A-A+

ماقالە-تەمسىللىرىدىن پۇل قارىشىمىزغا نەزەر

2015-يىل 27-ئاپرېل كاپىتال ئىگىلىكى باھا يوقكەن زىيارەت: 297 قېتىم

ئۇيغۇر خەلق ماقالە تەمسىللىرىدىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ پۇل قارىشىغا نەزەر

14

بىز ئۇيغۇرلاردا <<ئەر كۆركى ساقال،تىل كۆركى ماقال>>دېگەن ھېكمەتلىك ماقال بار.دېمىسىمۇ ماقال-تەمسىللەرگە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ باشقا ژانىرلىرىغا ئوخشاشلا ئىنتايىن كەڭ ۋە چوڭقۇر ھېكمەت يۇشۇرۇنغان بولۇپ،ئۇنىڭدا ئەجدارلىرىمىزنىڭ ئارزۇ-ئۈمۈدلىرى،ئىدىۋىي كۈرەشلىرى،تەبىئەت ۋە جەمىيئەتكە بولغان قاراشلىرى،ئەۋلادلارغا بولغان نەسىھەت،ۋەسىيەتلىرى....قىسقىسى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ پەلسەپەۋىي كۆز قارىشى ۋەئىدېئولوگىيەسى ئەكس ئەتكەن بولىدۇ.ماقال-تەمسىللەر كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ جەۋھىرى بولغاچقا ھەر قانداق كىشى ئۆز پىكىرىنىڭ ئىخچام ۋە قايىل قىلارلىق بولۇشى ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ماقال-تەمسىللەردىن پايدىلىنىدۇ.ئۇيغۇرلار ماقال-تەمسىللەرگە باي خەلق.مەيلى ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە،مەيلى ئېغىز تىلىمىزدا ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىدا بولسۇن ماقال-تەمسىللەردىن ئايرىلالمايمىز.بۇنىڭ ئىچىدە ئەجدادلىرىمىزدىن بىزگىچە ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان ياكى مىراس قالغان پۇل ھەققىدىكى ماقال-تەمسىللەرمۇ ئاز ئەمەس.كىشىلەر تەرىپىدىن دائىم ئېيتىلىپ كېلىۋاتقان بۇ ماقالە تەمسىللەردىن ئەجدادلىرىمىزنىڭ پۇلغا بولغان كۆز قارىشىنى بىر قەدەر مۇپەسسىل چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇنداق بولسا پۇل دېگەن زادې نېمە؟ پۇل-ئومۇمىي تەڭ قىممەتداش بۇيۇملىقنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان پەۋقۇلادە تاۋار بولۇپ ،ئۇ تاۋار ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئاملاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى داۋامىدا تاۋارلار دۇنياسىدىن ئىستىخېيىلىك ھالدا بۆلۈنۈپ چىققان ئالاھىدە تاۋار.ماركىسنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا-پۇل ئاملاشتۇرۇش  جەريانىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى بولغان تاۋارنىڭ جەۋھىرى.

بىز ئۇيغۇرلار<<تىرىك دۇنياغا تويماس،ئۆلۈك دۇئاغا (تويماس) >> دەيدىغان دەيدىغان ماقال بار.دېمىسىمۇ ئەر كىشى بۇ دۇنيادا ئۈچ نەرسىگە تويماي ئۆلۈپ كېتىدۇ.ئۇنىڭ بىرى شۆھرەت،يەنە بىرى شەھۋەت،يەنە بىرى پۇل.ئەمدى تۆۋەندىكى  ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق ئەجدادلىرىمىزنىڭ پۇل ھەققىدىكى كۆز قارىشى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ تەھلىل قىلىپ ئۆتەيلى:<<پۇلنىڭ بىر ئۈچى بىلەكتە،بىر ئۈچى يۈرەكتە>>.

