نامراتلار جەرياننى ھارغىنلىق ھېسابلايدۇ ، بايلار جەريان ئارقىلىق پۇرسەت ئىزدەيدۇ
نامراتلار قوي تەبىئەتلىك،بايلار بۆرە تەبىئەتلىك بولىدۇ
( بىرىنچى كىتاپ )
4-باپ 3-پارىگىراپ
نامراتلار جەرياننى ھارغىنلىق ھېسابلايدۇ ، بايلار جەريان
ئارقىلىق پۇرسەت ئىزدەيدۇ
نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بايلارنىڭ تۇرمۇشىغا ھەۋەس قىلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ بايلارغا ئوخشاش ھەشەمەتلىك داچىلاردا ئولتۇرۇشىنى، داڭلىق ماركىلىق ماشىنىلارنى ھەيدىشىنى ۋە يىللىق كىرىمىنىڭ مىليوندىن ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. بايلارنىڭ بۇنداق تۇرمۇشى ھەقىقەتەن ئادەمنى جەلپ قىلىدۇ، بىراق كۆپ ساندىكى كىشىلەر پەقەتلا بايلارنىڭ يۈزەكى تەرىپىنى كۆرەلەيدۇ، ئۇلارنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن جاپالىق بەدەللىرىنى كۆرەلمەيدۇ. يەنى ئۇلار پەقەت بايلارنىڭ بايلىققا ئىگە بولغانلىقىدىن ئىبارەت «نەتىجە» نى كۆرىدۇ، ئۇلارنىڭ بايلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن ماڭغان «جەريان» نى كۆرەلمەيدۇ.
نۇرغۇنلىغان بايلارنىڭ سۆھبىتىگە قۇلاق سالسىڭىز، ئۇلار بەخت ئىلكىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى جاپالىق كۈنلىرىنى ئەسلەيدۇ .ئەمما ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى جاپالىق كۈنلىرىنى مۇشەققەتلىك دەپ قارىماستىن، ئەكسىچە ئۇ ۋاقىتلىرىنى تاۋلىنىش جەريانى، بايلىققا ئېرىشىشتە چوقۇم ماڭىدىغان يول دەپ قارايدۇ. نامراتلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى، باغلام – باغلام پۇللىرىنى، داڭلىق ماشىنا ۋە ھەشەمەتلىك تۇرالغۇلىرىنى خام – خىيال قىلىشىدۇ. بىراق ئۇلار پەقەتلا بايلىققا ئېرىشكەن «نەتىجە» گە قىزىقىپ،ھەركەت قىلىدىغان ۋاقىت كەلگەن ھامانلا ئارقىغا چېكىنىشكە باشلايدۇ. چۈنكى ئۇلاركۆرەش قىلىش جەريانى ناھايىتى ھارغىنلىق، زېرىكىشلىك دەپ قارايدۇ.شۇڭا ئۇلار ھەمىشە مۇنداق ئويلايدۇ: مۇشۇ جاپالىق ، زېرىكىشلىك جەرياننى باشتىن كۆچۈرمەي بىراقلا باي بولۇش مەخسىدىگە يەتكىلى بولغان بولسا نېمە دىگەن ياخشى بولاتتى ،-ھە! ئەلۋەتتە دۇنيادا «جاپا تارتماي ھالاۋەت يوق.» بۇلار پەقەت نامراتلارنىڭ قۇرۇق چۈشى بولۇپ، مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ.
بايلار ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇلار ئىش قىلىشنى بىر خىل نەتىجە، تۇرمۇشتىكى بىر خىل خۇشاللىق دەپ قارايدۇ. شۇڭا بايلار ئىش قىلىش جەريانىدا بىر خىل ئاكتىپ پوزىتسىيىدە بولۇپ، بۇنىڭدىن ئادەتتىكى كىشىلەر ھېس قىلالمايدىغان باي بولۇش پۇرسىتىنى ئىزدەيدۇ؛ ئەكسىچە نامراتلار ئىش قىلىشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئۇلار ئىش قىلىشنى بىر خىل بەختسىزلىك ۋە يۈك دەپ قارايدۇ، كۈن بۇيى بېكار يۈرۈپ، «كۆتەك تۈۋىدە ئولتۇرۇپ توشقان كۈتۈپ، ئاسماندىكى غازنىڭ شورپىسىغا نان چىلايدۇ.» ھالبۇكى،ئەمەلىيەت بىلەن ئارزۇ ماس كەلمەي، ئۇلارنى ساقلاپ تۇرغىنى ئۈمىدسىزلىك ۋە بەختسىزلىك بولىدۇ.
مۇنداق بىرھېكىمەتلىك سۆز بار: «كىشىلىك ھاياتنىڭ مەنىسى ئۇنىڭ جەريانىدا يەنى ھەر بىر قەدەم باسقۇچىدا. شۇڭا بۇ جەرياندىكى ھەربىرھالقىدىن مەيلى بۇ ھالقا ئالتۇن ياكى تۆمۈر بولسۇن چوقۇم ھوزۇرلىنىش كېرەك، »
لىۋى.شېتلىس تىلغا ئېلىنسا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرگە ناتونۇش بىلىنىدۇ، ئەمما پادىچىلارئىشتىنى تىلغا ئېلىنسا ھەممە ئادەم بىلىدۇ، لىۋى. شېتلىس دەل پادىچىلار ئىشتىنىنىڭ ئىجادچىسى.
لىۋى. شېتلىس گېرمانىيە تەۋەسىدىكى يەھۇدىي، ئۇنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەرگىزمۇ ئالاھىدە ئەمەس،ئۇنىڭ جەمەتىدىكىلەر ئارىسىدا سودا قىلىپ باققانلار يوق، كۆپىنچىسى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر. لىۋى. شېتلىسنىڭ ئۆسۈپ – يىتىلىشى ناھايىتى ئادەتتىكىچە بولۇپ، ئۇمۇ ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش تەرتىپ بىلەن باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرۈپ ئىشخانىدا مەمۇرىي خىزمەتچى بولغان.
1850 –يىلى، لىۋى. شېتلىسنىڭ نورمال تۇرمۇشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. ئەينى ۋاقىتتا ‹ ئامېرىكىنىڭ غەربىدە ناھايىتى چوڭ ئالتۇن كېنى بايقىلىپتۇ› دىگەن ئادەمنى ھەيران قالدۇردىغان خەۋەر تارقالغان! بۇ خەۋەر تارقىلىپ ئوزۇن ئۆتمەستىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر باي بولۇش چۈشىنى قوغلىشىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى پايانسىز جايلارغا كەلگەن، ئەلۋەتتە لىۋى. شېتلىسمۇ بۇ ئالتۇن قازغۇچىلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى. لىۋى. شېتلىس ئەينى ۋاقىتتا ئارانلا 20 ياشتىن ئاشقان بولۇپ،باشقىلارغا ئوخشاش تېخىمۇ ھاياجانلىق، تېخىمۇ جەڭ ئېلان قىلىش خاراكتېرىدىكى تۇرمۇش كەچۈرۈشنى، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق باي بولۇشنى ئۈمىد قىلاتتى.
لىۋى.شېتلىس ئەمدىلا سان فرانسىسكوغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئالتۇن قېزىش ئارزۇسى ناھايىتى چوڭ زەربىگە ئۇچرىغان. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى سان فرانسىسكو ئالتۇن كولىغىلى كەلگەنلەربىلەن توشقان بولۇپ، ھەممىلا يەردە چېدىرلارنى كۆرگىلى بولاتتى، كىشىلەر ۋاقىتلىق تۇرالغۇ قىلىپ بۇ چېدىرلارنىڭ ئىچىدە تۇراتتى، بۇ مەنزىرە لىۋى. شېتلىسنى چوڭقۇرخىيالغا غەرق قىلغان.
