خوتەن جامە قاش بازىرىدىكى مەخپىيەتلىك
和田玉市场的秘密
ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم تەرجمىسى
خوتەن قاش مەستانىلىرى چۇقۇم قاش بازارلىرىنى دائىم ئايلىنىپ بازار ئۆزگىرىشىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىشى كېرەك .شۇ ۋەجىدىن بۈگۈن بىز بىرلىكتە خوتەن قاش بازىرىنى ئايلىنىپ چىقايلى !
خوتەن قاش بازىرى _______ خوتەن شەھىرى جامە يولىغا جايلاشقان بولۇپ جۈمە ۋە شەنبە كۈنى بازار قىزىيدۇ .
نۇرغۇن كىشىلەر << خوتەننىڭ تاش بازىرى چۇقۇم يارام قاشلار بىلەن تۇشۇپ كەتكەن >>دەپ قارايدۇ ھەم ئۇلار مۇشۇ قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە خوتەنگە كېلىشىدۇ . بىراق قاش بازىرىدىكى چاپان سالغان شېخىل تاشلارنى كۆرگەن دەقىقىلەردە ئېغىر خورسىنىپ كېتىشىدۇ.
بىر قاراپلا بۇ قاشلارنىڭ چاپان سالغان تاش ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ .....
بۇ بازاردا يارام قاشلارنى سېتىۋېلىش تەس . نۇرغۇن قاش كولىغۇچىلار بىلەن قاش ساتقۇچىلارنىڭ تىلى بىر . خوتەنلىكنىڭ ئۆزىمۇ قاشلارنى ئەسلى ئىگىسىنى تېپىپ ئۆز باھاسىدا ئېلىپ بولالمايدۇ. ئەگەر كۆزىڭىز مال تۇنۇمىسا بۇ بازاردا قۇيۇلغىنىڭىز قۇيۇلغان !
بازارنىڭ ھەممە يېرىنى زاك ( تاشنى بويايدىغان بوياق ) نىڭ ھىدى قاپلاپ كەتكەن .....
بۇ بازاردىكى تاشچىلارنى بوش چاغلىماڭ ، ئۇلار سىزنىڭ يانچۇقىڭىزدا پۇل بارلىقىغا كۆزى يەتسە ئاندىن سىزگە يارام قاشلارنى كۆرسىتىدۇ ، بولمىسا مۇشۇ بازاردىكى راست - يالغان قاش -تاشلارنى كۆرۈپ چۆرگىلەپ يۈرۈيدىغان گەپ شۇ !
خەپشۈك ، كىم ماڭا بۇ قاشلارنىڭ قايسىنىڭ راست ، قايسىنىڭ قۇيما (ساختا )ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەلەيدۇ ؟
ھىم ، كۆڭۈلدىكىدەك قاش ئۇچرىمىسا بوپتۇ ، خوتەننى ،توغرىسى قاش بازىرىنى بىر ساياھەت قىلىپ كەتسەكمۇ ھىساپ !...
چاپاننىمۇ ئوڭلاپ سالالمىغان !
بۇ يايمىدىكىنىڭ ھەممىسى كۋارتىس دىسەم ئىشەنمەيسىز ،-ھە ؟
مانا بۇ يايمىدىكىنىڭ ھەممىسى چاپان سالغان << زىرە >>
قاش بازىرىنىڭ بىر بۇلىڭى
بىر پارچە قاش ئۇنىڭ قولىدىن بۇنىڭغا ، بۇنىڭ قولىدىن ئۇنىڭغا ئۆتۈپ ئاخىر بىر ئەخمەقنىڭ قولىغا بارغاندا ھېرىپ قېلىپ توختايدۇ .
كۆرىۋېرىپ كۆزىڭىزمۇ تېلىپ كەتتى -ھە ؟ ! يايمىدىكىنىڭ ھەممىسى تاش شۇ !
قاش بازىرىدا سودا داۋاملاشماقتا
خەق پۇلنىڭ ئىشقىدا كۆيىۋاتىدۇ ، مەن ھەقىقى خوتەن قاشنىڭ ئىشقىدا كۆيىۋاتىمەن!
ھەي بۇرادەر ، سېنى بىر پارچە سۈرەتكە تارتىپ قۇياي
ئۇلار مېنى <سۈرەتكە تارتىۋەرمەي تاش ئالغىن >دەپ چاقىرىۋاتىدۇ
تاشچىلارنىڭ تاش پەردازلاش ھۈنىرىگە ئۇستىلىقىدىن سەت ئۆردەك چۈجىسى ئاققۇغا ، كەپتەر بۈركۈتكە ، قارا ئاققا ، تاش گۆھەرگە ئايلىنىپ كېتىدىغان بۇ بازاردا بىر پارچە يارام قاش ئۇچراتماق راستىنلا بەك ، بەكلا تەس !
بۇ ساندۇقتىكى قاشلارنىڭ سۈپىتى بوپ قالىدىكەن
يىگىرمە ئوتتۇز كويغا بىر تال قاش سېتىۋالدىم دەپ خۇش بولسىڭىز ئۇ قاش شېخىل تاش چىقىدىغان ؛ ئىككى - ئۈچ كويغا بىر دانە قاش سېتىۋېلىپ ساختىمىدۇ دەپ گۇمان قىلسىڭىز بۇ قاش نەچچە مىڭ كويغا ياراپ قالىدىغان بازار بۇ !زىنھار مۇبالىغە قىلمىدىم جۇمۇ !
سىز خوتەن قاشلىرىنى تۇنىمىغاچقا بۇ يايمىدىكى ماللار كۆزىڭىزگە بەك ئۇز كۆرىنىۋاتىدۇ ھە !؟
مىڭ بىر جاپادا تاپقان پۇلۇمغا <خوتەن قاش> دەپ سېتىۋالغان گۆھىرىم ئافغانىستان تېشى چىقىپ قالدى ، ۋاي يۈرىكىم !دەپ بېقىڭلارچۇ ، مەن بۇ دەرتكە قانداق چىداي ؟ ئادەملىرىڭ ئالدامچىكەن دۇنيا !
بولدىلا ، قاش بازىرى ھەققىدە سۆزلىسەم گەپ تولا ، سۆزلىمەيلا قوياي !
مەنبە : 千钰诚 سالۇنى
2016-يىلى 7-ئاينىڭ 11-كۈنى