بۇ ماقالىدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدىكى،ئەجدادلىرىمىز پۇلنى ھەرگىزمۇ غايىپتىن تىلەپ تېپىشنى ياكى ئىشلىمەيچىشلەشنى ،تەييارغا ھەييار بولۇپ باي بولۇشنى ئويلىغان ياكى تەشەببۇس قىلغان ئەمەس.تاش قورال دەۋرىدىن باشلاپ يىپەك يولى گۈللەنگەن زامانلارغا قەدەر ....قىسقىسى تا بۈگۈنگىچە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىككى قولى بىلەن ھالال ئىشلەپ پۇل تېپىشنى ،باي بۇلۇشنى،تۇرمۇشنى پاراۋان ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىنىڭ دائىملىق ئادىتىگە ئايلاندۇرغان ھەمدە شۇنداق ئېسىل تۇرمۇش ئىستىلىنى بىزلەرگە مىراس قالدۇرغان.

شۇنىڭ ئۈچۈن پۇلنىڭ بىر ئۈچى يۈرەكتە،بىر ئۈچى بىلەكتە دەيدۇ.مەيلى باي ياكى گاداي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر پۇلنى ھەممىلا ئادەم ياخشى كۆرىدۇ.پۇلنى ياخشى كۆرمەيدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق.كىشىلەر دۇنيادىكى نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئېرىشىشتىن بۇرۇن قەدىرلىگەن بىلەن ئېرىشىپ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭدىن زېرىكىشكە باشلايدۇ.بىراق پۇلنى بولسا ھەممە كىشى ئېرىشىشتىن بۇرۇنمۇ،ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ مەڭگۈ قەدىرلەپ ئۆتىدۇ.چۈنكى پۇل كۈندە بىر قېتىم ياتلىق بولسىمۇ مەڭگۈ ئىپپىتىنى يوقاتمايدىغان قىزغا ئوخشايدۇ.شۇڭا پۇلنى پۇلى يوقلارغا قارىغاندا پۇلى بارلار بەكرەك چىڭ تۇتىدۇ،بەكرەك قەدىرلەيدۇ،پۇل تېپىشقا كەلگەندىمۇ نامراتلارغا قارىغاندا بايلار بەكرەك ئالدىرايدۇ،شۇڭا ئەجدادلىرىمىز پۇلنىڭ بىر ئۇچى يۈرەكتە

دەپ بەكلا توغرا ئېيتقان.

21

<<بىر سەر ئالتۇن قوشۇلسا،بىر سەر ئەقىل قۇشۇلار>>

بۇ ماقالىنىڭ ھەقلىقىنى دەللىللەش ئۈچۈن مۇنداق بىر ئەمەلىي ھېكايىنى قىستۇرماقچىمەن.تېخى تۈنىگۈنلا ئۇشبۇ ماقالىنىڭ خام ماتىريالىنى تەييارلاپ ئولتۇراتتىم.پوچتىكەش 200 يۈئەنلىك پوچتا پىروۋوت چېكىنى ئەكىرىپ بەردى.بۇ ئاتۇش شەھەر ئىچى شاڭخەي بازىرىدىكى س.ھاجىمنىڭ دادامغا ئەۋەتكەن ئازراق كۆڭلى ئىكەن.ئاتۇشتىكى يىتىم-يېسىرلارغا ئوتۇن-كۆمۈر،گۆش-ياغ،ئۇن-گۈرۈچئېلىپ بېرىپ خەيرىخاھلىق قىلغاندىن سىرت يەنە خوتەندىكى يىراق تۇغقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغان بۇ ئىنساپلىق تۇغقىنىمنىڭ قانچىلىك پۇلى بارلىقىنى ئېنىق بىلمەيمەن.بىراقئۇنىڭ ئاتۇشتا بىر شەھەر ئامانەت-قەرز كاپراتىپى قۇرغانلىقىنى ،مىڭ دۇكانلىق بىر سودا بازىرى قۇرۇۋاتقانلىقى ۋە ئۈرۈمچىدە مەلۇم بىر ئىدارىنىڭ ئالتە قەۋەتلىك خىزمەن بىناسىنى سېتىۋېلىپ،ئۇنى تۈرلۈك ماللار توپ تارقىتىش بازىرى قىلغانلىقى .....قاتارلىقلارنى بىلىمەن ھەمدە يۇقىرىقى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنىڭ مەن بىلەن تەڭ ياشلىق يەنى 1962-يىلىداش قازاننىڭ بېشىدا تۇغۇلغان چوڭ ئوغلىنىڭ قىلىۋاتقىنىنىمۇ ئوبدان بىلىمەن.ئۇنىڭشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان چوڭ ئوغلى مەن باشلانغۇچ،ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانۋاقتىمدا گىردە ۋە ئاشلىق بېلىتى ساتقان.مەن ئۇقۇغان مەركىزىي مىللەتلەرئۇنىۋېرسىتىتى ئالدىدىن ئۆتكەن بولۇشى مۇمكىن،بەلكى ئىچىگە كىرىپ باققان ئەمەس .دېمەك،ئۇنىڭغا شۇنچە كۆپ ئىگىلىكنى تىكلىگۈدەك ،باشقۇردەك ئەقىل-پاراسەت شۇ پۇلدىن كەلگەن.

18

<<پۇل ئالساڭ ساناپ ئال،خوتۇن ئالساڭ سىناپ ئال.>>

پۇل ئالسا ساناپ ئېلىشنى ئەجدادلىرىمىز قۇيما پۇللارنى ئوبورۇت قىلىشقا باشلىغان شۇ دەۋىرلەردە تۇنۇپ يەتكەن ۋە ئېلىم-بېرىمئىشلىرىدا پۇلنى تەپسىلىي ساناپ سودىنى پۇختا قىلغان.سودىگەرلەر كىشىلەرنەزىرىدىكى ئابرۇيلۇق ئادەملەردىن سانىلىپ كەلگەن.ئالغۇچى كەم ئاپتىمەن دەيدىغان،بەرگۈچى ئارتۇق بېرىپتىمەن دەيدىغان ئۇرۇنسىز داۋا-دەستۇرلاردىن ھەرۋاقىت ھەزەر ئەيلىگەن ۋە خالىي بولغان.

ئۆتكەن يىلى شۆبە بانكا خەلق پۇل ئامانىتى مەخسۇس پۇكەيلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش بويىچە باھالاش ئېلىپ باردى.باھالاشنىڭ شەرتلىرى ئىچىدە<<پۇلنى نەخ مەيداندا ساناپ ئېلىڭ،پۇكەيدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كەم چىقسا ئىگە بولمايمىز>>دېگەن سۆزلەرنى كاسسىرلارنىڭ ئۇدۇلىغا مۇئامىلدارلارنىڭ كۆرىدىغان جايىغا يېزىپ قۇيۇش دېگەن بىر مەزمۇنمۇ بار.شۇنىڭدىن قارىغاندا يۇقىرىقى سۆزنى يېزىپ چاپلاشنى ئەمىلىيلەشتۈرمىگەن بانكىلارمۇ خېلى بار ئوخشايدۇ.بۇ ماقالىنىڭ ئىككىنچى مىسراسىغا<<خوتۇن ئالساڭ سىناپ ئال>>دېگەن سۆزنىڭ قاپىيە قىلىنغانلىقىدىن قارىغاندا بۇ ماقالىنىڭ چۇقۇم شىنجاڭغا ئىسلام دىنى كىرىشتىن بۇرۇن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى يەنى بۇ ماقالىنى تارقىلىپ يۈرگەنلىكىگە مىڭ يىلدىن ئاشقانلىقىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن.چۈنكى ئىسلام دىنىنىڭ شەرىئىتىدە ئاياللارنىڭ جامالىنى يات ئەر كىشىگە كۆرسىتىشى ھارام سانىلىپ،ئەر بىلەن ئايال پەقەت نىكاھ ئۇقۇلغاندىن كېيىنلا يەنى توي ئاخشىمى يۈز كۆرىشىدىغان يۇسۇن ئومۇملىشىپ كەتكەن.بۇنداق شارائىتتا <<خوتۇن  ئالساڭ سىناپ ئال>>دېگەن گەپنى كۆڭلىدە ئويلىغان تەغدىردىمۇ ئېغىزىدىن چىقىرىشقا ھېچكىم پېتىنالمايتى.