ئوزۇن ۋاقىت ئويلىنىپ كۈزىتىش ئارقىلىق، لىۋى. شېتلىس ئۆزىنىڭ ئالتۇن قېزىش چۈشىدىن ۋاز كېچىپ،نەزىرىنى مىڭلىغان ئالتۇن كولىغۇچىلارغا قارىتىپتۇ. ئۇ بۇ يەردىكى ئالتۇن كولىغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ چېدىرلاردا تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئۇلاردا باشقا تۇرمۇش بويۇملىرىنىڭمۇ يوق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپتۇ. ئالتۇن ئىزدەيدىغان جاي بىلەن شەھەر مەركىزىنىڭ ئارلىقى ناھايىتى يىراق بولۇپ، مال سېتىۋېلىش ناھايىتى قولايسىزئىدى. لىۋى. شېتلىس بۇنىڭ بىر ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ، قارىغۇلارچە ئالتۇن ئىزدىگەندىن كۆرە، نىشانلىق ھالدا كۆز ئالدىدىكى بايلىقنى ئىزدىگەن تۈزۈك.شۇنداق قىلىپ ئۇ بىر كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى ماگزىنى ئېچىپ، ئالتۇن كولىغۇچىلارئارقىلىق بايلىق توپلاشقا كىرىشىپتۇ.
لىۋى.شېتلىسنىڭ كاللىسى ناھايىتى ئوچۇق ئىدى، ئۇنىڭ تۈرلۈك ماللار ماگزىنى ئېچىلىپ ئوزۇن ئۆتمەيلا مال سېتىۋالغىلى كەلگەنلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ، سالغان دەسمىنىمۇ ناھايىتى تىزلا قايتۇرۋاپتۇ. ئۆزىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى پۇلىنى تاپقاندىن كىيىن،لىۋى. شېتلىس كۆلىمىنى كېڭەيتىپتۇ. ئۇ كېمىگە ئولتۇرۇپ بىر تۈركۈم كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى ۋە چېدىر ياساشتا ئىشلىتىلدىغان كاناپ رەختلەرنى يىغىپ سېتىۋاپتۇ. بۇ قېتىممۇ ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش بويۇملىرى ناھايىتى تىزلا سېتىلىپ تۈگەپتۇ، بىراق كاناپ رەختكە خېرىدار چىقماپتۇ. ئەسلىدە ئالتۇن كولىغۇچىلار ئاساسەن ئۆزىنىڭ چېدىرىنى تىكىپ بولغان بولۇپ، كاناپ رەختكە ئېھتىياجى يوق ئىدى.
لىۋى.شېتلىس شۇنداق قىلىپ كاناپ رەخت سودىسىدىن زىيان تارتىپتۇ،ئەمما ئۇ ئۈمۈدسىزلەنمەستىن يەنە تەپەككۇر قىلىشقا ۋە ئەتپىدىكىلەرنى كۈزىتىشكە باشلاپتۇ. ئۇ ئالتۇن كولىغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مۇشەققەتلىك ئەمگەك قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ كىيمىنىڭ تاش ۋە قۇم دەستىدىن ئۇپراپ، بىر نەچچە كۈن كىيمەستىنلا يىرتىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. ئەگەر بۇكاناپ رەختلەردىن پايدىلىنىپ ئىشتان تىكسە، ئۇنداقتا بۇ خىل ئىشتان چوقۇم ئادەتتىكى رەختتىن پايدىلىنىپ تىكىلگەن ئىشتانغا قارىغاندا تېخىمۇ قارىشى ئېلىناتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىش ئورنىدا يەنە نۇرغۇنلىغان تاشلىۋىتىلگەن چېدىرلار بولۇپ، بۇ چېدىرنىڭ رەختلىرى كاناپ رەختتىن ئىشتان تىكىش ئۈچۈن ھەقسىز خام ماتېرىيال بۇلاتتى.
