باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

ئېلىمىزدە يېزا، كەنتلەرنى پىلانلاشنى سىناق قىلىش خىزمىتى باشلاندى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2013-04-16 12:33

    تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېقىندا 2013 – يىللىق مەملىكەتلىك يېزا، كەنتلەرنى پىلانلاش سىناق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئائىت ئۇقتۇرۇش چىقاردى. ئۇقتۇرۇشتا: پىلانلاش خىزمىتى دېھقانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، يەر ئىشلىتىش، تۇرالغۇ، ئۆي ھوقۇقىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىنغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، دەپ تەكىتلەندى.

    تۇرالغۇ ۋە شەھەر – يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى يېزا، كەنتلەرنى پىلانلاش سىناق خىزمىتىنى بۇ يىلدىن باشلاپ يولغا قويۇشنى بېكىتكەن بولۇپ، بۇ ئارقىلىق يېزا، كەنتلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا قۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۈلگىلىك كەنت، مەھەللىلەر بارلىققا كەلتۈرۈلىدىكەن.

    سىناق قىلىنىپ تەرتىپكە سېلىنىدىغان يېزا، كەنتلەر تۆۋەندىكى ئۆلچەم بويىچە تاللىنىدىكەن: بىرىنچى، ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان، مۇھىتى ياخشى يېزا، كەنتلەر. ئىككىنچى، كەسىپلەرنىڭ راۋاجلىنىشى بىر قەدەر تېز، بىر تۇتاش پىلانلاش زۆرۈر بولغان يېزا، كەنتلەر. مەسىلەن: زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، ساياھەتچىلىك تەرەققىي قىلغان يېزا، كەنتلەر. ئۈچىنچى، كۆپ قۇرۇلۇش قىلىنغان، تەرتىپكە سېلىشقا موھتاج يېزا، كەنتلەر. مەسىلەن: شەھەر – بازارلار تۇتاشقان قىسىمدىكى ياكى مۇھىم قاتناش لىنىيەسى بويىدىكى يېزا، كەنتلەر. تۆتىنچى، جىددىي قوغدىلىشقا موھتاج يېزا، كەنتلەر. مەسىلەن: تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بار، قوغداش قىممىتىگە ئىگە يېزا، كەنتلەر ياكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەر. بەشىنچى، تەبىئىي مەنزىرىسى گۈزەل، ساياھەتچىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا باپ كېلىدىغان يېزا، كەنتلەر. ئالتىنچى، باشقا قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان يېزا، كەنتلەر.

    ئۇقتۇرۇشتا، يېزا، كەنتلەرنى پىلانلاش خىزمىتىدە تەرتىپكە سېلىش ئاساس قىلىنىش ئالاھىدە تەكىتلەندى. يەنى يېزا، كەنتلەرنىڭ ئەسلىدىكى تەبىئىي مۇھىتى بىلەن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىگە ھۆرمەت قىلىنىپ، قارىغۇلارچە چوڭ كۆلەمدە ئېچىش، قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن، شۇنداقلا يېزا، كەنتلەرنىڭ مۇھىتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى نۇقتىلىق ياخشىلىنىپ، تارىخىي مەدەنىيەت قىممىتى، رايون ۋە مىللىي ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك يېزا، كەنتلەر قوغدىلىدىكەن. نوقۇل شەھەر پىلانلاشتا قوللىنىلغان ئۇسۇللار قوللىنىلماي، شۇ جاينىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئۆزگەرتىش، راۋاجلاندۇرۇش پىلانى تۈزۈلىدىكەن.

    

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئېلىمىزدە يېزا، كەنتلەرنى پىلانلاشنى سىناق قىلىش خىزمىتى باشلاندى

بۇ يىل ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئېلىنىدىغان قانۇن ئىمتىھانى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىنىدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەردىن يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆزلىشىشى ئىيۇلدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزىلىدۇ

2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

مەملىكەت بويىچە H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغۇچى جەمئىي 60گە يەتتى

پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن گايتىس فوندى جەمئىيىتى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

جايلار H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى تۈزدى

شەرقىي غەربىي رايون ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

بېيجىڭدا ساختا ئۆي سودىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆي مۈلۈك كېنىشكىسى ھەقسىز شېفىرلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ

دۆلەت يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تارقلىشچان زۇكامغا قارشى يېڭى دورىنى تېزلىكتە تەكشۈرۈپ تەستىقتىن ئۆتكۈزدى

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى: تۇمان سەۋەبىدىن نۇرغۇن چەتئەللىكلەر بېيجىڭدىن ئايرىلدى

2012-يىلى شىنجاڭدا مائارىپقا جەمئىي سېلىنغان مەخسۇس تۈر مەبلىغى 47 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولغان

بۇ يىل ئېلىمىز 3 مىليون ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سۇلياۋ تاماق قاچىسىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى ئېلان قىلدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن تولۇق كۇرۇسلۇق 20 ئالىي مەكتەپنى ئېلان قىلدى

يېڭى باسقۇچلۇق ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەڭشەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

چوكانتال بايرىمىلىق ئارام 4-ئاپرېلدىن 6-ئاپرېلغىچە بولىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى پىلان دوكلات، خامچوت دوكلاتىنى تارقاتتى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ‹‹ئىككى بايراملىق›› پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ.

نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号