچى بولسا، ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچىغا تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.
83 -ماددا قەرزدار ھەقدارلىقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ئۇقتۇرۇشىنى تاپشۇرۇۋالغاندا ئۆتۈنگۈچى ئالدىدا ھەقدارلىقى بولسا ھەمدە قەرزدارنىڭ ھەقدارلىق مۇددىتى ئۆتۈنۈپ بېرىلگن ھەقدارلىق مۇددىتىدىن بالدۇر توشسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ توشسا، قەرزدار ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچىغا بالانس قىلىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.
84 -ماددا قەرزدارلاردىن توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى ئۈچىنچى كىشىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىدىغانلىرىدا ھەقدارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى كېرەك.
85 -ماددا قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، يېڭى قەرزدار ئەسلىي قەرزدارغا ھەقدارغا رەددىيە بېرىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.
86 -ماددا قەرزدار مەجبۇرىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسا، يېڭى قەرزدار ئاساسىي قەرزگە ئالاقىدار قوشۇمچە قەرزنى ئۈستىگە ئالىدۇ. لېكىن قوشۇمچە قەرزنى ئەسلىي قەرزدارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
87 -ماددا قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ھوقۇقنى ئۆتۈنۈپ بېرىش ياكى مەجبۇرىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشتە تەستىقلىتىش، تىزىمغا ئالدۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش بەلگىلەنگەنلىرى شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
88 -ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن، ئۆزىنىڭ توختامدىكى ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئۈچىنچى كىشىگە بىراقلا ئۆتۈنۈپ بەرسە بولىدۇ.
89 -ماددا ھوقۇق بىلەن مەجبۇرىيەتنى بىراقلا ئۆتۈنۈنپ بېرىشتە مۇشۇ قانۇننىڭ 79-ماددىسىدىكى، 81-ماددىسىدىن 83-ماددىسىغىچە ھەم 85-ماددىسىدىن 87-ماددىسىغىچە بولغان ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ.
90 -ماددا ئالاقىدارلار توختام تۈزگەندىن كېيىن قوشۇلۇپ كەتسە، قوشۇلغان قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار توختامدىكى ھوقۇقنى يۈرگۈزىدۇ ھەم توختامدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىدۇ. ئالاقىدارلار توختام تۈزگەندىن كېيىن ئايرىلىپ كەتسە، ھەقدار بىلەن قەرزدارنىڭ ئايرىم پۈتۈشكەنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئايرىلىپ كەتكەن قانۇنىي ئىگە ياكى باشقا تەشكىلاتلار توختامدىكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەت ئالدىدا چاتما ھەقدارلىقتىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم چاتما قەرزنى تۆلەيدۇ.
6 -باب توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنىڭ ئاياغلىشىشى
91 -ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت ئاياغلىشىدۇ:
(1) قەرز پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىنىپ بولغان بولسا؛
(2) توختام بىكار قىلىنغان بولسا؛
(3) قەرز ئۆزئارا بالانس قىلىنغان بولسا؛
(4) قەرزدار نىشان نەرسىنى قانۇن بويىچە ساقلاشقا بەرگەن بولسا؛
(5) ھەقدار قەرزنى كەچۈرۈم قىلغان بولسا؛
(6) ھەقدار بىلەن قەرزدار بىرلا كىشى بولغان بولسا؛
(7) ئاياغلىشىدىغانلىقى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن باشقا ئەھۋاللار.
92 -ماددا توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتلەر ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئالاقىدارلار سەمىمىي بولۇش، لەۋزىدە تۇرۇش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، سودىلىشىش ئادىتى بويىچە ئۇقتۇرۇش قىلىش، ياردەملىشىش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى كېرەك.
93 -ماددا ئالاقىدارلار كېڭوىشىپ بىرلىككە كەلگەندە، توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
ئالاقىدارلار بىر تەرەپنىڭ توختامنى بىكار قىلىش شەرتىنى پۈتۈشسە بولىدۇ، توختامنى بىكار قىلىش شەرتى ھازىرلانغاندا، بىكار قىلىش ھوقۇق ئىگىسى توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ.
94 -ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە ئالاقىدارلار توختامنى بىكار قىلسا بولىدۇ:
(1) يەڭگىلى بولمايدىغان سەۋەبتىن توختامدىكى مەقسەتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمىسا؛
(2) ئىجرا مۆھلىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئالاقىدار بىر تەرەپ ئاساسلىق قەرزنى تۆلىمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە ياكى ئۆز ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىسە؛
(3) ئالاقىدار بىر تەرەپ ئاساسلىق قەرزنى تۆلەشنى كېچىكتۈرۈپ، سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە تۆلىمىسە؛
(4) ئالاقىدار بىر تەرەپنىڭ قەرز تۆلەشنى كېچىكتۈرۈشى ياكى توختامغا خىلاپ باشقا قىلمىشى سەۋەبىدىن توختامدىكى مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمىسا؛
(5) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
95 -ماددا بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۆھلىتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ياكى ئۇنى ئالاقىدارلار پۈتۈشكەن بولسىمۇ، ئالاقىدارلار مۆھلەت توشقىچە يۈرگۈزمىسە، بۇ ھوقۇق يوقىلىدۇ.
بىكار قىلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش مۆھلىتى قانۇندا بەلگىلەنمىگەن ياكى ئۇنى ئالاقىدارلار پۈتۈشمىگەن بولۇپ، قارشى تەرەپ سۈيلىگەندىن كېيىنمۇ مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە يۈرگۈزمىسە، بۇ ھوقۇق يوقىلىدۇ.
96 -ماددا ئالاقىدار بىر تەرەپ مۇشۇ قانۇننىڭ 93-ماددىسىنىڭ 2-تارمىقى ۋە 94-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە توختامنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلسا، قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش قارشى تەرەپكە تەگكەن ۋاقىتتىن باشلاپ توختام بىكار قىلىنىدۇ. قارشى تەرەپنىڭ باشقىچە پىكىرى بولسا، خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كېسىم ئاپپاراتىدىن توختام كۈچىنى بىكار قىلىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا توختامنى بىكار قىلىشتا تەستىقلىتىش، تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش كېرەكلىكى بەلگىلەنگەن بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.
97 -ماددا توختام بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ ئىجرا قىلىنمىغانلىرىنىڭ ئىجراسى ئاياغلاشتۇرۇلىدۇ؛ ئىجرا قىلىنغانلىرىنىڭ ئىجراسى ۋە توختامنىڭ خاراكتېرىگە قاراپ، ئالاقىدارلار ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈپ بېرىش ۋە باشقا تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ ھەمدە زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.
98 -ماددا توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنىڭ ئاياغلاشتۇرۇلۇشى توختامدىكى راسچوت قىلىش ۋە ئېنىقلاشقا دائىر ماددىلارنىڭ كۈچىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
99 -ماددا ئالاقىدارلار قەۋەلى توشقان قەرزنى ئۆزئارا تۆلەشتە، شۇ قەرزدىكى نىشان نەرسىنىڭ تۈرى، سۈپىتى ئوخشاش بولسا، ھەرقانداق بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ قەرزىنى قارشى تەرەپنىڭ قەرزى بىلەن بالاناس قىلىۋەتسە بولىدۇ، لېكىن قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ياكى توختامنىڭ خفراكتېرىگە قاراپ بالانس قىلىۋېتىشكە بولمايدىغنالىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئالاقىدارلار بالانس قىلىۋېتىش تەشەببۇسىنى قارشى تەرەپكە ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئۇقتۇرۇش قارشى تەرەپكە تەگكەن ۋاقىتتىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. بالانس قىلىۋېتىشتە قوشۇمچە شەرت قيۇشقا ياكى مۆھلەت بەلگىلەشكە بولمايدۇ.
100 -ماددا ئالاقىدارلار ئۆزئارا قەرز تۆلەشتە، نىشان نەرسىنىڭ تۈرى، سۈپىتى ئوخشاش بولمىسا، ئىككى تەرەپ كېڭىشىپ بىرلىككە كەلگەندىن كېيىن بالانس قىلىۋەتسىمۇ بولىدۇ.
101 -ماددا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە قەرز تۆلەش تەسكە توختىسا، قەرزدار نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرسە بولىدۇ:
(1) ھەقدار تاپشۇرۇۋېلىشنى ئورۇنسىز رەت قىلسا؛
(2) ھەقدارنىڭ ئىز-دىرىكى بولمىسا؛
(3) ھەقدار ئۆلۈپ كېتىپ ۋارىسى بېكىتىلمىگەن ياكى ھەق تەلەپ ھەرىكەت ئىقتىدارىدىن قېلىپ، ۋەسىيسى بېكىتىلمىگەن بولسا؛
(4) قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ئەھۋاللار.
نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرگىلى بولمىسا ياكى ۋاقلاش خىراجىتى بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە، قەرزدار ئۇنى قانۇن بويىچە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىپ ياكى سېتىۋېتىپ، پۇلىنى ساقلاپ قويسا بولىدۇ.
102 -ماددا نىشان نەرسىنى ساقلاشقا بەرگەندىن كېيىن، ھەقدارنىڭ ئىز-دېرىكى بولمىغانلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، قەرزدار ھەقدارغا ياكى ھەقدارنىڭ ۋارىسىغا، ۋەسىيسىگە ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك.
103 -ماددا نىشان نەرسىنىڭ ساقلاشقا بەرگەندىن كېيىن بۇزۇلۇش، يوقاپ كېتىش خەۋپىنى ھەقدار ئۈستىگە ئالىدۇ. ساقلاپ بېرىلىۋاتقان چاغدىكى ھاسىلىي ئۆسۈمى ھەقدارغا تەۋە بولىدۇ. ساقلىتىش خىراجىتىنى ھەقدار ئۈستىگە ئالىدۇ.
104 -ماددا ھەقدار ساقلاشقا بېرىلگەن نەرسىنى ھەرۋاقىت ئېلىپ كەتسە بولىدۇ، لېكىن قەرزدارنىڭ ھەقداردا قەرەلى توشقان ئېلىشى بولسا، ھەقدار قەرز تۆلەشتىن ياكى كېپىللىك بېرىشتىن بۇرۇن، ساقلىغۇچى تارماق قەرزدارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ھەقدرنىڭ ساقلانمىنى ئېلىپ كېتىشىنى رەت قىلىشى كېرەك.
ھەقدارنىڭ ساقلانمىنى ئېلىپ كېتىش ھوقۇقى شۇ نەرسە ساقلاشقا بېرىلگەن كۈندىن باشلاپ بەش يىلغىچە يۈرگۈزۈلمىسە يوقىلىدۇ، ساقلانما ساقلىتىش خىراجىتى تۇتۇپ قېلىنغاندىن كېيىن دۆلەت ئىلكىگە ئۆتىدۇ.
105 -ماددا ھەقدار قەرزدارنىڭ قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىۋەتسە، توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەتنىڭ بىر قىسىمى ياكى ھەممىسى ئاياغلىشىدۇ.
106 -ھەقدار بىلەن قەرزدار بىرلا كىشى بولسا، توختامدىكى ھوقۇق-مەجبۇرىيەت ئاياغلىشىدۇ، لېكىن ئۈچىنچى كىشىنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا
7 - باپ خىلاپلىق جاۋاپكارلىقى
107 -ماددا بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا ياكى پۈتۈشكنى بويىچە ئادا قىلمىسا، توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى داۋاملىق ئادا قىلىش، تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىش ياكى زىياننى تۆلەش قاتارلىق خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.
108 -ماددا بىر تەرەپ توختامدىكى مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرسە ياكى ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلىسە، قارشى تەرەپ ئادا قىلىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ خىلاپلىق جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
109 -ماددا بىر تەرەپ مال پۇلىنى تۆلىمىگەن ياكى ھەق بەرمىگەن بولسا، قارشى تەرەپ ئۇنىڭدىن مال پۇلىنى تۆلەشنى ياكى ھەق بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
110 -ماددا بىر تەرەپ پۇلدىن باشقا قەرزنى تۆلىمىسە ياكى پۈتۈشكىنى بويىچە تۆلىمىسە، قارشى تەرەپ توختامنى ئادا قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. لېكىن تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا:
(1) قانۇن جەھەتتە ياكى ئەمەلىيەتتە ئادا قىلغىلى بولمىسا؛
(2) قەرز نىشانى مەجبۇرىي ئادا قىلىشقا مۇۋاپىق كەلمىسە ياكى ئادا قىلىش خىراجىتى زىيادە يۇقىرى بولسا؛
(3) ھەقدار مۇۋاپىق مۆھلەت ئىچىدە ئادا قىلىشنى تەلەپ
مەنبە : باغداش تورى