دىگىنىنى قىلىدىغان لىۋى. شېتلىس ئۆزىنىڭ قولىدا بار بولغان رەختلەر ۋە ئىش ئورنىدىكى تاشلىۋىتىلگەن چېدىرلاردىن پايدىلىنىپ چىداملىق بولغان قوڭۇر رەڭلىك ئىشتانلارنى تىكىپ، ئالتۇن كولىغۇچىلارغا سېتىشقا باشلاپتۇ. بۇ خىل ئىشتان پۇختا ۋە چىداملىق ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پاسونى يېڭى بولۇپ ،كەيگەن ئادەمنى روھلۇق ،جەزىبىدار كۆرسىتەتتى. شۇسەۋەبتىن بۇ خىل ئىشتان ئالتۇن كولىغۇچىلارنىڭ قىزغىن قارىشى ئېلىشىغا ئىرىشىپتۇ. ۋە مال زاكاسلىرى تەرەپ – تەرەپتىن كېلىشكە باشلاپتۇ، لىۋى. شېتلىس پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ سودا دۇكىنىدىن ۋاز كېچىپ، پادىچىلار ئىشتىنى شىركىتى قۇرۇپ چىقىپ، مەخسۇس پادىچىلار ئىشتىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا كىرىشىپتۇ. توختىماستىن ئۆزگەرتىپ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، لىۋى. شېتلىس ئىنسانىيەتنىڭ كىيىم – كىچەك تارىخىدىكى بىرقېتىملىق ئۇلۇغ ئىسلاھاتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، پادىچىلار ئىشتىنىمۇ بارغانسىرى پۈتۈن دۇنيادىكى ياشلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىپتۇ.
ئالتۇن كولاش ئىستىكىدە ئامېرىكا قىتئەسىگە بارغان كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن، بىراق لىۋى. شېتلىس ئۆزىنىڭ پادىچىلار ئىشتىنى كەسپىگە تايىنىپ ھەقىقىي «ئالتۇن» نى قېزىۋالغان. بۇ بىزنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ئەرزىمەمدۇ؟باشقا ئالتۇن كولىغۇچىلار يەر ئاستىدىكى ئالتۇنغىلا دىققەت قىلىپ، بىر كۈندىلا ئالتۇن كولاپ باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقان پەيتتە، لىۋى. شېتلىس ئۆزىنىڭ نەزىرىنى ئالتۇن كولاش جەريانىغا ئاغدۇرۇپ، بۇ سەۋەبتىن پادىچىلار ئىشتىنىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بۇ ئارقىلىق پۇل تېپىپلا قالماستىن، يەنە كىيىم – كىچەك ئىسلاھاتىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىكى ئۈچۈن تارىخقا نامى پۈتۈلگەن.
بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى بايلىق يولىمۇ دەل مۇشۇنداق، نەزىرىمىزنى پەقەت قېزىۋالدىغان ئالتۇنغىلا قويۇپ، «ئالتۇن قېزىش» جەريانىغا دىققەت قىلمىغاندا، باي بولۇشتىكى ئەڭ ياخشى پۇرسەتلەردىن چوقۇم مەھرۇم بولۇپ قالىمىز.
جەريان نەتىجىدىن مۇھىم، بىراق كىشىلەر ھەمىشە بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ. بۇ جىددى دەۋر كىشىلەرنى بارغانسىرى مەنپەئەتكە ئالدىرىتىپ نەتىجىگە ھەددىدىن زىيادە ئېتىبار بېرىدىغان قىلىپ قويدى. كىشىلەر بىر سېكونتتىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ باي بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ، بىراق ئۇلار ھەقىقىي بايلىقنىڭ بىر غەۋۋاسلارچە جەريانغا مۇھتاج ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ.
