A-A+

جۇڭگۇدىكى كىيىم-كېچەك بازارلىرى(جۇڭگۇدىكى چوڭ بازارلار 10)

2015-يىل 4-ئىيۇن ئىچكىرىدىكى بازارلار باھا يوقكەن زىيارەت: 712 قېتىم

 جۇڭگۇدىكى كىيىم-كېچەك بازارلىرى

ئەقىدە شىركىتى مەرۋايىت زىننەتلىرى بۆلىمىدىن ئادالەت ئابلىكىم يازمىسى 

1. پىڭخۇ كىيىم-كېچەك بازىرى

平湖·中国服装

14008287179070

پىڭخۇ شەھىرى جېجىياڭ ئۆلكىسى جىياشىڭ شەھىرىگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ ،جۇڭگۇدىكى داڭلىق ماركىلىق كىيىم-كېچەكلەر شەھەرچىسى  .دۇنيادىكى ھەر يۈز قۇر كىيىمنىڭ بىر قۇرى پىڭخۇدىن چىقىدۇ.

پىڭخۇدا 2000 دىن ئارتۇق كىيىم تىكىش كارخانىسى بولۇپ ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 مىليون قۇر كىيىم تىكىلىدۇ ، يىللىق سودا سوممىسى 13 مىلياردتىن ئاشىدۇ.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 85 دۆلەت ۋە رايۇنغا پىڭخۇ ئارقىلىق كىيىم-كېچەك يەتكۈزىلىدۇ . پىڭخۇ جوڭگۇدىكى تۆت داڭلىق شەھەر ___ شاڭخەي ، سۇجۇ ، خاڭجۇ ، نىڭبونىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بولۇپ، ھەر بىر شەھەر بىلەن ئارلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 كىلومېتىر كېلىدۇ.

ئادرىسى : پىڭخۇ شەھىرىنىڭ شىمالى شىنخۇا يولى بىلەن فۇجېن

يولىنىڭ كېسىش ئېغىزىدا

平湖市新华北路福臻路交叉口


2.چاڭشۇ كىيىم-كېچەك بازىرى

常熟服装城

13971887301875rptsu

جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭشۇ شەھىرىگە جايلاشقان << چاڭشۇ كىيىم - كېچەك بازىرى >> 1985 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ ، 100 مىڭدىن كۆپرەك تىجارەتچى يىغىلغان بازار . 2001-يىلىدىن باشلاپ 2010-يىلىغىچە ئۇدا ئون يىل ھەر يىللىق تىجارەت سوممىسى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشقان . 2010-يىلى 65 مىليارد يۈەنلىك سودا سوممىسى بىلەن ئون يىللىق رىكونت بۇزۇپ تاشلانغان.

2007-يىلى << دۆلەتنىڭ تۆت يۇلتۇز دەرىجىلىك ساياھەت ، مال سېتىۋېلىش ئورنى >> بولۇپ باھالانغان.چاڭشۇدائاساسلىقى ئەرلەر،ئاياللار،بالىلار كىيىملىرى ۋە تۈرلۈك رەختلەر  سېتىلىدۇ.

چاڭشۇغا دىيارىمىزدىن بىۋاستە پويىز ياكى ئايروپىلان يوق. پويىزدا ئولتۇرماقچى بولسىڭىز ئاۋۋال جىياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجۇ شەھىرىگە كېلىپ ئاندىن سۇجۇدىن چاڭشۇغا بارسىڭىز بولىدۇ. ئايروپىلاندا كەلسىڭىز ئاۋۋال شاڭخەيگە كېلىپ ئاندىن شاڭخەيدىن چاڭشۇغا پويىزدا بارسىڭىز بولىدۇ.

ئادرىسى :چاڭشۇ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرا سودا يولى ۋە جەنۇبىي سودا

يولى كېسىشكەن جايدا

常熟市商城中路与商城南路交汇处


3.خاڭجۇ يىپەك كىيىملەر بازىرى

杭州环北丝绸服装城

1373337272260

 خاڭجۇ شەھىرى فېڭچى يولىغا جايلاشقان << خاڭجۇ يىپەك كىيىملەر بازىرى>> جۇڭگۇدىكى ئەڭ چوڭ يىپەك كىيىملەر بازىرى بولۇپ ، 11 قەۋەتلىك بازارنىڭ بىرىنچى قەۋىتىدىن ئۈچۈنچى قەۋىتىگىچە ئاياللار كىيىمىلىرى ، تۆتىنچى قەۋەتتە تەنتەربىيە كىيىملىرى ، بەشىنچى ئالتىنچى قەۋەتتە يىپەك كىيىملەر .... قاتارلىقلار سېتىلىدۇ.

ئادرىسى :خاڭجۇ شەھىرى فېڭچى يولى 160-نۇمۇر

杭州市凤起路160


خەينىڭ خۇرۇم كىيىملەر بازىرى

海宁浙江皮革服装城

map3_02

جېجىياڭ ئۆلكىسى خەينىڭ خۇرۇم كىيىملەر بازىرى 1994 - يىلىنقۇرۇلغان بولۇپ خەينىڭ پويىز ئىستانىسىنىڭ ئۇدۇلىدا . بازاردا 8500 يايما ، 4200 كارخانا ،  25 مىڭ تىجارەتچى بار . يىللىق سودا سوممىسى ئون مىلياردتىن ئاشىدۇ.

خەينىڭ شەھىرى - جۇڭگۇدىكى ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان يۈز ناھىيە - شەھەرنىڭ بىرى بولۇپ ، پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنىڭ 10 % خۇرۇم كىيىم سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.

ئادرىسى : خەينىڭ شەھىرى پويىز ئىستانىسى ئۇدۇلىدا

浙江海宁市火车站对面

ئۈرۈمچىدىن پويىزدا جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە كېلىپ ئاندىن پويىز ئاملىشىپ خەينىڭ شەھىرىگە بارسىڭىز بولىدۇ.


يىۋۇ ۋۇئەي كىيىم - كېچەك بازىرى

义乌五爱服装市场

131W51324010-15G5

يىۋۇ شەھىرىگە جايلاشقان ۋۇئەي كىيىم - كېچەك بازىرىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولمىسىمۇ ئەرزان باھالىق  كىيىم كېچەكلەر كۆپ. تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ‹ئامبار قالدۇقى › بولۇپ قالغان كىيىم -كېچەك ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان ئۇششاق تاۋارلار بۇ بازاردىن جوڭگۇ ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىلىدۇ .بۇجايدىن دىيارىمىزغا كىيىم ئاپىرىپ سېتىۋاتقان قىرىنداشلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس .بازارنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانچە ئاشخانا ، تاللا بازىرى بولۇپ بازار ئايلىنىش جەريانىدا تاماقتىن قىينالمايسىز.

ئادرىسى : جېجىياڭ ئۆلكىسى يىۋۇ شەھىرى ۋۇئەي رايۇنى

浙江省义乌市五爱区

ئۈرۈمچىدىن پويىز ئارقىلىق جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىگە كېلىپ ئاندىن پويىز ئاملىشىپ يىۋۇغا كەلسىڭىز بولىدۇ

2015-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى

خەتكۈش :

كۆڭۈل سۆزلىرى

error: يۆتكىمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