دېمەك ئەجدادلىرىمىز تەرىپىدىن مىڭ يىللار بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان بۇ ماقال بۈگۈنكى دەۋىرگە كەلگەندىمۇ ئۆزىنىڭ قىممەت ئېتىبارىنى ۋە پاساھىتىنى يوقاتقىنى يوق.ئەكسىچە پۇلنى ساناپ ئېلىشمۇ،خوتۇن نىسىناپ ئېلىشمۇ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەكىتلەنمەكتە.

4

<<ياتنى تۇغقان قىلاي دېسەڭ ئوتتۇرغا پۇل قوي،تۇغقاننى يات قىلاي دېسەڭ ئوتتۇغا قىز قوي>>.

پۇل شۇنداق سېھرىي كۈچكە ئىگىكى،ئۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىۋالغىلى ،مايىل قىلغىلى،ئوۋلىۋالغىلى بولىدۇ.

پۇل ئارقىلىق يات ئادەمنى تۇغقان قىلىش مۇمكىن ئەمەس،بىراق تۇغقاندىنمۇ چارە ھەم مېھرىبان بولۇشى مۇمكىن.

<<تۇغقاننى يات قىلاي دېسەڭ ئوتتۇغا قىز قوي>> دېگەن مىسراغا كەلسەڭ،يېقىن تۇغقانلار ئۆز ئارار توي قىلىپ بالىلار ياخشى ئۆتەلمەي قالسا بۇنىڭ تەسىرىدە چوڭلارنىڭمۇ كېتىدىغانلىقىنى،ئەكسىچە بالىلار ياخشى ئۆتۈپ قالسا ئۇلاردىن تۇغۇلغان پەرزەنتلىرىنىڭ مېيىپ تۇغۇلۇپ قېلىشى سەۋەبىدىن شۇنداق ئۇرۇق جەمەتنىڭ ئاخىرى نەسلى تۈگەپ قۇرۇپ تۈگەپ كېتىدىغانلىقىنى ئەجدادلىرىمىز خېلى بۇرۇنلا تۇنۇپ يەتكەن.ماناھازىر مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ ئىسپاتلىشى ئارقىلىق ئىلىم-پەن يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۆز ئارا توي قىلىشىنى چەكلىمەكتە.مانا بۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئەقلىي خۇلاسە ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك تۇرمۇش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق چىقارغان ئىلمىي يەكۈنى.

37

<<ھېسابنى بىلمىگەن ھەمياندىن ئايرىلار>>

پۇل تېپىش ئۈچۈن ساغلام بەدەن ۋە كۈچ-قۇۋەتبىلەن ئەتىگەندىن كەچكىچە باش كۆتۈرمەي كالىدەك ئىشلەشلا كۇپايە قىلمايدۇ.ئەكسىچە پەم-پاراسەت ۋە ئەقىل-ئىدراك بۇلۇشى كېرەك.پايدا-زىياننىھېسابلىيالايدىغان،ئۇچۇرنى ئىگەللىيەلەيدىغان،بازارنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلەيدىغان ....ھېساب بىلىدىغان ئادەم ئاندىن پۇل تاپالايدۇ.ھەمدە بىرنى ئىككى،ئىككىنى تۆت قىلىپ ھەمياننى تولدۇرالايدۇ.ھېساب بىلمەيدىغان،كاللا ئىشلەتمەيدىغان،ئىش قىلسا قارىسىغا تەۋەككۇل قىلىدىغانلار ھەمياندىن يەنى بار پۇلىدىنمۇ ئايرىلىپ قالىدۇ.مانا بۇھەقىقەتنى يىپەك يولىغا ئاساس سالغۇچى ئەجدادلىرىمىز ئاللىبۇرۇن تۇنۇپ يەتكەن.