جەريان ئوڭۇشلۇق ھالدا بايلىققا ئېرىشىشتىكى پەلەمپەي بولۇپلا قالماستىن، ئۇ يەنە بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز ۋە ھاياتىمىز ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان خۇشاللىق ۋە تەجىرىبىلەرنى ئېلىپ كىلەلەيدۇ. غايەت زور بايلىققا ئېرىشكەن كىشىلەر چوقۇم جەرياننى تۇتۇشقا ماھىركىشىلەردۇر. ئۇلار نەتىجىگە قارىغاندا جەريانغا تېخىمۇ دىققەت قىلىدۇ، ئۇلار بايلىق يارىتىشنىڭ ھەربىر ھالقىسىنى ھېسابلاپ ئۇنىڭ مۇھىم جەرياننى تۇتۇۋالىدۇ، ھەمدە جەريان ئارقىلىق پۇرسەتنى بايقاپ بايلىققا ئېرىشىشتەك غەۋۋاسلارچە ئىشنى قىلىدۇ.
شاشا خەلقئارالىق پاينى كونترول قىلىش گورۇھىنى دۈن شاۋمىڭ قۇرغان، ئاساسلىقى گىرىم بويۇملىرى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇ ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ گىرىم بۇيۇملىرى زەنجىرسىمان دۇكىنى. شاشا خەلقئارالىق پاينى كونترول قىلىش گورۇھىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى دىمەيلا قويايلى، 1978 – يىلى ئەمدىلا قۇرۇلغان ۋاقىتتا، دۈن شاۋمىڭنىڭ تۇنجى كۈندىكى كىرىمى 32 شاڭگاڭ پۇلى بولغان. شاشا گورۇھى ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدا نۇرغۇن زەربىلەرگە ئۇچرىغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېغىر بولغىنى 1997 – يىلىدىكى ئاسىيا پۇل – مۇئامىلە كىرزىسى.
1997 – يىلى دۈن شاۋمىڭغا نىسبەتەن بىر ھالقىلىق يىل. بۇ يىلى ئۇنىڭ شاشا گورۇھىمۇ ۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شاڭگاڭ ئاكسىيە بازىرىدا بازارغا سېلىنىپ ، پېيىنىڭ سېتىۋېلىشقا يېزىلىشى 500 ھەسسىدىن كۆپرەككە ئۆرلىگەن. ھالبۇكى ياخشى كۈنلەرئوزۇنغا بارمىغان، بازارنى سۈپۈرۈپلا كەلگەن ئاسىيا پۇل – مۇئامىلە كىرزىسى تىزلا پارتىلاپ، شاشا گورۇھى ئېچىنىشلىق زىيان تارتقان.
ئەينى ۋاقىتتا شاشا گورۇھىنىڭ %25 پايدىسى ساياھەتچى خېرىدارلاردىن كىلەتتى، پۇل –مۇئامىلە كىرزىسى پارتىلىغاندىن كىيىن، ساياھەتچىلەر بارغانسىرى ئازلاپ شاشا گورۇھىنىڭ پايدىسىمۇ تەبئىيلا ئازلاپ كەتكەن. قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن دۈن شاۋمىڭ سوغۇققانلىق بىلەن پۇل – مۇئامىلە كىرزىسى جەريانىدا يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، پۇل – مۇئامىلە كىرزىسى قوش بىسلىق شەمشەرگە ئوخشايىتتى، گەرچە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى ئۆزىنىڭ سودىسىنى ناچارلاشتۇرۋەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ خەلقئارا بازارغا يۈزلىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى ئىدى. چۈنكى ئۆي ئىجارىسى ۋە كىشىلەرنىڭ ئىش ھەققى تۆۋەنلىگەن ئىدى. ھەمدە ئۇنىڭ پەرزىگە ئاساسلانغاندا، ئاسىيا پۇل – مۇئامىلە كىرزىسى ۋاقىتلىق بولۇپ، ئىككى –ئۈچ يىلغا قالماي ئەسلىگە كېلەتتى.
دۈن شاۋمىڭ پۇرسەتنى كۆرۈپ يىتىپ، شاڭگاڭنىڭ فەنخۇا رايونىدا 11 زەنجىرسىمان دۇكان ئېچىپتۇ، ئۇنىڭدىن كىيىنلا سىنگاپور، مالايسىيا قاتارلىق دۆلەتلەردە زەنجىرسىمان دۇكان تەسىس قىپتۇ. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ھەقىقەتەن دۈن شاۋمىڭنىڭ پەرەز قىلغىنىدەك بولۇپ، شاشا گورۇھى پۇل – مۇئامىلە كىرزىسى جەريانىدا ناھايىتى تىزلا باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، 1998 – يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ پايدىسى %1.5 ئېشىپتۇ.
دۈن شاۋمىڭنىڭ بايلىق توپلاش تارىخى بىزگە شۇنى ئېيتىپ بەردىكى، چوڭ ئۆزگىرىش كەلگەن ۋاقىتتا ھەرگىزمۇ قورقۇشقا بولمايدۇ، دىققەتنى جەريانغا قويۇش كېرەك.«ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشسىمۇ ھېچقىسى يوق،» چۈنكى بۇ جەرياندا چوقۇم بايلىققا ئېرىشىش پۇرسىتىنى تاپقىلى بولىدۇ!
بايلارمەڭگۈ جەرياندىن زېرىكمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار ھەركەت ئارقىلىق بايلىق يارىتىشقا ماھىر بولغاچقا، ئۇلارنىڭ جەرياندا كۆردىغىنى مەڭگۈ پۇرسەت بولىدۇ. نامراتلار كۈندە پۇل تېپىشنى ئويلىسىمۇ، بىراق ئۇلار پۇل تېپىشنىڭ جەريانىدىن زېرىكىدىغان بولغاچقا،ئۇلار جەرياندا پەقەتلا ئازاب ۋە زېرىكىشنى كۆرىدۇ.
نامراتلار ئۆزىنىڭ نامرات تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن چوقۇم ئۆزىنىڭ ئادەتلەنگەن تەپەككۇرىدىن ۋاز كېچىشى، ئەستايىدىللىق بىلەن ئىش قىلىشنى ئۆگىنىشى كېرەك، ھەمدە بايلارغا ئوخشاش، ئىش قىلىش جەريانىدا بايلىققا ئېرىشىدىغان پۇرسەتنى بايقاشقا ماھىر بولۇشى كېرەك.
بايلىقنىڭ بايانى:
بايلىققا ئېرىشىش جەريانىدا، بايلارمۇ نامراتلارغا ئوخشاشلا قاتمۇ – قات توسالغۇلارغا ئۇچرايدۇ،بىراق ئۇلار بۇ قاتمۇ – قات توسالغۇلارنىڭ ئارىسىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان پۇرسەتنى تاپالايدۇ؛ نامراتلار ئەكسىچە جەرياندىكى قىيىنچىلىقلارنى ئۆتكىلى بولمايدىغان توسالغۇ ئورنىدا كۆرۈپ، ھەتتا جەرياننىڭ ئۆزىنىمۇ ھارغىنلىق كۆرۈپ، ئاخىرىدا ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ.
**********************************
مەنبە:خاربىن نەشىرياتى 2011-يىلى نەشىر قىلغان
<<نامراتلار قوي تەبىئەتلىك، بايلار بۆرە تەبىئەتلىك>> ناملىق كىتاب
تەرجىمە قىلغۇچى:ئەقىدە قاشگەرلىكى شىركىتى -ئويغۇر قاشتېشى تورى
WWW.UYHQT.CN
تەرجىمان:ئابدۇللا ئۆمەر
تەرجىمە تەھرىرى: رەيھانگۈل نىزام
2014-يىلى .جىياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى