نامراتلار ئاسانلا ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلىدۇ، بايلارنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلىرى بولىدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
4-باپ 4-پارىگىراپ
نامراتلار ئاسانلا ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلىدۇ، بايلارنىڭ نۇرغۇن ئارزۇ – ئارمانلىرى بولىدۇ
«ماشىنا پادىشاھى» فورت ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ئەگەر بىر ئادەم ھازىرقى نەتىجىلىرىدىن قانائەتلىنىپ ئالغا ئىلگىرلىمىسە، ئۇنداقتا ئۇ ناھايىتى تىزلا مەغلۇب بولىدۇ.»شۇنداق، بىر ئادەم ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلىپ قالسا، ئۇ ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى تۈرتكىلىك كۈچىنى ۋە كۆرەش ئىرادىسىنى يوقىتىپ قويىدۇ. بۇ خىلدىكى قانائەتلىنىش پىسخىكىسى چوڭقۇرلاپ كەتكەن ھامان ئادەمنىڭ ئىرادىسىنى بوغۇپ، ھەركەت قىلىشقا توسالغۇلۇق رول ئوينايدۇ، بۇ ھال ئادەمنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىسىز.
ۋاڭشى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن چەتئەل مەبلىغىدىكى بىركارخانىغا كىرىپ خىزمەت قىپتۇ، ئۇنىڭ بىلىمى مول، گەپ – سۆزى جايىدا، خىزمەتنى ناھايىتى تىرىشچانلىق بىلەن قىلغاچقا،خىزمەتداشلىرى بىردەك ئۇنىڭ ئىستىقبالى ناھايىتى پارلاق دەپ قارىغان.
ئويلىغاندەك شىركەتكە كىرىپ بىر يىلدىن كىيىن، ۋاڭشى ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى ياخشى ئىپادىسىگە تايىنىپ بۆلۈم مەسئۇللۇققا ئۆستۈرۈلۈپتۇ. ھالبۇكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۆلۈم باشلىقى بولغان ۋاڭشى ئۆزىدىن قانائەتلىنىپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى خىزمىتىدىن ناھايىتى رازى بولىدىغان بوپتۇ –دە، ئىلگىرىكى خىزمەت قىزغىنلىقى ۋە تىرىشچانلىق روھى، ئەينى ۋاقىتتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىدىن ئەسەرمۇ قالماپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۈچ يىل ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، ۋاڭشىنىڭ خىزمەتتە ھېچقانداق نەتىجىسى بولمىغاچقا ئۆسۈش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمەپتۇ. ئەكسىچە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى بىرقىسىم خادىملار توختىماستىن تىرىشىش ئارقىلىق ئۆسۈپ ۋاڭشىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىنىپتۇ.
رېئال تۇرمۇشىمىدا ۋاڭشىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەشنى ئويلىمايدىغان كىشىلەر نۇرغۇن، ئۇلار ھەمىشە قولغا كەلتۈرگەن كىچىككىنە نەتىجىسى بىلەن قانائەت ھاسىل قىلىپ ئۆزىگە تەمەننا قويغاچقا، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشنى خالىمايدۇ. بۇنداق ئادەملەر چوقۇم بايلىق يولىدا ئىزىدىن – ئىزىغا دەسسەيدۇ، ھەتتا ئارقىغا چېكىنىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ بايلار قاتارىغا ئۆتۈشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.
كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىش، كۆرەش ئىرادىسىنى يوقىتىش - كىشىلەرنىڭ بايلىق قوغلىشىش يولىدىكى توسالغۇ. شۇ سەۋەبتىن، فرانكىلىن ئۆمۈرسۇغۇرتا شىركىتىنىڭ ئىلگىرىكى باش لېدىرى بېك ياشلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ شۇنداق دىگەن: «مەن سىلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىڭلاردىن ھەرگىزمۇ قانائەت ھاسىل قىلىپ قالماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ مەڭگۈ كۆرەش ئىرادەڭلارنى يوقاتماسلىقىڭلارنى، ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتىپ ۋە يۈكسۈلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە سىلەرنىڭ ئەتراپىڭلاردىكى دۇنيانىمۇ ئۆزگەرتىپ يۈكسەلدۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.»
بايلارغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا، كۆرەش ئرادىسىگە تولۇش ناھايىتى مۇھىم. بايلارنىڭ بايلىققا ئېرىشىپ مۇۋەپپەقىيەتنى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى، نامراتلارنىڭ ئىزچىل نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىقىدىكى سەۋەب، ناھايىتى زور دەرىجىدە ئىزچىل كۆرەش ئىرادىسىنىڭ بولۇش –بولماسلىقىغا باغلىق.
