«خانىش» بىلەن «دېھقان ئايال»نى يارىتىش پەرقىدىكى سىرلىق كۈچ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( ئىككىنچى كىتاپ )
4-باپ 3-پاراگىراپ
«خانىش» بىلەن «دېھقان ئايال»نى يارىتىش پەرقىدىكى
سىرلىق كۈچ
كۆپىنچە ۋاقىتتا بايلار بىلەن نامراتلار ئارىسىدىكى كەسكىن پەرقنى پەيدا قىلىدىغىنى باشقا نەرسە ئەمەس ، بەلكى ئىككىسىنىڭ نىشانىدىكى پەرىق. بايلىققا ھەربىر ئادەم ئاسانلا ئېرىشەلمەيدۇ . بولۇپمۇ نىشانى يوق كىشىلەر تېخىمۇ شۇنداق. گەرچە باي بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يوللىرى نۇرغۇن بولسىمۇ، لىكىن نىشانى كەم بولسا، ئۇ ھالدا بايلىققا ئېرىشىش يوللىرى تىكەنگە تولىدۇ . بۇ نۇقتا نامراتلار ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق. مەبلەغ سېلىش ئۇستازى گىئورگى.سورۇس ئىلگىرى مۇنداق دېگەن: « مەن مەلۇم بىر تۈرگە مەبلەغ سېلىشتىن ئاۋال، مەبلەغ سېلىش بازىرىنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىپلا قالماستىن يەنە مەبلەغ سېلىش نىشانىمنى ئېنىق بېكىتىمەن. ھەمدە نىشان تۇرغۇزغاندىن كىيىن كۆپرەك بايلىققا ئېرىشەلەيمەن. نىشان تۇرغۇزۇشنى مىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھاياتىمغا ھەرۋاقىت ھەمراھ دېيىشكە بولىدۇ.»
رېئال تۇرمۇشتىمۇ نۇرغۇن ئادەم پەرۋاسىزلا سۆزلەيدۇ: « نىشان تۇرغۇزۇش بىلەن باي بولۇشنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى بار؟ مەن ئۇلار ئارىسىدا مۇكەممەل مۇناسىۋەت بارلىقىنى ھىچ بايقىمىدىمغۇ!؟» بىز ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدا ساقلانغان مۇناسىۋەتنى ۋاقتىنچە مۇنازىرە قىلمايلى ، چۈنكى تۆۋەندىكى مەسەل ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە جاۋاپ تاپقىلى بولىدۇ.
«ئىزوپ مەسەللىرى» ئىچىدە مۇنداق بىر مەسەل بار:
قەدىمكى پارىس خانىلىقىدا بىر جۈپ قوش كېزەك ئاچا - سىڭىل بولۇپ، ئۇلار ھەسەل پىششىقلاپ ئىشلەپ ئائىلىسىنى باقىدىكەن . بىراق ئاچا-سىڭىل ئىككىسىنىڭ مىجەزىدە چوڭ پەرىق بار بولۇپ، ئاچىسى ئالدىراڭغۇ، ئىش قىلىشى تەرتىپسىز ئىكەن. ئۇلۇغۋار ئارزۇ - ئىستەك ۋە نىشانىمۇ كەمكەن. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ نىشانى- ئۆزىنىڭ ياخشىراق ياشىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن؛ ئەمما سىڭلىسى ئەكسىچە بولۇپ، ئۇلۇغۋار غايىسى بار ئىكەن. ئۇ ھەسەل پىششىقلاپ سېتىشقا تايىنىپ تۇرمۇشنى قامداشقا رازى ئەمەسكەن. ئەڭ چوڭ نىشانى بولسا بىر كۈنلەردە ئۆزى تەييارلىغان ھەسەلنى پارىس پادىشاھىغا ئىچكۈزۈش ئىكەن. ھەسەل ساتقان ۋاقىتتىمۇ ئككىسىنىڭ ئىپادىسىدە پەرىق چوڭ ئىكەن. ئاچىسى كوچىنىڭ بىر تەرپىدە تۇرۇپ ۋاقىراپ سېتىشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ ، ھەركۈنى خېلە كۆپ ھەسەلنى سېتىپ چىقىرىدىكەن؛ لىكىن سىڭلىسى بىر بۆلۈك ھەسەلنى ئېلىپ ئۆتكەنلەرگە ھەقسىز بېرىدىكەن ھەمدە بوتۇلكىنىڭ ئۈستىگە ئىسمىنى ئويۇپ يېزىپ قويىدىكەن. سىڭلىسى گەرچە ئازراق ھەسەلنى زىيان تارتقان بولسىمۇ، لىكىن خېرىدارى ئۆزۈلۈكسىز ئاينىپتۇ.
