ئىگىلىك تىكلەشتە ھەر كۈنى غەلبىگە ئەمەس ، بەلكى قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە يولۇقىمىز
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
1-دەرس 2-پارگىراپ
ئىگىلىك يارىتىشنى يېڭىدىن باشلىغانلار ھەمىشە ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ۋاقىتتىكى ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، ئىگىلىك يارىتىش جەريانىدا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بولغان ھەرخىل مەسىلىلەرگە سەل قارايدۇ - دە، ئاخىرىدا مەغلۇبىيەتكە قاراپ يول ئالىدۇ. بۇنداق ئەھۋالغا نىسبەتەن، مايۈن ئىلگىرى بارلىق ئىگىلىك ياراتقۇچىلارنى سەمىمىي ئاگاھلاندۇرغان: «ئىگىلىك ياراتقۇچى مەڭگۈ ئۆزىگە شۇنداق دىيىشى كېرەك – ئىگىلىك ياراتقان بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ مېنىڭ ھەر كۈنى ئۇچرايدىغىنىم قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەت، ھەرگىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت ئەمەس.»
بىر پارچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىكى سانلىق مەلۇماتنىڭ كۆرسىتىشىچە، جۇڭگودا ئىگىلىك تىكلەپ مەغلۇب بولغانلار بارلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ 85% نى ئىگەللەيدىكەن، بۇنىڭدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئىگىلىك يارىتىشنىڭ جەريانى قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەتكە يۈزلىنىش جەريان ھەمدە بۇ قىيىنچىىقلارنى يېڭىپ ئىزچىل داۋاملاشتۇردىغان جەريان. بىر ئادەم ئىگىلىك يارىتىشنى تاللىغان ئىكەن، بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ قىيىنچىلىق ئىچىدە ئۆلۈپ – تىرىلىپ ئاندىن گۈللىنىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، بىراق چوقۇم بۇ خىلدىكى ئىدىيۋى تەييارلىق بولۇشى كېرەك.
مايۈن مۇنداق دىگەن: «ئەگەر سىز ئىگىلىك يارىتىش جەريانىدىكى 100 قېتىملىق يىقىلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ بولالمىغان بولسىڭىز، ئۇنداقتا ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلانسىڭىز بولمايدۇ؛ ئەگەر سىز سانسىزلىغان رەت قىلىنىش ھەتتا مەسخىرە قىلىنىشلارغا نىسبەتەن تەييارلىق قىلىپ بولالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلانسىڭىز بولمايدۇ؛ ئەگەر سىز (پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر تەرىپىدىن تاشلىۋىتىلىش) تەييارلىقىنى ياخشى قىلالمىسىڭىز، ئۇنداقتا ئىگىلىك تىكلەشكە ئاتلانسىڭىز بولمايدۇ.»
1995 – يىلى، يەنى مايۈن «جۇڭگو ئۇچۇر بېتى» نى قۇرۇپ چىققان مەزگىلدە، جۇڭگودا تېخى ئېنتېرنىت تورى ئېچىلمىغان بولۇپ، كىشىلەر بۇ جەھەتتە ھېچنىمىنى بىلمەيىتتى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ بۇ تىز سۈرئەتلىك «ئۇچۇر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولى» غا قاتنىشىشنى قارار قىلمىغان ئىدى.
ئەمما ئەينى ۋاقىتتىكى مايۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئامېرىكىدىن ئەۋەتىلگەن بىر نەچچە پارچە نۇسخىلاش قەغىزى ۋە ئامېرىكىنىڭ بىر دانە تېلفۇنىغا تايىنىپ، كىشىلەرگە دۆلەت ئىچىدە ئۇچراتقىلى بولمايدىغان بىر خىل تاۋارنى سېتىۋاتاتتى. بۇنداق ئەھۋالدا خېرىدارلارنى قايىل قىلىش ناھايىتى تەس بولۇپ، بەزىلەر بۇ نۇسخىلاش قەغەزلىرىنى مايۈن ئۆزلىرى ياسىۋالغان، ھەرگىزمۇ ئېنتېرنىت تورى ئارقىلىق كەلتۈرۈلمىگەن دەپ گۇمان قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر مايۈننى ئالدامچى دەپ گۇمان قىلىشقا باشلىغان.
گەرچە مايۈن ناھايىتى سەمىمىي بولغان بولسىمۇ، سودىسىنى ئىنتايىن ئەستايىدىللىق بىلەن قىلغان بولسىمۇ، ھەتتا قىيىنچىلىقلارغا قارىماي ئېنتېرنىت تورىنى تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ ئۇ كىشىلەرنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمىگەن، قايتا – قايتا باشقىلار تەرىپىدىن ئالدامچى دەپ قارالغان. ئېھتىمال بۇ ئۇنىڭ تور ساھەسىدە باشقىلاردىن ھەسسىلەپ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن بولۇپ، بىر ئېنتېرنىت تورىنىڭ كېڭەيىتكۈچىسى چوقۇم تۆلەشكە تىگىشلىك بەدەل بولسا كېرەك.
ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلارنىڭ مەبلىغى ناھايىتى كەمچىل بولۇپ، شىركەتنىڭ ئالغا باسمىقى ئىنتايىن تەس ئىدى، مايۈن پۈتۈن كۈچىنى مەبلەغكە ئېرىشىشكە سەرپ قىلغان. 1995 – يىلىنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا، شىنجىنلىق بەش نەپەر خوجايىن ئاكتىپلىق بىلەن مايۈننى ئىزدەپ خاڭجۇغا كەلگەن، ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ 200 مىڭ يۈەن چىقىرىپ «جۇڭگو ئۇچۇر بېتى» نىڭ ۋەكالەتچىسى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مايۈن بۇنى ئاڭلاپلا ئۇلارغا شىركەت شەكلى، تېخنىكا ۋە تىجارەت قۇرۇلمىسىنى چۈشەندۈرگەن. خوجايىنلار بۇنى ئاڭلاپمۇ ھېچنىمىنى چۈشەنمىگەن، شۇنىڭ ئۈچۈن مايۈن تېخنىك خادىمنى شىنجىنغا ئەۋەتىپ كېچىلەپ ئىشلەپ ئۇلار ئۈچۈن تور سىستېمىسى قۇرۇپ بەرگەن. خوجايىنلار ئاخىرى بۇنىڭدىن ناھايىتى مەمنۇن بولۇپ، مايۈنگە ئۈچ كۈندىن كىيىن خاڭجۇغا بېرىپ توختام تۈزەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. مايۈن ئۈچ كۈن زارىقىپ كۈتكەن بولسىمۇ، ھىچقانداق خەۋەرگە ئېرىشەلمىگەن، ئۇ قايتا سۈيلەش ئارقىلىق شۇنى بىلگەنكى، ئۇ خوجايىنلار تېخى يېقىندىلا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ مايۈننىڭ «جۇڭگو ئۇچۇر بېتى» گە ئوخشايدىغان تورنى بازارغا سالغان، شۇ ۋاقىتتا مايۈن ئاندىن ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلگەن. مايۈن ئىشتىن كىيىن شۇنداق دىگەن: «ئەينى ۋاقىتتا مەن بۇنى ناھايىتى ئېغىر ئالدىم، بىراق يەنىلا دەردىمنى ئىچىمدە بىلدىم.»
ئىگىلىك تىكلەش يولىدا، مايۈن سانسىز قېتىم يىقىلغان، بىراق يەنىلا ئىزچىل ئورنىدىن تۇرغان. مەيلى قانچىلىك زىيان، قانچىلىك بوزەك قىلىنىش، يەنە قانچىلىك چوڭ زەربە ۋە بېسىملار بولسۇن، مايۈن ھەممىگە بەرداشلىق بەرگەن. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئىگىلىك تىكلەشتىكى ھەمراھلىرى نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىق ۋە سىناقلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، توختىماستىن ئۆسكەن ۋە پىشىپ يىتىلگەن.
مايۈن ئۆزىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلىگەندە شۇنداق دەيدۇ: «ئىگىلىك تىكلەشنىڭ بىرىنچى كۈنىدىن باشلاپ شۇنداق بىر پىسخىكىلىق تەييارلىق بولۇشى كېرەك: ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئون يىل، يىگىرمە يىلدا نېمىگە دۇچار بلىدىغانلىقىنى ئويلىنىش. شۇنى بىلىش كېرەككى، سىز ئۇچرىغان پالاكەت نەچچە ئون يىلدا ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلار ئىچىدىكى ناھايىتى كىچىككىنە بىر قىسىمى خالاس. گەرچە ئىگىلىك تىكلەش يولىغا نۇرغۇنلىغان قىيىنچىلىقلار يوشۇرۇنغان بولسىمۇ، پەقەت مۇشۇ قىيىنچىلىقلارنى يەڭگەندىلا، سىز ئاندىن ئاخىرقى غەلبىگە ئېرىشەلەيسىز. شۇ ۋاقىتقا كەلگەندە سىز مۇنداق دىيەلەيسىز: مەن كۈرەشلىرىمدىن كەلگەن خۇشاللىققا ئېرىشتىم.»
ھازىر، كۆپچىلىك پەقەت «ئەلى بابا» نىڭ ناھايىتى گۈللەنگەن ھالىتىنى كۆرەلەيدۇ، ئەمما مايۈن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدىكى تۆلىگەن بەدەللىرىنى بىلمەيدۇ. مايۈن: «(ئەلى بابا) نىڭ ئۆسۈپ – يىتىلىشىدىكى كۆپچىلىك كۆرەلەيدىغان گۈللىنىش مەنزىرىسى پەقەت %20 نى ئىگەللەيدۇ، قىيىنچىلىق بولسا %80 نى ئىگەللەيدۇ. بۇ بەش – ئالتە يىلدىن بۇيان بىز پەقەت ئەگرى – توقاي يوللاردا لىۋىمىزنى چىشىلەپ مېڭىپ كەلدۇق، پەخىرلەنگۈدەك نەتىجىدىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ.» دىگەن.
مەسىلەن: 2002 – يىلى پۈتۈن دۇنيادىكى ئېنتېرنىت ساھەسىنىڭ «سوغۇق پەسلى» بولغان، ئامېرىكىنىڭ ناسداك بازىرىدا ئىزچىل تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن، پۈتۈن يەر شارىدىكى ئېنتېرنىت تورى كۆپۈكلىشىش ھالىتىگە ئۆتكەن، دۆلەت ئىچىدىكى كۆپ قىسىم تور تېخنىكىسى كارخانىلىرى ئارقا – ئارقىدىن تاقىلىپ قالغان، «ئەلى بابا» دىن ئىبارەت ئەسلىدىنلا «تېگى بوش» كىچىك شىركەت تېخىمۇ چوڭ زەربىگە ئۇچرىغان. بىراق مايۈن قىيىنچىلىقلارغا باشتىن – ئاخىرى كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ يۈزلەنگەن، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىگىلىك تىكلەش كىشىلىك ھاياتقا ئوخشاش بولۇپ، ھەممىدىن مۇھىمى سىزنىڭ نېمىلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىڭىز ،ھەرگىزمۇ نېمىگە ئېرىشكەنلىكىڭىز ئەمەس ئىدى، پەقەت مەڭگۈ ۋاز كەچمەسلىكلا ئۈمىدتىن دىرەك بېرەتتى. شۇنداق قىلىپ، «ئەلى بابا» «بىر سوم تېپىش» نى نىشان قىلىپ بۇ قېتىمقى خەتەردىن ئۆتۈپ كەتتى.
مايۈن قىيىنچىلىقلارغا قارىتا ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ مۇنداق دىگەن: «كىشىلىك ھايات بىر جەريان، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ مەنىسى سىزنىڭ قانچىلىك قىيىنچىلىقلارغا خاتىمە بەرگەنلىكىڭىزدە، قانچىلىك خىيىم – خەتەرلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىڭىزدە، ھەرگىزمۇ قانداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكىڭىزدە ئەمەس. مەن ئۆزۈمنىڭ 80 – 70 ياشقا كىرگەن ۋاقتىمدا، مەن نەۋرەمگە بوۋىسىنىڭ بۇ ئۆمىرىدە قانچىلىك نەرسىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى قانچىلىك كەچۈرمىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرەلىشىمنى ئۈمىد قىلىمەن.» بارلىق ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر مۇشۇنداق پىسخىكىلىق ھالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.
ئىگىلىك تىكلەشتىن بۇرۇن، سىزنىڭ كۆزىڭىز پەقەتلا شانلىق كەلگۈسىنى كۆرسە، ئەمما سىزدە يىتەرلىك زەربىگە، مەغلۇبىيەتكە بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، ھەمدە ھەرخىل ئوڭۇشسىزلىق ۋە بوزەك قىلىنىشقا تاقابىل تۇرالايدىغان ئىقتىدار بولمىسا، ئۇنداقتا ئەڭ ياخشىسى ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىماڭ. شۇنى بىلىش كېرەككى، كىشىلىك ھايات يولى شوڭشىياشىڭجىجۇ ئېيىتقان بىر كەلىمە سۆزگە ئوخشايدۇ:< ئادەمنىڭ ھاياتى ھەمىشە ئىگىز – پەس بولىدۇ، ھەرگىزمۇ مەڭگۈ كۈلۈپلا ئۆتىدىغان ياكى مەڭگۈ يىغلاپلا ئۆتىدىغان ئىش مەۋجۇت ئەمەس>. بىر ئىگىلىك تىكلىگۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز چوقۇم دۇرۇس، كەمتەر پوزىتسىيە بىلەن ئالغا ئىلگىرلىشىڭىز، ئىزچىل مەغلۇبىيەتنى قوبۇل قىلىش، قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشنى غەلبىگە ئېرىشىشنىڭ ئەڭ مۇقەددەس ئۇل تېشى قىلالىشىڭىز كېرەك!
مايۈننىڭ ئىگىلىك تىكلەش دەرسخانىسى
چىڭدۇ دەۋر نەشىرياتى
2014-يىلى 7-ئايلىق تۇنجى نەشىرى
ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى تەرجىمىسى
تەرجىمان : ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى : رەيھانگۈل نىزام
2015-يىلى