باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

بۇ يىل ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئېلىنىدىغان قانۇن ئىمتىھانى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىنىدۇ

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2013-04-16 12:25

    سۈي يۈنيەننىڭ يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە: 4 – ئاينىڭ ئاخىرى ئاپتونوم رايوندىكى 300 مىڭدىن ئارتۇق ھۆكۈمەت خادىمى قانۇن ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىكەن. ئاپتونوم رايونلۇق رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسى بۇ قېتىمقى قانۇن ئىمتىھانىدا شەكىلۋازلىق، قۇرۇق رەسمىيەتچىلىك قىلماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بۇ يىللىق قانۇن ئىمتىھانىنى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىپ، بىر ئادەم بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، يېپىق ئىمتىھان بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىمتىھان نەتىجىسىنى بەلگىلىك دائىرىدە ئېلان قىلىدىكەن.

    بۇ يىلقى قانۇن ئىمتىھانى ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئېلىنىدىغان تۇنجى قېتىملىق يېپىق ئىمتىھان ھېسابلىنىدۇ. ئىمتىھاندىن ئىلگىرى رايوننى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسى ئىمتىھان بەرگۈچىلەر نومۇرىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرىدۇ، ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار كۈچكە ئىگە كىنىشكىسىنى ئېلىپ، نومۇرى بويىچە ئۆز ئورنىدا ئولتۇرىدۇ، ۋاكالىتەن ئىمتىھان بەرگۈچىلەر بايقالسا، ئىمتىھان نەتىجىسى بىكار قىلىنىدۇ. ئىمتىھاندا بىر ئادەم بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، مۇستەقىل جاۋاب بېرىدۇ، كۆچۈرۈش مەنئى قىلىنىدۇ، ئوخشاش جاۋاب بېرىلگەن ئىمتىھان قەغىزى بىكار قىلىنىدۇ.

    22 –، 23 – ئاپرىل ئىككى مەيدان بىر تۇتاش ئىمتىھان ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، 25 –، 26 – ئاپرىل ئورۇنلار ئۆز ئالدىغا ئىمتىھان تەشكىللەيدۇ. بىر تۇتاش ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار ئاپتونوم رايوندىكى بۆلۈم، كومىتېت، نازارەت، ئىدارىلەر، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئورۇنلىرىنىڭ نازىر دەرىجىلىك بىردىن كادىرى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورۇنلاردىكى ئىشتاتلىق خادىملار تىزىملىكىدىن ئىختىيارىي تاللانغان %10 خادىمدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلار پىرىنسىپ بويىچە شۇ ئورۇندىكى ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلارنىڭ %60 تىن ئاز بولمايدۇ. ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلاردا باشقارما باشلىقى، بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىكلەر ئاساس قىلىنىدۇ، ناھىيە، شەھەر، رايونلاردىكى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلاردا بۆلۈم باشلىقى دەرىجىلىكلەر ئاساس قىلىنىدۇ.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

بۇ يىل ھۆكۈمەت خادىملىرىدىن ئېلىنىدىغان قانۇن ئىمتىھانى زور دەرىجىدە ئىسلاھ قىلىنىدۇ

مائارىپ مىنىستىرلىقى مەكتەپلەردىن يۇقۇملۇق كېسەلدىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆزلىشىشى ئىيۇلدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزىلىدۇ

2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

مەملىكەت بويىچە H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغۇچى جەمئىي 60گە يەتتى

پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن گايتىس فوندى جەمئىيىتى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

جايلار H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى تۈزدى

شەرقىي غەربىي رايون ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

بېيجىڭدا ساختا ئۆي سودىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆي مۈلۈك كېنىشكىسى ھەقسىز شېفىرلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ

دۆلەت يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تارقلىشچان زۇكامغا قارشى يېڭى دورىنى تېزلىكتە تەكشۈرۈپ تەستىقتىن ئۆتكۈزدى

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى: تۇمان سەۋەبىدىن نۇرغۇن چەتئەللىكلەر بېيجىڭدىن ئايرىلدى

2012-يىلى شىنجاڭدا مائارىپقا جەمئىي سېلىنغان مەخسۇس تۈر مەبلىغى 47 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولغان

بۇ يىل ئېلىمىز 3 مىليون ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سۇلياۋ تاماق قاچىسىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى ئېلان قىلدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن تولۇق كۇرۇسلۇق 20 ئالىي مەكتەپنى ئېلان قىلدى

يېڭى باسقۇچلۇق ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەڭشەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

چوكانتال بايرىمىلىق ئارام 4-ئاپرېلدىن 6-ئاپرېلغىچە بولىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى پىلان دوكلات، خامچوت دوكلاتىنى تارقاتتى

گوۋۇيۈەننىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ‹‹ئىككى بايراملىق›› پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ.

نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号