ئاچا - سىڭىل ئىككىيلەننىڭ ھەسەل سېتىش مىقدارى ئۆزۈلۈكسىز ئېشىپ، ئۇلارنىڭ ھەسىلىمۇ نام چىقىرىپتۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاچىسى: ھەسەلنىڭ سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئېشىشى خېرىدارلارنىڭ ھەسىلىمىزنى ئېتىراپ قىلغانلىقى بولۇپ ، مۇندىن كېيىن خېرىدارلار داۋاملىق سېتىۋالىدۇ، دەپ ئويلاپتۇ . شۇڭا ئۇ بۇ خىل ئىدىيىنىڭ تەسىرىدە بوشاڭلىق قىلىشقا باشلاپتۇ . ئۇ ئەتىگەن تۇرۇپ ھەسەل تەييارلىمايدىغان بوپتۇ. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ پىششىقلاپ ئىشلەش ھۈنىرىنىڭ ئۆلچىمى تۆۋەنلەپتۇ. خېرىدارلار ئاچىسىنىڭ ھەسىلىنىڭ رەڭگىلا ئەمەس، تەمىنىڭمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. سىڭلىسى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن‹ ئاچام سالامەتلىكى ياخشى بولماي شۇنداق ھەسەل تەييارلىغان ئوخشايدۇ ›دەپ ئويلاپ، ئۇنى ئىزدەپ بېرىپ سوراپتۇ:
-سىنىڭ ھەسىلىڭ قانداقسىگە بۇنداق بولۇپ قالدى؟
-مەن كۈڭۈل قۇيۇپ تەييارلىمىغان،- دەپتۇ ئاچىسى.
-ياخشى پىششىقلانمىغان ھەسەلنىڭ ئۆزۈڭنىڭ نامىنى ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى بىلىسەنغۇ.
-مەن بۇنى ئويلاپ نېمە قىلاي . ئاللىقاچان پۇلنى يېتەرلىك تېپىپ بولدۇم، ھەسەلنىڭ ياخشى بولغان-بولمىغانلىقىغا ئەمدى كۆڭۈل بۆلمەيمەن.
-ئەگەر ھەسەل ساتمىساڭ سەن نىمىش قىلماقچى؟
-ھېچ ئىش قىلمايمەن، تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشنى باشلايمەن.
ئاچىسىنىڭ جاۋابىنى ئاڭلىغان سىڭلىسى ئامالسىز قاپتۇ. چۈنكى ئۇ ئاچىسىنىڭ نىشانى يوق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىكەن . ئەگەر يەنە بېرىپ نەسىھەت قىلسا ئۆزىگە كۆڭۈلسىزلىك تېپىۋالىدىغانلىقىنىمۇ بىلىدىكەن ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بولدى قىپتۇ.
سىڭلىسى ئۆيگە قايتقاندىن كىيىن ناھايتى ئۇزۇن ئويلىنىپتۇ. ئۇ كۆڭلىدە :‹ ھازىر تاپقان پۇلۇم ئاچامنىڭكىدىن كۆپ. ئەگەر ئاچامغا ئوخشاش ھەسەل سېتىشتىن ۋاز كېچىپ ئەكسىچە بەخىتتىن ھۇزۇرلانسام ، كىشلىك تۇرمۇشۇم شۇنداق ئاددى ئۆتۈپ كېتەرمۇ؟ پارىس پادىشاھىغا ئۆزەم تەييارلىغان ھەسەلنى ئىچكۈزۈش ئارزۇيۇمچۇ؟ ئەگەر ھازىرلا بۇ ئىشنى تاشلىسام ئۇ ئارزۇيۇم قانداقمۇ ئەمەلگە ئاشسۇن › دەپ ئويلاپتۇ. شۇندىن كىيىن سىڭلىسى بۇرۇنقىدىنمۇ ئەتىگەن تۇرۇپتۇ. يەنە ھەسەل ئىشلەيدىغان پىشقەدەملەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن ھەسەل پىششىقلاشقا دائىر بىلىملەرنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپتۇ. بوشاشماي تىرىشىش ئاستىدا سىڭلىسىنىڭ ھەسىلى ئاخىر پارىس ئوردىسىدىكىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپتۇ. ئۇلار ھەسەلنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىن ھەممىسى ئۇنىڭ ھەسىلىنى ماختاپ كېتىپتۇ. شۇنداق قىلىپ بۇ ئەمەلدارلارنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن سىڭلىسى پادىشاھقا ھەسەل تەقدىم قىپتۇ. پادىشاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دەپتۇ:«ئەگەر سىز نەق مەيداندا مەن ياقتۇرىدىغان ھەسەلنى تەييارلاپ چىقالىسىڭىز مەن سىزنى مۇكاپاتلايمەن.»
سىڭلىسى تەمكىنلىك بىلەن ھەسەل تەييارلاشنى باشلاپتۇ. ۋاقىت بىر مىنوت بىر سېكونتتىن ئۆتۈپ كىتىپتۇ. ھەممە ئادەمنىڭ نەزىرى قىزغا چۈشۈپتۇ. ئىككى سائەت ئۆتكەندا سىڭلىسى بىر ئىستاكان ھەسەلنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپتۇ. پادىشاھ تېتىپ ئىنتايىن ماختاپ كېتىپتۇ ھەمدە دەرھاللا ئۇنىڭغا نۇرغۇن مۇكاپان بېرىپتۇ ۋە مۇندىن كىيىن ئۇنىڭ ھەسىلىنى ئىچىدىغانلىقىنى بىكىتىپتۇ. سىڭلىسىنىڭ ئىپادىسىگە بىر تەرەپتە تۇرغان پارىس شاھزادىسىنىڭ كۆزى چۈشۈپتۇ. كىيىن ئىككىسى ئالاقىلىشىپتۇ. سىڭلىسىنىڭ ئەقىل پاراسىتى ۋە گۈزەللىكى شاھزادىگە تەسىر قىپتۇ. شاھزادە ئۇنى ئېلىشنى قارار قىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ھەسەل ئىشلەيدىغان ئادەتتىكى قىز بىر ئۆزگىرىپلا خانىش بوپتۇ.
قوشكېزەك ئاچا - سىڭىل ئىككىسى گەرچە ھەسەل سېتىپ تۇرمۇشنى قامدىسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ تەقدىرى قەتئى ئوخشىمايدۇ. ئاچىسىدا نىشان بولمىغانلىقتىن ھازىرقى ھالىتىدىن قانائەتلىنىپ ھەسەل سېتىشتىن ۋاز كېچىدۇ. بايلىقمۇ تەبىئىيلا ئۇنىڭدىن يىراقلايدۇ . ئاخىرى ھەسەل ساتقان پۇلنى خەجلەپ تۈگىتىپ نامراتقا ئايلىنىدۇ؛ لىكىن سىڭلىسى ئۆزىگە نىشان تىكلەپ ، تىرىشچانلىقى ئارقىلىق غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە تېخى شاھزادىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىدۇ.
رېئال تۇرمۇشتا مۇنداق ئىككى خىل ئادەم بار: بىر خىلىدا، ئۇلۇغۋار نىشان كەم، ئەتىگەندىن كەچكىچە نادانلىق قىلىپ يۈرىدۇ، ئويلىنىپ ئىش قىلمايدۇ؛ يەنە بىر خىل ئادەم بۇرۇنلا ئۆزىنىڭ ھاياتىنى پىلانلاپ بولغان ھەمدە ئۇلۇغۋار نىشان تىكلىگەنلەردۇر . ۋاقىتنىڭ ئۇزرىشىغا ئەگىشىپ بىرىنجى خىل كىشىلەر ھىچ ئىش قىلماي ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدۇ . بايلىققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن بەلكى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالىدۇ؛ ئەمما ئىككىنجى خىل كىشىلەر نىشاننىڭ يىتەكچىلىكىدە ئۆزۈلۈكسىز ئالغا باسىدۇ. بارلىق توسالغۇلارنى يېڭىپ باي بولۇپلا قالماستىن ئىلگىرىكى نامرات ھالىتىنى باشقىلارنىڭ چۈشىنىشى ئۈچۈن قايتىدىن داستان قىلىپ يازىدۇ.
ئېدۋارد مېد جونسۇن تۇغۇلغان دەۋر دەل يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغان مەزگىل ئىدى . بۇ مەزگىلدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، بۇ پەقەتلا كېسەل تارقالغانلىق سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بوۋاقلارنىڭ ئانا سۈتى ئېمەلمىگەنلىكىدىن ئىدى. ئانا سۈتى ئېمەلمىگەن، يەنە مۇۋاپىق سۈت مەھسۇلاتى يوق شارائىتتا، نۇرغۇن بوۋاقلار بالدۇرلا ئۆلۈپ كېتەتتى. ئېدۋارد مېد جونسۇن بۇ رىئاللىقنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ ، ئازاپنى ھېس قىلغاچقا، ئۆزىگە ‹چۇقۇم بوۋاقلار ئىستىمال قىلسا بولىدىغان سۈت مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ چىقىش › تىن ئىبارەت نىشان تىكلىگەن . ئۇ بۇ ئويىنى دوستلىرىغا دېگەن چاغدا، دوسلىرى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن، ھەتتا بەزىلىرى سوغۇق سۇ سەپكەن. ئۇلار: ئۇ دورىگەر تۇرسا بۇنداق ئىشنى قانداقمۇ قىلالىسۇن، دەپ قارىغان. ئۇ دوسلىرىنىڭ ئۆزىگە بۇنداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى. گەرچە ئۇنىڭ كۆڭلى يېرىم بولسىمۇ ،بىراق سۈت مەھسۇلاتى تەتقىق قىلىش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمىگەن.
ئىشنىڭ تەرەققىياتى ئۇ تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئۇنداق ئوڭۇشلۇق بولمىغان . ئۇ تەتقىقات داۋامىدا باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە ئۇچرىغان ھەم بۇنىڭدىن ناھايتىمۇ خورلۇق ھېس قىلغان . ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى ئانا سۈتى ئېمەلمەيدىغان بوۋاقلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتلىرىدىن خاتىرجەم بەھىرلىنىشى ئۈچۈن ئىدى ،شۇڭا سىرتقى بېسىم ئېغىر بولسىمۇ ئۇ چىكىنمىگەن .
نىشاننى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇ ھەركۈنى ناھايتى بالدۇرلا تەجرىبىخانىغا كەلگەن . ھەر كۈنى تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلارنى توپلاپ ئانالىز قىلغان . بوۋاقلارنىڭ سۈت مەھسۇلاتىغا ئائىت مەسلىلەرنى ئىنچىكە سۈرۈشتە قىلىپ ئىگىلىگەن . شۇنداق قىلىپ ئىككى يىلدىن كىيىن ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بوۋاقلار سۈت مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ چىققان . تەتقىقات مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغاندىن كىيىن ئۇ سۈت مەسھۇلاتلىرىدىن ئانا سۈتى ئېمەلمەيدىغان بوۋاقلارغا ھەقسىز ئاپىرىپ بەرگەن . ئەينى چاغدا تارقىلىشچان كېسەل ئېمونىتىت كۈچى ئاجىز بوۋاقلارغا نىسبەتەن بىر ئاپەت ئىدى . بەخىتكە يارىشا نۇرغۇن بوۋاقلار ئۇ ياسىغان سۈت مەھسۇلاتىنى ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن ئېمونىتىت كۈچى ئېشىپ، ئۆلۈش نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن . شۇندىن كىيىن شۇ يەردىكى كىشىلەر مۇنداق دېگەن:«ئەگەر ئېدۋارد مېد جونسون بوۋاقلار ئىستىمال قىلىدىغان سۈت مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ چىقمىغان بولسا، بىزنىڭ باللىرىمىزنىڭ تەقدىرى قانداق بولۇپ كېتەر ئىدى؟!»
ئېدۋارد مېد جونسون بالدۇرلا نىشان تىكلىگەن . شۇڭا ئۇ بوشاشماي تىرىشىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بوۋاقلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغان سۈت مەھسۇلاتىنى تەتقىق قىلىپ چىققان. ئۇ شەرەپكە ئېرىشىپلا قالماي، نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشكەن . ھەمدە «مېد جونسۇن ئۇزۇقلۇق مەھسۇلاتلىرى شىركىتى»نى قۇرغان. بۇنىڭ ھېكايىسى كىشىلەرگە مۇنۇلارنى دەيدۇ:-نىشان تىكلەش بولسا بىر ئادەمنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، غەلىبىگە قاراپ مېڭىشىدىكى زۆرۈر دەرىسلىك . ئەگەر بۇ دەرىسنى ياخشى ئىگەللىمىسىڭىز، سىزنىڭ غەلىبە يولىغا تۇتىشىدىغان يۆنىلىشنى تېپىشىڭىز ئىنتايىن تەس . نامراتلىق تونىنى تېخىمۇ سېلىۋېتەلمەيسىز .
بايلىقنىڭ بايانى:
نىشان تىكلەش ياكى تىكلىمەسلىك−ئىشىدا غەلىبە قىلىش ياكى مەغلۇپ بولۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى بولۇپلا قالماي، بايلققا ئېرىشىشنىڭمۇ مۇھىم ئامىللىرىدىن بىرى. نامراتلار بايلىق قوغلىشىش يولىدا تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈمگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاۋال نىشاننى تۇرغۇزۇش كېرەك، شۇندىلا بايلىققا ئېرىشەلەيدۇ. بولمىسا بايلىق سىزدىن ئۆزىنى ئېلىپ قېچىپلا قالماي، تەقدىرىڭىزمۇ تۈرلۈك قىسمەتلەرگە گىرىپتار بولىدۇ.
**************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى