مۇخبىرنىڭ تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل ئېلىمىز 3 مىليون ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىكەن. 2008-يىلىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقى، تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش سىنىقى خىزمىتىنى باشلىغان ئىدى. 5 يىلدىن بۇيان، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىش خىزمىتى سىناق باسقۇچتىن تەدرىجىي ھالدا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن. 2012-يىلى مەملىكەت بويىچە يېزا رايونلىرى پۈتۈنلەي قاپلىنىپ، 10 مىليون 334 مىڭ نامرات ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيى ئۆزگەرتىلگەن. تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى:بۇ يىل بۇ ئۈچ تارماق پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يېزىلاردىكى خەتەرلىك ئۆيلەرنى ئۆزگەرتىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، سىياسەت تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېتەكچىلىك ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېزىلاردىكى نامرات ئاممىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى تېز ياخشىلايدۇ.