بالاۋ فرانسىيەدىكى مىليادىر باي، ئۇ مۆچەل رەسىملىرىنى سېتىشتىن ئىش باشلاپ، نەچچە يىلدىلا فرانسىيەدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى50 باينىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.1998 – يىلى فرانسىيەنىڭ بوبنى دوختۇرخانىسىدا بەز راكى سەۋەبلىك ئالەمدىن ئۆتكەن.
سەكراتقا چۈشۈپ قالغان مەزگىلدە بالاۋ ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپ 4.6 مىليارد فرانك قىممىتىدىكى پاينى بوبنى دوختۇرخانىسىنىڭ بەز راكى تەتقىقاتىغا قالدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇ يەنە بىر مىليون فرانكنى مۇكاپات سوممىسى قىلىپ، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى سىرى بولغان «نامراتلاردا ئەڭ كەمچىل بولغان نەرسە نېمە» دىگەن سۇئالغا توغرا جاۋاب بەرگەن ئادەمگە بەرمەكچى بولغان.
بالاۋ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كىيىن، فرانسىيە «كورسىكالىقلار» گېزىتى ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسىنى باسقان. ۋەسىيەتنامە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلەر ئۆزىنىڭ جاۋابلىرىنى ئەۋەتكەن. سىتاتسىتكىغا ئاساسلانغاندا، گېزىتخانا جەمئىي 48561 پارچە جاۋاب تاپشۇرۋالغان. بۇ جاۋابلارنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم ئادەملەر نامراتلاردا ئەڭ كەمچىل بولغىنى پۇل دەپ قارىغان؛ بەزىلەر نامراتلاردا ئەڭ كەمچىل بولغىنى تەرەققىي قىلىش ۋە باي بولۇش پۇرسىتى دەپ قارىغان؛ بەزىلەر نامراتلاردا ئەڭ كەمچىل بولغىنىنىڭ ماھارەت ئىكەنلىكىنى ئېيىتقان؛ بەزىلەر نامراتلاردا ئەڭ كەمچىل بولغىنى ياردەم دەپ قارىغان؛ ھەتتا بەزىلەر نامراتلاردا ئەڭ كەمچىل بولغىنى چىرايلىق كىيىم دەپ قارىغان... جاۋاب ھەرخىل ھەم ناھايىتى غەلىتە ئىدى.
بالاۋ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنىڭ بىر يىللىقى بولغان كۈنى، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ۋە ۋاكالەتچىسى بالاۋنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن جاۋابنى ئېلان قىپتۇ.بالاۋنىڭ جاۋابى مۇنداق ئىدى:‹ نامراتلارنىڭ باي بولالماسلىقىدىكى سەۋەب، ئۇلاردا ئەڭ كەمچىل بولغىنى – بايلارغا ئايلىنىشتىكى ئىرادە ›.
بالاۋنىڭ جاۋابى ئېلان قىلنغاندىن كىيىن ناھايىتى زور غۇلغۇلا پەيدا قىپتۇ. كۆپ قىسىم بايلار ئۇنىڭ كۆز – قارىشىغا قوشۇلۇپتۇ، ھەمدە ئىزچىللىقى بولغان ئىرادىنىڭ مەڭگۈلۈك ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا، بارلىق مۆجىزىلەرنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى قەيت قىپتۇ. كىشىلەر ئاخىرىدا ‹ نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ نامرات بولۇشىدىكى سەۋەب -ئۇلاردا بايلارغا ئايلىنىشتىكى ئىرادىنىڭ كەمچىل بولغانلىقىدا ›،دىگەن پىكىرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپتۇ.
ھەقىقەتەن،نامراتلارنىڭ نامرات بولۇشىدىكى سەۋەب ئۇلاردا بىر ئەجەللىك ئاجىزلىق بار: ئۇلار ئاسانلا ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىدۇ، كۈرەش ئىرادىسى كەمچىل. بۇ نۇقتىدا بايلارئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئەزەلدىن ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلەنمەيدۇ، ئازراق بايلىققا ئېرىشكەن ۋاقىتتا، ئەزەلدىن ئۆزىگە تەمەننا قويمايدۇ، ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توختاتمايدۇ، ھەمدە بايلىق نىشانىنى تېخىمۇ ئىگىز، تېخىمۇ يىراققا قويۇپ، ئىزچىل كۈرەش ئىرادىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە بايلىق چوققىسىنى قايتا – قايتا بۆسۈپ ئۆتىدۇ.
دۇنيا«گالىستوك پادىشاھى» سېڭشىيەنشىڭ ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «قەپەس ئىچىدىكى قۇشقاچنىڭ يىراق ھەم ئىگىزگە قاراپ ئۇچالىشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار پەقەت تاشلاپ بېرىلگەن بىرنەچچە داننى يىسىلا قانائەتلىنىدۇ؛ پەقەت تاغ چوققىسىدىكى بۈركۈتلا بوران –چاپقۇنلاردىن ئۆتۈپ ھېچقانداق توسقۇنسىز ھالدا پەرۋاز قىلىدۇ، ئاندىن يۈكسەك نىشانغا يىتىپ بارالايدۇ.» دەل ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلماي ئىزچىلكۈرەش قىلغاچقا، سېڭشىيەنشىڭ بىر قەدەم – بىر قەدەمدىن ئۆزىنىڭ بايلىق نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، ھەمدە «جىنلىلەي، ئەرلەرنىڭ دۇنياسى» ماركىلىرىنى پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەندۈرگەن.
ئىسپاتلاشلارغا قارىغاندا، قەدىمدىن – ھازىرغىچە ئۆتكەن بايلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىن بورۇنلا نۇرغۇنلىغان ئارزۇ – ئارمانلىرى ۋە كۈرەش ئىرادىسى بولغان. بايلىققا ئېرىشىپ باي بولۇش ئۇلارنىڭ ئىزچىل كۆرەش قىلىدىغان نىشانى بولغان. بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغان تەغدىردىمۇ، ئۇلار نەتىجىسىدىن قانائەتلىنىپ بىر ئىزدا توختاپ قالمىغان، ئەكسىچە ئۆزىگە تېخىمۇ يۈكسەك نىشان بەلگىلەپ ئىزچىل كۆرەش قىلغان.
شاڭگاڭ جۇاڭشېڭ گورۇھىنىڭ باش لېدىرى جوجىيەنخې دەل مۇشۇنداق ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلمايدىغان، ۋۇجۇدى كۆرەش ئىرادىسىگە تويۇنغان ئادەم.
جوجىيەنخې خۇنەندىكى بىر ئاددى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن دادىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ناھىيىدىكى دېھقانچىلىق سودىسى شىركىتىدە بوغالتىر بولغان، ئەينى ۋاقىتتا بۇ خىزمەتكە نۇرغۇنلىغان ئادەم ھەۋەس قىلاتتى.
بىراق جوجىيەنخې ئۆزىنىڭ بۇ ھالىتىدىن قانائەت ھاسىل قىلمىغان، بىر يىلدىن كىيىن ئۇمائاشىنى توختىتىپ خىزمىتىنى ساقلاپ قېلىشنى قارار قىلىپ، سودا دېڭىزىغا كىرگەن. جوجىيەنخې شىركەت بەرگەن 10 مىڭ يۈەن ئەمىنلىك پۇلى ۋە جۇغلانمىلىرىنى ئىشلىتىپ بىر كىچىك كىيىم – كىچەك دۇكىنى ئاچقان. ئازراق پۇل تاپقاندىن كىيىن توشقان يۇڭى سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان.
تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، جوجىيەنخې يەنە گۇاڭجۇغا بېرىپ توقۇلما مەھسۇلاتلارنىڭ خام ماتېرىيالىنى سېتىپ چىقىرىش سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. ئۆزىنىڭ كۆرەش ئىرادىسىگە تايانغان جوجىيەنخېنىڭ سودىسى بارغانسىرى چوڭىيىپ، ئاخىرىدا شاڭگاڭ، پىرۇ قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيگەن.
باي بولغان جوجىيەنخې ئۆزىنىڭ قەدىمىنى توختىتىپ قويمىدى، ئۇ شاڭگاڭدا جۇاڭشېڭ چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ۋە ياۋروپا بازارلىرىغا كىرىشنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئارقىدىنلا، ئۇ بېيجىڭدا جۇاڭشېڭ ئۆي– مۈلۈك ئېچىش چەكلىك شىركىتى (بېيجىڭدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى ھەمكارلىق مەبلىغىدىكى شىركەت) نى قۇرغان، ھەمدە 1998 – يىلى يەنە روڭگۇاڭ تۈرلۈك ماللاربازىرى (بېيجىڭدىكى ئەڭ چوڭ تۇرالغۇ ۋە سودا مەركىزى) نى قۇرۇپ چىققان.
ھالبۇكى،جوجىيەنخې بۇ نەتىجىلەردىن قانائەتلىنىپ قالماي، كارخانا كۆلىمىنى ئىزچىل كېڭەيىتكەن. بۈگۈنكى كۈندە، جۇاڭشېڭ گورۇھى پۈتۈن مەبلىغىگە ئىگە بولغان، پېيىنى كونترول قىلغان، پاي قوشقان كارخانىلار 38 بولۇپ، كەسىپلىرى ئامېرىكا، ياپونىيە،ياۋروپا، جەنۇبى ئامېرىكا، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا قاتارلىق جايلارغىچە كېڭىيىپ، ئۆي –مۈلۈك، چوڭ تىپتىكى پارچە سېتىش، مېھمانخانا قاتارلىق ئۈچ چوڭ كەسىپنى يادرو قىلغان،خەلقئارا سودا، ئۆي – مۈلۈك ۋاستىچىلىكى، يىمەك – ئىچمەك، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپلەر بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال چوڭ تىپتىكى خەلقئارالىق كارخانا گورۇھىغا ئايلانغان.
تولۇق ئوتتۇرا مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە بولغان جوجىيەنخېنىڭ بىر كىچىك بوغالتىردىن خەلقئارا گورۇھنىڭ باش لېدىرى بولۇپ ،بۈگۈنكىدەك نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۇنىڭ ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەت قىلمايدىغان كۈچلۈك كۆرەش ئىرادىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. جوجىيەنخې ئىلگىرى مۇنداق دىگەن: «ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا مەن خىزمىتىمدىن رازى بولۇپ شۇ ھالىتىمگە شۈكۈر قىلغان بولسام، ئۇنداقتا بۈگۈنكى جوجىيەنخې بولمىغان بولاتتى، بۈگۈنكى جۇاڭشېڭ گورۇھى تېخىمۇ بولمىغان بولاتتى.بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىرتقى ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارمىغان.بىر ئادەمگە باھا بەرگەندە ئەڭ مۇھىمى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بار – يوقلۇقىغا، يەنى تۇرمۇشتىكى كۈچلۈكلەردىن بولۇش ئىرادىسىنىڭ بار –يوقلۇقىغا قاراش كېرەك. ئەگەر سىزنىڭ گۈزەل ئارزۇيىڭىزغا بولغان ئىرادىڭىزئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىسە، ئۇنداقتا بىر خىل كۈچ سىزنى ئالغا قاراپ مېڭىشقا،ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلىرىڭىزگە ئېرىشىشكە ئۈندەپ تۇرىدۇ.»
بۇ دەل ئىرادىنىڭ كۈچى، ئۇ بولسا كىشىلەرنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغان، بايلىقنى قوغلىشىدىغان تۈرتكىلىك كۈچ. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىدۇ، كىشىلەرنى كۈچلۈك ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ بايلىق چۈشى ئۈچۈن توختىماستىن تىرىشىشقا ئۈندەيدۇ.
سۆيۈملۈك دوستۇم، ئېھتىمال سىز ھازىر تېخى مۇۋەپپەقىيەت قازانمىغان، ئۆزىڭىزنىڭ ئارزۇلىرىنى تېخى ئەمەلگە ئاشۇرمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، بىراق بۇلار مۇھىم ئەمەس. پەقەت سىزدە بايلارغا ئايلىنىش ئىرادىسى بولسىلا، ھەمدە بۇ ئىرادىڭىز بىلەن ئاخىرىغىچە كۆرەش قىلسىڭىزلا سىز چوقۇم بايلىق دەرۋازىسىدىن ھالقىيدىغان كۈنگە ئېرىشەلەيسىز.
بايلىقنىڭ بايانى:
نامراتلارئۆزىنىڭ كىيىدىغان كىيىمى، يەيدىغان تامىقى بولغانلىقىدىن رازى بولغان ۋاقتىدا،بايلار ئەكسىچە كىيىنكى تېخىمۇ يۈكسەك نىشانغا يىتىش ئۈچۈن يەڭلىرىنى شىمايلاپ تەييارلىنىۋاتقان بولىدۇ. بۇ دەل نامراتلار بىلەن بايلارنىڭ پەرقى. نامراتلار ئاسانلا ھازىرقى ھالىتىدىن رازى بولىدۇ، بايلار ئۆزىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئارزۇ –ئارمانلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىدۇ. ئەگەر سىز ھەمىشە ھازىرقى ھالىتىڭىزدىن قانائەت ھاسىل قىلىپ، بايلىققا ئېرىشىشكە نىسبەتەن ئىرادىڭىز ئاجىز بولسا، سىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىڭىز بەسى مۈشكۈل. بايلىق رىقابىتىدىكى يەڭگۈچىلەردىن بولۇش ئۈچۈن ھازىرقى ھالىتىدىن رازى بولماسلىق، قانائەتچان پىسخىكىدا بولماسلىق كېرەك،ئەكسىچە ھەر دائىم كۆرەش ئىرادىسىگە تولۇپ تۇرۇش كېرەك. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا،ئاندىن بايلىقنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.
*****************************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى-ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى