باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەرجىمىھالى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2013-03-15 11:05


يولداش شى جىنپىڭنىڭ تەرجىمىھالى:

    شى جىنپىڭ ،ئەر ، خەنزۇ ، 1953-يىلى شەنشىنىڭ فۇپىڭدا تۇغۇلغان . 1974-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن . 1969-يىلى 1-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان . چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئادىمىيەت ۋە ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنىستىتۇتى ماركىسزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيە-سىياسىي تەربىيە كەسپىنى پۈتكۈزگەن ، خىزمەت قىلىۋېتىپ ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان، قانۇنشۇناسلىق دوكتۇرى . 2012-يىلى 15-نويابىر 18-نۆۋەتلىك جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان .

    1969–يىلىدىن 1975–يىلىغىچە شەنشى ئۆلكىسىنىڭ يەنچۈەن ناھىيەسى ۋېنئەنيى گۇڭشېسىنىڭ لياڭجياخې دادۈيىدە قايتا تەربىيە ئالغان ، پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

    1975–يىلىدىن 1979–يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتى ئاساسىي ئورگانىك سېنتىز كەسپىدە ئوقۇغان .

    1979–يىلىدىن 1982–يىلىغىچە گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ كاتىپى بولغان (ھەربىي ۋەزىپە ئۆتىگەن ).

    1982–يىلىدىن 1983–يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان.

    1983–يىلىدىن 1985–يىلىغىچە خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان .

    1985–يىلىدىن 1988–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى شيامىن شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولغان .

    1988–يىلىدىن 1990–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان.

    1990–يىلىدىن 1993–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسى فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان .

    1993–يىلىدىن 1995–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان .

    1995–يىلىدىن 1996–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، فۇجۇ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان .

    1996–يىلىدىن 1999–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان .

    1999–يىلىدىن 2000–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

    2000–يىلىدىن 2002–يىلىغىچە فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، ئۆلكە باشلىقى (1998–يىلىدىن 2002– يىلىغىچە چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە–ئىجتىمائىي پەنلەر ئىنستىتۇتى ماركسىزم نەزەرىيەسى ۋە ئىدىيەۋى –سىياسىي تەربىيە كەسپىنىڭ خىزمەتتىكى ئاسپىرانتلار كۇرسىدا ئوقۇغان ، قانۇنشۇناسلىق دوكتورى ئۇنۋانى ئالغان) بولغان؛

    2000–يىلىدىن 2002 –يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

    2002–يىلىدىن 2003–يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان.

    2003–يىلىدىن 2007–يىلىغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان .

    2007–يىلى شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، شاڭخەي گارنىزونى پارتكومىنىڭ 1-شۇجىسى بولغان .

    2007–يىلى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ، پارتىيە 15–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كاندىدات ئەزاسى، 16–، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزاسى، 17–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى بولغان.

    2007-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان.

    2008-يىلى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان .

    2010-يىلى 10-ئايدا ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ، مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان .

    2012-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى ، پارتىيەنىڭ 18-قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق يىغىنىدا شى جىنپىڭ قۇرۇلتاينىڭ باش كاتىپى بولۇپ سايلانغان .

    2012-يىلى 11-ئاينىڭ 14-كۈنى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان .

    2012-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۈنى ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى ، ج ك پ مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسىبولۇپ سايلانغان .

    2013-يىلى 3-ئاينىڭ 14-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان.

  مەنبە: تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

لى يۈەنچاۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى: بىر قىسىم كېچىلىكلەرنىڭ چىقىمى زىيادە يۇقىرى، ھەشەمەت قوغلىشىش سەنئەت چېكىدىن ھالقىپ كەتكەن

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتمەكچى

لى جيەنگو قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلاندى

مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمى «تاشلاپ قويۇلدى»، مۇتەخەسىسلەر قەغەزدىكى ھوقۇققا ئايلنىپ قالمىسۇن، دېدى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 9 مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلدى

مەركەزنىڭ 2013-يىللىق جامائەت مالىيە چىقىمى خامچوت ئورۇنلاشتۇرمىسى

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ئەدەبىيات سەنئەت كىچىكلىكى ئۆتكۈزۈلدى

تەيۋەنگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان سىناق شەھەرلەر كۆپەيتىلىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: ئىران يادرو سۆھبىتى نەتىجىلىك بولدى، دېدى

ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاش-تەمىنات مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلماقچى

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخىرقى بىر قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى

سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاۋال كۆرۈنۈپ ئاندىن ھەق تۆلەش ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىدىكەن، دېگەن گەپنى ئىنكار قىلدى

ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى %70كە ئۆستۈرۈلىدىكەن

جۇڭگونىڭ دېڭىز چارلاش 21 ناملىق پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزنى چارلىدى

جۇڭگو بىلەن تۈركىيە تېخىمۇ قويۇق بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

گەنسۇدا دالاي گۇرۇھى «تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى»نىڭ ئەزالىرى تەشكىللەپ پىلانلىغان ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پاش قىلىندى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ‹‹ئىككى بايراملىق›› پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ.

نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号