43

<<چىنە بولسا دېزى بولمىسا،يىگىت بولسا قەرزى بولمىسا>>

كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئادەملەر بىر-بىرى بىلەن پۇل ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئۆتنە قىلىشىپ،بىر-بېرىنىڭ قىيىنچىلىقىغا ياردەم بېرىشىپ ئۆزئارا ھاجىتىنى راۋا قىلىشىپ تۇرۇدىغان ئىشلار دائىم بولۇپ تۇرىدۇ.مۇمكىن بولساھەركىم كىرىمىگە قاراپ چىقىمىنى بەلگىلەش،ھالىغا يارىشا ئىش تۇتۇش،يوتقانغا بىقىپ پۇت سۇنۇش،خالتىسىغا بېقىپ ئۇن تارتىش كېرەك.لېكىن باشقا كۈن چۈشكەندە كېچىدە تام تېشىشنىڭ ياكى كۈندۈزى قول تەڭلەشنىڭ ئورنى يوق.ئۇنداق چاغلاردا چۇقۇم ئۇرۇق-تۇغقان ،دوست بۇرادەرلەردىن،قۇلۇم-قوشنىلاردىن ياكى ئىقتىسادىي ئۈنىمى ئۆزىدىن ئېشىپ تۇرىدىغان كىشىلەردىن(ھازىرقى جەمىئەتتە بانكىدىن)مەلۇم مۇددەتلىك قەرز ئېلىپ،ئۆز تۇرمۇشىنى غەملەپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.بۇنداق ئەھۋالالرنى ئەيپ كۆرۈشكە بولمايدۇ.لېكىنشۇنداقتىمۇ قەرز ئېلىشتىن بۇرۇن ئۇنى قايتۇرۇشنىڭ ئىمكانىيىتى ۋە قانداق يوللار،ئامال-چارىلەر بىلەن قايتۇرۇشنى ئوبدان ئويلىشىپ ،قەرىزنىڭ قەرەلى تۇشۇشتىن بۇرۇن قايتۇرۇپ بېرىشى لازىم.ئۇنداق قىلماي مەڭگۈ قەرىزدار يىگىت،قەرىزدار ئائىلە بولۇۋېلىش ئەجدادلىرىمىزنىڭ نەزىرىدىمۇ نۇمۇس ھېسابلىغان.ئەجدادلىرىمىز قەرىزداريىگىتنى دەز كەتكەن چىنىگە ئوخشاش يارىماس،سورۇنلىقى يوق بىر تاشلاندۇق نەرسىگە ئوخشاتقان.

يېقىندىن بىرى بىزگە نەدىن ۋە كىمدىن يۇقتىكىن تاڭ،ئارىمىزدا ئاجايىپ بىر خىل ۋابا كېسەللىكى يەنى قەرزدارلىق كېسەللىكى،خەلقىمىزنىڭ ئېغىز تىلى بۇيىچە ئېيتقاندا<<قويمىچى>>لىق كېسەللىكى تارقالدى.خېلى ئابرويلۇق تىجارەتچىلىرىمىزمۇ بىر ئوبدان ئېقىۋاتقان تىجارىتىنى تاشلاپ<<قويمىچى>> بۇلىۋالدى.بۇ خىل قويمىچىلار قانچىلىغان تىجارەتچىلەرنى دەسمايىسىدىن ئايرىپ،قانچىلىغان ئائىلىنى ۋەيران قىلىپ،بالىلارنى يىتىم،ئاياللارنى تۇل قالدۇردى.قانچىلىغان بانكا باشلىقلىرى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلدى.شۇ <<قويمىچى>>لارنىڭ تۈپەيلىدىن قانچىلىغان زاۋۇت،شىركەتلەر تاقىلىپ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئىشتىن بوشىتىلدى،دىرىكتورلىرى جازاغا تارتىلدى.شۇڭا،ھازىر كىشىلەر قەرزدارلىقتىن نۇمۇس قىلمايدىغان،قەرز بىرىشتىن قورقىدىغان،بىرەر ھاجەتمەن پۇل سوراپ كەلسە پۇلى بار تۇرۇپمۇ يالغان سۆزلەپ پۇل قەرز بەرمەيدىغان يامان كەيپىيات يامراپ كەتتى.ھەي...مۇشۇ<<قويمىچى>>لار كەلگۈسىدە ئەۋلادلارغا،مەھشەر كۈنى ئەجدادلارغا قانداق يۈز كىلەركىن تاڭ!....

24

<<تۇغۇلۇپ ئۆلىمىگىنىڭنى كۆرەي،پۇل ئېلىپ بەرمىگىنىڭنى كۆرەي>>.
ئەجدادلىرىمىز بۇ ماقالئارقىلىق پۇل ئالغان ئادەمنىڭ قانچە ناكەس،ساختە پەز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنىھامان بىر كۈنى بەرمەي قۇتىلالمايدىغانلىقىنى،ئۆتنە ئالغان،قەرز ئالغان پۇلنى قايتۇرۇشنىڭ خۇددىي ئۆلۈمگە ئوخشاش بايغىمۇ،گادايغىمۇ،خانغىمۇ،پۇقراغىمۇ،ياشقىمۇ،قېرىغىمۇ،ئەرگىرىمۇ،ئايالغىمۇ.....ئىشقىلىپ ھەممە ئىنسان ئۈچۈن ھەرگىز قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى سەمىمىزگە سالغان.ئۇلار ھەرگىزمۇ قەرزىدار يۇۋاشراق بولسا ئېلىپ،يامانراق،مۇتىھەم<<قويمىچى>>بولسا<<خەپ قىيامەتتە ئالارمەن>>دەپ بۇ دۇنيادا قىلغىلى بولىدىغان ئىشنى قەستەن ئۇ دۇنياغا سۆرىگەن ئەمەس.

يۇقىرىدا ئەجدادلىرىمىزنىڭ پۇلغا ناھايىتى يۇقىرى تەبىر بەرگەنلىكى ،پۇلنى ناھايىتى مۇقەددەس بىلگەنلىكى،دۇنياغا كەلگەن ئادەم باشقىلارنىڭ ئالدىدا سارغىيىپ قالماسلىقى،بۇيۇن قىسىپ يۈرمەسلىكى،باشقىلار ئالىي دەرىجىلىك ماشىنىلاردا سەيلى-ساياھەت قىلىپ يايراپ يۈرسە،يەنىلا قوتۇر ئىشەكتە كۆتىنى يېغىر قىلىپ ئولتۇرماسلىقى؛پۇل تۈپەيلىدىن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئۇقۇيالماي چالا ساۋات بولۇپ يۈرمەسلىكى،پۇل تۈپەيلىدىن بالنىستقا كىرەلمەي ئەجىلىدىن بۇرۇن ئۆلمەسلىكى ئۈچۈن پۇل تېپىشقا ۋە تاپقان پۇلنى چىڭ تۇتۇشقا شۇنداق ئەھمىيەت بەرگەن.شۇنداق پۇلدارلىرىمىز ئەينى زاماندا يىپەك يولى سودىسىغا ئاساس سالغاچقا،ئۆز زامانىسىنىڭ كۈچلۈك،قۇدرەتلىك،ئابرۇيلۇق مىللەتلىرىدىن بولۇپ ياشىيالىغان.لېكىن ئەجدادلىرىمىز ھەرگىزمۇ<<پۇل ھەممىگە قادىر>> دەپ ھالال-ھارامنى ئايرىماي قارىغۇلارچە پۇل تېپىشنى ئەسلا تەشەببۇس قىلغان ئەمەس.

38

<<خەجلەيدىغان بىر پۇل بار،خەجلىمەيدىغان مىڭ پۇل بار>>
ئۆزىنىڭ قان-تەرى سىڭگەن ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى بەدىلىگە كەلگەن پۇل بولسا گەرچە ئۇ تىيىن بولسىمۇھېسابلىشىپ ئېلىش ۋە بىمالال خەجلەش كېرەك.ئۆزۈڭ ئەجىر قىلمىغان ،يەنى باشقىلار بەرگەن پۇل بولسا گەرچە ئۇ مىڭ تىللا بولسىمۇ ئالماسلىق،كۆز قىرىنىمۇ سالماسلىق لازىم.ھارام پۇل-مال خۇددى كۆيۈپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايدۇ،ئۇنى تۇتسا قول كۈيىدۇ،يۇتسا تىل كۈيىدۇ.شۇڭا،ئۇنى ئېلىشقا ۋە خەجلەشكە ھەرگىز بولمايدۇ.<<خەجلىمەيدىغان مىڭ پۇل>>ئەنە شۇ ھارام پۇلدۇر.ئەندادلىرىمىز مال-دۇنيانى ھالالدىن تېپىشقا ئەنە شۇنداق ئەھمىيەت بەرگەن.ئەكسىچە پۇل تېپىشنىلا بىلىپ،خەجلەشنى بىلمەيدىغان،پۇل ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكىمۇ  تەييار تۇرىدىغان ھەتتا گېزى كەلسە ئانىسىنىمۇ سېتىشتىنمۇ يانمايدىغان،پىخسىق،ئەل-جامائەت ئالدىدا ھېچقانداق يۈز ئابرۇيى يوق،ناكەس ئادەملەرنى <<پۇل تاپقۇچە يۈز تاپ>>دېگەن ماقال ئارقىلىق بىرئېغىز گەپ بىلەنلا ئىنكار قىلىۋەتكەن.

35

<<تەڭگەڭ يۈزگە يەتكۈچە،دوستۇڭ مىڭغا يەتسۇن>>
ئاتا-بوۋىلىرىمىز پۇلنى ھەرگىزمۇ كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتتىن ئەلا بىلگەن ئەمەس.پۇلنى دوستلىرىدىن ئەزىز بىلگەن ئەمەس.ئۇلار پۇل ئۈچۈن دوستلىرىنى سېتىۋېتىدىغان،پۇل ئۈچۈن قېرىنداشلىرىنى ئورىغا ئىتتىرىدىغان نائەھلىلىكنى ھەرگىزمۇ ئۆزلىرىگە راۋاكۆرگەن ئەمەس.ئەكسىچە دوستلۇقنى پۇلدىن ئەلا ۋە قىممەتلىك بىلگەن.مەرتلىك،سېخىلىق بىلەن دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتقان.دوست-بۇرادەرلىرىنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە مەرتلىك بىلەن ياردەم قىلىپ بىربىرىگە ھەقىقى دوستلۇق مىھرىنى يەتكۈزگەن.شۇڭا نۇرغۇن پۇلدار كىشىلەر ئەل-جامائەتنىڭ نەزىرىدە يۇرت كاتتىلىرى سانىلىپ ئەمەلدار،قازى،ئاخۇنلار بىلەن تەڭ ئۇرۇندا تۇرۇپ كەلگەن.

32

<<بايغا ئارغامچا،نامراتقا كۇلا،باي بۇلاي دېسەڭ نامراتنى بۇلا>>
ھارامخورلۇق قان-قېنىغا سېڭىپكەتكەن،نامراتلارغا يەر ئىجارە بېرىش،جازانىگە پۇل بېرىش....ئۆزى ئىشلىمەي نامراتدېھقانلارنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە ئۇلارنى قاقتى-سوقتى قىلىش يولى بىلەن بېيىيدىغان نائەھلىلەرنى يۇقىرقىدەك ئاجايىپ ھېكمەتلىك ھەجىۋىي ماقال-تەمسىللەر ئارقىلىق كۈچلۈك قامچىلىغان.
يۇقارقى ماقال-تەمسىللەردىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولۇدىكى،بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز پۇل تېپىشقا ۋە پۇل تاپقاندىمۇ ھالال يول بىلەن پۇل تېپىشقا ھەر ۋاقىت ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن.ھالالدىن پۇل تېپىپ ئۇنى توغرا يولغا ئىشلەتكەنلەرنى ھۆرمەتلەپ،ھارام پۇل تاپقان ۋە تاپقان پۇلىنى ناتوغرا ئىشقا ئىشلەتكەنلەرگە نەپرەت ياغدۇرغان ۋە لەنەت ئۇقۇغان.شۇنداقلابىزلەرگە مانا مۇشۇنداق ئېسىل مەنىۋىي مىراسلارنى قالدۇرۇش ئارقىلىق بىزنىمۇئۆزلىرىدەك مەرت،پاك،ھالال ياشاشقا ئۈندىگەن.

مانا ھازىر ئېلىمىزدە بازارئىگىلىكى تۈزۈلمىسى يولغا قۇيۇلدى.ھەممە مىللەت ھەممە تەبىيقە پۇل تېپىش ئۈچۈن بازار قاينىمىغا شۇڭغۇپ كەتتى.بىزدىمۇ مەملىكەت ئىچىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنياغا تۇنۇلىۋاتقان تىجارەتچى بايلار چىقىۋاتىدۇ.بىراق،يەنىلا يىگەننىڭ ئاغزىغا،كىيگەننىڭ ئۇچىسىغا قاراپ،بوينىنى قىسىپ،تۈكرىكىنى يۈتۈپ يۈرىۋاتقان دېھقانلىرىمىز،خەقنىڭ قورسىقى تويسا كېكىرىشىپ بېرىۋاتقان كىيىمى يېڭى،يانچۇقى قۇرۇق كادىرلىرىمىز،كالپۇگىدىكى گەزنى يۇشۇرۇش ئۈچۈن لەۋ سۇرۇق سۈرىۋالغان،يۈزى مايلاقلىق،قورسىقى ئاچ خانىملىرىمىز يەنىلار بار.شۇڭا بىزمۇ قۇلدەك ئىشلەپ بەگدەك يېيىشنى ئۆگىنىۋېلىشىمىز لازىم.چۈنكى بىز ئۇيغۇرلاردا<<پۇلى يوقنى بازار تۇنۇماس>>دېگەن ماقال بار.

ماقال-تەمسىللەر ھەر كىمنىڭ قۇرۇقتىن قۇرۇق،خىيالى ئىزلىنىشى بىلەن تۇقۇلغان بولماستىن،بەلكى تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك-تۈمەن ھادىسىلەردىن ھاسىل بولغان تەجرىبىلەرنى خۇلاسە قىلىش ئارقىلىق مەيدانغا كەلەەن.ماقال-تەمسىللەردە خەلقنىڭ قىممەتلىك تۇرمۇش  تەجرىبىلىرى،دانىشمەنلىكى ۋە ئۆتكۈر مۇلاھىزىلىرى ئىزھار قىلىنغان.بۇ ھەقتە گورگى مۇنداق دېگەنىدى:<<ئومۇمەن ماقال-تەمسىللەر پۈتۈن تۇرمۇش،ئىجتىمائىي،تارىخىي تەجرىبىلەرنى ناھايىتى چىرايلىق فورمۇدا ئىپادەقىلىدۇ.ئەڭ ئۇلۇغ دانالىق،سۆزنىڭ سادىقلىقىدۇر.ماقال-تەمسىللەر ھەجىم جەھەتتىنقىسقا بولىدۇ.ئۇلاردا توم-توم كىتابلارنىڭ مەزمۇنىغا توغرا كېلىدىغان پىكىر ۋەسەرگۈزەشتىلەر مەۋجۇت>>.

شۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيىتقانداماقال-تەمسىللەر نى قېزىش،تەتقىق قىلىش پەقەت ئەجدادلىرىمىزنى ياد ئېتىش،ئۇلاردىنپەخىرلىنىش ئۈچۈنلا بولۇپ قالماي،بەلكى ئۇلاردىن ئۆرنەك ئېلىپ،ئۆزىمىزنىڭ كۈندىن-كۈنگەزەئىبلىشىۋاتقان مىللىي ئاڭ،مىللىي پىسخىكىمىزنى بېيىتىشىمىز،جانلاندۇرىشىمىز ھەمدە كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىز ئۈچۈن ئىدولوگىيە ساھاسىدە ئابىدە تىكلەپ مەشئەل يېقىپ بېرىشىمىز ئۈچۈندۇر.شۇ ۋەجىدىن مەن ماقال-تەمسىللەرنى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيدىغان ئەھمىيەتلىك ئەمگەك دەپ قارايمەن.

تۈگىدى.
مەنبە:ئابدۇرېھىم ھەكىمىنىڭ <<خىزىر ھەققىدە خىياللار>>ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
ماقالە تارقاتقۇچى : ئەقىدە  شىركىتى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