باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> ئادەت ۋە يوسۇن

خانىم-قىزلارنىڭ ئەنئەنىۋى پەرداز بۇيۇملىرى

ئاپتور: سادىر سابىر نەزەرى يوللانغان ۋاقىت: 2013-03-19 10:15

                                                                                  

    خەلقىمىز ئەزەلدىن ئەنئەنىۋى كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتى ۋە رەڭدار تۇرمۇش ئادىتىگە ئىگە،شۇنداقلا گۈزەللىكنى سۆيىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىدىغان خەلق. خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ياش-قۇرامى، چىراي شەكلى، بوي-تۇرقىغا قاراپ پەرداز قىلىش ئادىتى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

    ئەقىل-پاراسەتلىك ئەجدادلىرىمىز بۇرۇنلا جىگدە يېلىمى، ئوسما ۋە خېنىلەرنىڭ خاسىيىتىنى بىلىپ، ئۇنى خانىم-قىزلارنىڭ تەبىئىي پەرداز بۇيۇمى قىلغان. ئانا ئەجدادلىرىمىز بۇلار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ چاچ، قاش-كىرپىكى ۋە تىرناقلىرىنى ئاسراشقا ئادەتلەنگەن.

    جىگدە يېلىمى جىگدە دەرىخىنىڭ غولىدىن چىقىدىغان بىر خىل يېلىم. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئۇنىڭ تەركىبىدە قەنت، تانىنىن قاتارلىق ئاكتىپ ماددىلار كۆپ بولۇپ، چاچ يىلتىزىنى قۇۋۋەتلەش، چاچنى قارايتىش، ئۆستۈرۈش ۋە ھەرخىل كېسەللىكلەردىن ساقلاش رولىغا ئىگە. شۇڭا خانىم-قىزلىرىمىز بۇرۇندىن جىگدە يېلىمىنى گىرىم بۇيۇمى ئورنىدا ئىشلىتىپ، چاچلىرىنى تاراپ ئاسراشقا ئادەتلەنگەچكە، ئۇلارنىڭ چېچىنىڭ رەڭگى پارقىراق، قارا، قويۇق ۋە ئۆسكىلەڭ بولغان.

    ئوسما تەبىئىي ئۆسۈملۈك بولۇپ، خەلقىمىز ئۇنىڭ خاسىيىتىنى بىلگەندىن بۇيان، ئۇنى باغ ۋە ھويلا-ئارانلىرىدا ئۆستۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئۇنىڭ يوپۇرمىقىنىڭ سۇ تەركىبىي كۆپ بولۇپ، ئۇنى ئىككى قولنىڭ ئالقىنىدا سىققاندا كۆك رەڭلىك سۇ چىقىدۇ، ئۇنىڭ چاچ، قاش-كىرپىكلەرنى ئاسراش ۋە قارايتىش رولى بولغاچقا، خانىم-قىزلىرىمىز بۇرۇندىن ئۇنى چاچ ۋە قاش-كىرپىكلىرىگە سۈركەپ، «ئوسما قويۇش» ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن. ھەتتا يېڭىلا تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنىڭمۇ چاچلىق، قاش-كىرپىكلىرى جايىدا، لاتاپەتلىك بولۇپ يېتىلىشىنى ئارزۇلاپ، ئۇنىڭ باشلىرىغا ئوسما سۈيىنى چاپىدىغان، قاش-كىرپىكلىرىگە سۈركەپ قويىدىغان ئادەت ھېلىھەم مەۋجۇت.

    خېنە سامانغوللۇقلار ئائىلىسىگە تەۋە بۇ گۈلنىڭ پايدىسىنى بىلگەن ئاتىلار ئۇنى باغلاردا ياكى ھويلا-ئارانلاردا ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ 60-180سانتىمېتىر ئەتراپىدا ئۆسىدۇ، غولىنىڭ رەڭگى قىزغۇچ ھەم سۇلۇق، گۈلى ئانار چېچىكى رەڭگىدە بولۇپ، خانىم-قىزلىرىمىز ئۇنى ئېزىپ پۇت، قولىنىڭ ئالقانلىرى، تىرناقلىرىغا تېڭىپ قىزارتىۋالىدۇ. بۇ ئادەتتە «خېنە قويۇش» دېيىلىدۇ. بۇنداق قىلغاندا خېنىنىڭ زەھەر قايتۇرۇش، سۆڭەكنى ئۆستۈرۈش ۋە چىڭىتىشتەك دورىلىق رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش بىلەن بىللە، تىرناقلارنى گۈزەللەشتۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.

    ئەپسۇس، ھازىرقى زامانىۋى پەرداز بۇيۇملىرىنىڭ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشى بىلەن، بۇنداق ئەنئەنىۋى پەرداز بۇيۇملىرى بارا-بارا ئىستېمالدىن قالماقتا.

سادىر سابىر نەزەرى
  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

5-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئامېرىكا ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىساد سۆزلىشىشى ئىيۇلدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزىلىدۇ

2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

2013-يىللىق ‹‹ئەمگەكچىلەر بايرىمى››لىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

مەملىكەت بويىچە H7N9 قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغۇچى جەمئىي 60گە يەتتى

پەن تېخنىكا مىنىستىرلىقى بىلەن گايتىس فوندى جەمئىيىتى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى

جايلار H7N9 تىپلىق قۇش زۇكۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش لايىھەسىنى تۈزدى

شەرقىي غەربىي رايون ھەمكارلىقى ۋە مەبلەغ سېلىش سودا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى

بېيجىڭدا ساختا ئۆي سودىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئۆي مۈلۈك كېنىشكىسى ھەقسىز شېفىرلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ

دۆلەت يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرىنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تارقلىشچان زۇكامغا قارشى يېڭى دورىنى تېزلىكتە تەكشۈرۈپ تەستىقتىن ئۆتكۈزدى

ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى: تۇمان سەۋەبىدىن نۇرغۇن چەتئەللىكلەر بېيجىڭدىن ئايرىلدى

2012-يىلى شىنجاڭدا مائارىپقا جەمئىي سېلىنغان مەخسۇس تۈر مەبلىغى 47 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولغان

بۇ يىل ئېلىمىز 3 مىليون ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى سۇلياۋ تاماق قاچىسىنى چەكلەشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش سەۋەبىنى ئېلان قىلدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن يېڭىدىن كۆپەيگەن تولۇق كۇرۇسلۇق 20 ئالىي مەكتەپنى ئېلان قىلدى

يېڭى باسقۇچلۇق ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەڭشەش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

چوكانتال بايرىمىلىق ئارام 4-ئاپرېلدىن 6-ئاپرېلغىچە بولىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى پىلان دوكلات، خامچوت دوكلاتىنى تارقاتتى

گوۋۇيۈەننىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى قىسقارتىلىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشنى ئۈمىد قىلدى

بۇ يىل ئېلىمىز 3 مىليون ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ‹‹ئىككى بايراملىق›› پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ.

نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号