باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> قىززىق نوقتا

ۋېن جياباۋ: ئۆتكەن بەش يىلدا ئېلىمىز ئىقتىسادى، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا زور ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2013-03-06 18:12

                                             

  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-مارت بېيجىڭ خەۋىرى:باش مىنسىتىر ۋېن جياباۋ 5-مارت 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1-يىغىنىدا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بەش يىل ئىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. ئىلىمىزنىڭ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى ۋە ئۇنىۋېرسال كۈچى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بىز 11-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تولۇق ئورۇنلاپ، 12-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئوڭۇشلۇق يولغا قويدۇق. سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، سىياسىي قۇرۇلۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېڭى سەھىپە ئاچتