A-A+

ئورتاق غايە ئارقىلىق تالانتلىقلارنى جەلپ قىلىش كېرەك

2015-يىل 8-ئاپرېل تەرجىمە كىتابلىرىمىز باھا يوقكەن زىيارەت: 198 قېتىم

مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى

48cb3cfd-6653-4408-ab50-887c34a234ec

9-دەرس 4-پارىگىراپ

ئورتاق غايە ئارقىلىق تالانتلىقلارنى جەلپ قىلىش كېرەك

كارخانىدا ئادەمنى قانداق ئىشلىتىش مەسىلىسى ئىزچىل كارخانىچىلارنىڭ باش قاتۇرىدىغان مەسىلىسى بولۇپ قالدى. بولۇپمۇ بۈگۈنكى تالانتلىقلارنىڭ ئېقىپ كېتىشى بارغانسرى كۆپىيىۋاتقان سودا بازىرىدا، بىر تالانتلىق خادىمنى تۇتۇپ قېلىش ۋە ئۇنى ئۆزى ئۈچۈن سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلدۇرۇش ناھايىتى تەس مەسىلە.

مايۈن بۇنداق ھادىسىگە قارىتا مۇنداق دېگەن: «بىر رەھبەر بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز خىزمەتچىلىرىڭىزنى خىزمەتنى ئۆزىڭىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئورتاق نىشان ۋە تەغدىر ئۈچۈن ياكى بىر ئورتاق غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك، خىزمەتچىلەر ھەرگىزمۇ رەھبىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلماسلىقى كېرەك.» بۇ خىل ئۇسۇل ئادىمىيلىك لاتاپىتى كۈچلۈك بولغان كارخانىچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئەسقاتىدۇ.

ئالى بابا گۇرۇھىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆتمۈشىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، بىز مايۈننىڭ سۆزىگە يوشۇرۇنغان قائىدىنى ھېس قىلالايمىز.

ئالى بابانىڭ مالىيە باش نازارەتچىسى بولغان سا چۇڭشىن ئىلگىرى Investor AB شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش لىدىرى ئىدى؛ باش تېخنىكا ئەمەلدارى ۋۇ تۇڭ ئىلگىرى ياخۇ ئىزدەش موتورىنىڭ تۆۋەن قاتلام تېخنىكىسى پاھتنېتىنى كەشپ قىلغان بولۇپ، ياخۇ ئېلېكترونلۇق سودىسىنىڭ ئاساسى يۇمشاق دېتال سىستېمىسىنى لايىھەلەشكە رىياسەتچىلىك قىلغان ئىدى؛ ئالى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى گۇەن مىڭجۇ ئىلگىرى GE شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى ئىدى؛ ئالى بابا مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بىت سارلىن ئىلگىرى دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئىدى...

ھالبۇكى، بۇ كىشىلەر نېمىشقا ئالى باباغا كېلىدۇ ۋە مايۈنگە ئىزچىل ئەگىشىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى دەل مايۈن ئېيىتقان «ئورتاق نىشان ۋە غايە ئۈچۈن كۆرەش قىلىش» تىن ئىبارەت.

بۇ كىشىلەر ئالى باباغا كېلىشتىن بۇرۇنلا مائاشىمۇ ناھايىتى يۇقىرى ئىدى، يەنە پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ قەرەللىك كىرىم ھوقۇقىغا ئىگە بولغاچقا، ئۇلارنىڭ كىرىمى «ئەينى ۋاقىتتىكى ئالى بابادەك شىركەتتىن نەچچە يۈزنى سېتىۋېلىشقا يېتەتتى.» ئالى باباغا كەلگەندىن كېيىن، بۇ كىشىلەر ئەسلىدىكى مائاشىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدىغان مائاش ئېلىپلا قالماستىن، يەنە پاي ھوقۇقىنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغان. ئالى بابانىڭ غايىسى ئۇلارنى جەلپ قىلغانلىقى سەۋەبلىك، ئۇلار يۇقىرى مائاش ۋە پاي ھوقۇقىنى تاشلاپ مايۈن بىلەن بىرلىكتە كۆرەش قىلىشنى باشلىغان.

بۇلار تىلغا ئېلىنسا، مايۈن پەخىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭمۇ، ئۇلارنىڭمۇ غايىسى بولغاچقا، بىز ئالى بابادىن پايدىلىنىپ ئورتاق غايىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدۇق.»

نۆۋەتتە ئالى بابادا باش تېخنىكا ئەمەلدارى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ۋۇ تۇڭ مۇنداق دېگەن: «2005-يىلى 5-ئايدا مەن چەتئەلدىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلدىم، يولدىن ئۆتكەچ مايۈننى كۆرۈش ئۈچۈن كېلىپ، مايۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ مايۈننىڭ ئۆيىدە قىستىلىشىپ خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بارلىق خادىملارنىڭ پۇللىرىنى شىركەتكە مەبلەغ سالغانلىقىنى، پەقەت ھەر ئايلىق تۇرمۇش پۇلىنى ئالىدىغانلىقىنى كۆردۈم، ئۇلار كېچە-كۈندۈز خىزمەت قىلاتتى. بۇ خىل بۇرچ تۇيغۇسى ئەينى ۋاقىتتىكى ياخۇدىمۇ يوق ئىدى، شۇڭا مەن ئالى باباغا كېلىشنى قارار قىلدىم.»

ھازىر ياخۇ (جۇڭگو) گۇرۇھىنىڭ باش لىدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان سېڭ ۋۇدىمۇ ئۇلارغا ئوخشاش ھېسىيات بار، ئۇ مۇنداق دېگەن: «مەن جۇڭگودا نۇرغۇنلىغان كارخانىلارنى كۆردۈم، ناھايىتى ئاز ساندىكى كارخانىلاردا يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلارنى 10 كۈن بىر يەرگە يىغىۋېلىپ ئىستىراتېگىيە تۈزەيدۇ، ئەستايىدىللىق بىلەن پىلان تۈزەيدۇ.» 2003-يىلىدىن تارتىپ ئالى بابانىڭ ئىستىراتېگىيە تۈزۈشىگە ياردەملىشىۋاتقان سېڭ ۋۇ دەل بۇ نوقتىنى تونۇپ يەتكەچكە، ئالى بابا بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالىغان.

كۆپچىلىك بىلىدىغان سا چۇڭشىن مايۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ كۈچىشى ۋە «كۈنجۈت! ئىشىكنى ئاچ!» ئىدىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە ئالى باباغا كەلگەن. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ يەردە ئىش قىلىۋاتقان بىر قانچە كىشىلەر بار، ئۇلار مېنىڭچە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا مەن ئۇلارغا قوشۇلۇشنى قارار قىلدىم.»

ئىگىلىك تىكلەشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، بىز تېخى ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلغۇدەك ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولمىغاچقا، چوقۇم باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىشىمىز كېرەك. ئەلۋەتتە بۈگۈنكى سودا مەيدانلىرىدا، يۇقىرى مائاش ئارقىلىق ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىش ناھايىتى ياخشى تاللاش، بىراق بۇ بىردىنبىر يول ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت يۇقىرى مائاشقىلا تايانغاندا ئىختىساسلىق خادىملارنى سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش ۋە شىركىتىڭىزدە داۋاملىق ئېلىپ قېلىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئادەمنىڭ ئېھتياجى كۆپ تەرەپلىمە بولغاچقا، ھەقىقىي تۈردە ئۆزىنىڭ قىممىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىگە نىسبەتەن پۇل بىردىنبىر نەرسە ئەمەس. ئىگىلىك تىكلەش باسقۇچىدىكى كارخانىلار ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ كارخانىدا نەتىجە قازىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇنىڭ ئېلىشقا تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئالالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم، شۇندىلا نۇرغۇنلىغان تالانت ئىگىلىرىنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ ماددى تەمىناتقا ئېرىشىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇشتىن باشقا، سىز يەنە ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ مەنىۋى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرالىسىڭىز، مەسىلەن: ئۇلارغا ئۆزىنىڭ تالانتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان سەھنە تەمىنلەپ بەرسىڭىز، ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورنىتالايدىغان سەھنە يارىتىپ بەرسىڭىز، ئىستېقبالى پارلاق، بازار رىقابىتىگە ماسلىشالايدىغان مەھسۇلات تۈرى ئېچىش قاتارلىق ئىشلارغا قويسىڭىز، ئۇلار شىركەتنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جان تىكىپ كۆرەش قىلىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيەتنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك، كىشىلەر كەسپ تاللىغاندا ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ كەتتى. ئۇلار كارخانىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپلا قالماستىن، كارخانىنىڭ كەلگۈسى ئىستېقبالى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ جەرياندىكى تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، كارخانا نۆۋەتتىكى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى ياخشى قىلىپلا قالماستىن، يەنە ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستىراتېگىيەسى ۋە يۆنىلىشى بولۇشى كېرەك.

خۇددى مايۈن ئۆزىنىڭ خىزمەتچىلىرىگە «ئورتاق غايە، ئورتاق بۇرچ، ئورتاق نىشان» تۈزۈپ بەرگىنىگە ئوخشاش، كارخانىدا چوقۇم بىر «كارخانا چۈشى» بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە تالانت ئىگىلىرىنى تەربىيەلەيدىغان ۋە تاللايدىغان سىستېما بولۇشى كېرەك، كارخانىغا كىرگەن ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس «چۈشى»-شەخسنىڭ كەسپىي ھاياتى پىلانى بولۇشى كېرەك. ئەلۋەتتە، يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن ئىختىساسلىق خادىملارنى جەلپ قىلىشقا دائىر تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈشتىن سىرت، يەنە باشقا ماس ئۇسۇللارنى قوللىنىش، بۇ ئارقىلىق ئىختىساسلىق خادىملارغا ئىلھام بېرىش، كارخانا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئاساس سېلىش لازىم.

مايۈن بۇ نوقتىنى ناھايىتى ياخشى قىلغان. ياخۇنى سېتىۋالغاندىن كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق دېگەن: «خىزمەتدېشىڭىزنى سىز ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز ئۈچۈن تىرىشىشقا يېتەكلەش، بىر ئورتاق نىشانغا ئۇيۇشىشىمىز كېرەك، ئىتتىپاقلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋال كۆپچىلىكنى سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئەمەس، بەلكى كارخانىنىڭ ئورتاق غايىسىنى ئېتىراپ قىلىشقا يېتەكلىشىڭىز كېرەك.»

ئالى بابا غايىلىك، ئىش تەۋرىتىش ئىرادىسى بار، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە كىشىلەردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن. بىراق بۇ غايە ۋە نىشان ھەرگىزمۇ يالغۇز مايۈنگە مەنسۇب ئەمەس، ئەكسىچە پۈتكۈل كوللىكتىپقا مەنسۇب. كارخانىدا ئىشلەش ھەرگىزمۇ مەبلەغ سالغۇچى ئۈچۈن ئەمەس، مايۈن ئۈچۈن ئەمەس، ئەكسىچە ھەر بىر خىزمەتچىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ پاي ھوقۇقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ غايىسى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.

پەقەت بىر ئورتاق نىشان ئۈچۈن كۆرەش قىلغاندىلا، ئاندىن دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك تۈرتكىلىك كۈچكە ئىگە بولغىلى بولىدۇ. مايۈن يۇقىرى مائاش، يۇقىرى ئورۇن بىلەن تەمىنلىمەي تۇرۇپمۇ 500 كۈچلۈك

كارخانىدىكى سەرخىللارنى يىغىپ كەلگەن-بۇ دەل كارخانا غايىسىنىڭ رولى.

***************

مەنبە : چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى 2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى

<< مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى >> ناملىق كىتاب

تەرجىمە قىلغۇچى : ئەقىدە قاشگەرلىكى  شىركىتى – ئۇيغۇر قاشتېشى تورى

WWW.UYHQT.CN

تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر

تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام

2015-يىلى

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