WordPressدە خەتكۈچ ۋە سەھىپىلەرنى توپ ھالەتتە بىرىكتۈرۈش ئۇسۇلى

creating-a-wp-plugin

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. يېقىندا تۇرايىمىزنىڭ iOS ئەپىنى يېڭىلاش جەريانىدا سەھىپىلەرنى رەتلەش ئىھتىياجى تۇغۇلدى. سەھىپىلەرنى رەتلەش جەريانىدا بلوگىمدىكى نۇرغۇن سەھىپىلەر ۋە خەتكۈچلەرنىڭ نىڭ ئارتۇقچە ئىكەنلىكىنى، بەزى سەھىپىلەرنىڭ قايتىلىنىپ كەتكەنلىكىگە دىققەت قىلدىم. ئەمما، نورمالدا بۇ سەھىپىلەرنى قولدا بىرىكتۈرۈش توغرا كەلسە، ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق. ئەمما،  WordPress تەمىنلىگەن قىستۇرما ئارقىلىق بۇنى ئەپچىللا ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

تەپسىلاتى

1. WordPress ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ، قىستۇرما قاچىلاش ئىقتىدارى ئارقىلىق Term Management Tools ناملىق قىستۇرمىنى تېپىپ قاچىلايمىز.

 

2. سەھىپىلەر ياكى خەتكۈچلەر بېتىگە كىرىپ، بىرىكتۈرمەكچى بولغان سەھىپىلەرنى تاللايمىز. رەسىمدىكىدەك:

 

Term Management Tools01

3. ئۈستىدىكى مەشخۇلاتلار دېگەن يەردىن Merge دېگەننى تاللايمىز.

 

4. تاللىغاندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆرۈنۈش پەيدا بولىدۇ:

 

Term Management Tools02 5. into نىڭ يېنىدىكى كاتەكچىگە بىرىكتۈرگەندىن كېيىن ھاسىل بولىدىغان سەھىپە ياكى خەتكۈچ ئىسمىنى تولدۇرىمىز. رەسىمدىكىدەك:

Term Management Tools03 6. ئۇنىڭدىن كېيىن قوللىنىش دېگەن كونۇپكىنى باسساق، بىر قانچە سىكۇنت ئىچىدىلا خەتكۈچ ياكى سەھىپىلەرنى توپ ھالەتتە بىرىكتۈرۈپ تەييار قىلىپ بېرىدۇ. بۇ قىستۇرما بىزنىڭ نەچچە سائەتلىك ئىشىمىزنى بىر قانچە مىنۇت ئىچىدىلا تەييار قىلىپ بېرىدۇ.

 

ئىشلىتىش داۋامىدا مەسىلىگە ئۇچرىسىڭىز تارتىنماي ئىنكاس قالدۇرۇڭ.

173 گىرادۇس 2


2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...

ئىملاغا ئالاھىدە دېققەت قىلىڭ! ۋە باشقا خەتلەر يېزىلىدۇ!