تۈنۈگۈن، مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى سەي ۋۇ مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانىسسى جۇڭگو ئاۋازى قانىلىنىڭ ئىككى يىغىن ئالاھىدە پىروگراممىسىغا تەكىلىپ قىلىنىپ، قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەتتە بولدى. ئۇ ئامما ئىنكاس قىلغان ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكلىرىگە خەجلەنگەن پۇل يۈز مىلىيون يۈەندىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسىگە قارىتا مۇنداق دېدى، ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرىدىغان، پۇلىنى ھۆكۈمەت مالىيەسى كۆتۈرىدىغان بايراملىق تەبرىكلەش پائالىيىتى يەنىمۇ قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ، پائالىيەتلەرگە ھۆكۈمەت مەبلىغىدىن پۇل چىقىرىپ ھەرساھە داڭلىق شەخسلىرى ۋە چولپانلارنى تەكلىپ قىلىش، بايرام ۋە تەبرىكلەش پائالىيىتى مەزگىلىدە چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشمۇ قاتتىق تىزگىنلىنىدۇ.