خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14-ئاپىرېل بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرى، 4-ئاينىڭ 13-كۈنى سائەت 17دىن 4-ئاينىڭ 14-كۈنى سائەت 17گىچە، مەملىكەت بويىچە دىياگنۇزى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچى 60كە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگىنى 13كە يەتكەن. يۇقۇملانغۇچىلار بېيجىڭ (1 كېسەل)، شاڭخەي (كېسەل 24، ئۆلگىنى 9)، جياڭسۇ (كېسەل 16، ئۆلگىنى 1)، جېجياڭ (كېسەل 15، ئۆلگىنى 2)، ئەنخۇي (كېسەل 2، ئۆلگىنى 1)، خېنەن (كېسەل 2) قاتارلىق 6 ئۆلكە-بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى ۋىلايەت-شەھەر دەرىجىلىك 29 رايونغا تارالغان.