A-A+

ئىسپانىيەدىكى تاشتىن ياسالغان بازارغا نەزەر

2016-يىل 12-ئاۋغۇست غەلىتە تاش باھا يوقكەن زىيارەت: 306 قېتىم

1

سىز بەلكىم ئىسپانىيەدىكى سېتېنىل (Setenil) ناملىق كىچىك بازارغا كەلسىڭىز قاتتىق ھەيران بولۇپ قېلىشىڭىز مۇمكىن، بۇ بازاردىكى ئاھالىلەرنىڭ ھەممىسى تاش ئىچىدە ياشايدىغان بولۇپ، بۇ ئادەمگە  خۇددى ئىپتىدائىي جەمئىيەت دەۋرىدىكى تۇرمۇشقا قايتىپ قالغاندەك تەسىر بېرىدۇ. ئارانلا 3000 دىن ئارتۇق ئاھالىسى بولغان بۇ كىچىك بازار ئۆزگىچە يەر شەكلىگە ئىگە بولغاچقا، كىشىلەر پەقەت تىروجو دەرياسى (Rio Trejo) ئۈستىدىكى تىك قىيالىقلارغا يانداشقان ھالدا تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلگەن. ئارخىئولوگلارنىڭ بايقىشىچە، بۇنىڭدىن تەخمىنەن 25 مىڭ يىللار ئىلگىرىلا بۇ كىچىك بازار ئەتراپىغا  ئىنسانلارنىڭ قەدىمى يەتكەنلىكى مەلۇم بولغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ بۇ يەرنى ماكان قىلىپ ياشىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولسا بۇ يەردىكى تاغ ئۆڭكۈرلىرى ئادەملەرگە نىسبەتەن ياخشى بولغان قوغدىنىش ئورنى بولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە مۇستەھكەم ھەم ئاسانلىقچە بۇزۇلۇپ كەتمەيدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغانلىقتىن ئىدى.

2

ئۇنىڭدىن باشقا مەزكۇر بازار نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىمۇ ناھايىتى قىزىقارلىق بولۇپ، سېتېنىل (Setenil) دىن ئىبارەت بۇ كىچىك بازارنىڭ ئىسپان تىلىدىكى نامى رىم لاتىن تىلىدىكى «septem nihil» دېگەن سۆز بىرىكمىسىدىن كەلگەن، بۇنىڭ مەنىسى بولسا «يەتتە قېتىمدىمۇ ھېچنىمە بولمايدۇ»  دېگەنلىك بولىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئەينى يىللىرى خىرىستىيان مۇرتلىرى «قولدىن كەتكەن جايلارنى قايتۇرۇۋىلىش ھەرىكىتى» قانات يايدۇرۇپ، مەزكۇر بازاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرگە ھۇجۇم قىلغاندا، كەينى-كەينىدىن يەتتە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ئاران تەسلىكتە غەلىبە قىلغان، لېكىن خىرىستىيان مۇرتلىرى بۇ بازارنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جەمئىي 77 يىل ۋاقىت سەرپ قىلغان.

3

بۇ يەردە ياشايدىغان كىشىلەردە تاشنىڭ ئاستىدا قېلىشتىن ئىبارەت خەۋپ تەسىرىنىڭ كۈچلۈك ياكى ئەمەسلىكى بىزگە نامەلۇم، لېكىن سىز بۇ يەردە ماڭغان چېغىڭىزدا ھەر ۋاقىت تاشنىڭ ئاستىدا قېلىپ يانجىلىپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىسىز

20160811165018356 20160811165018543 20160811165018556 20160811165018812

20160811165018813 20160811165018879

مەنبە : نۇر تورى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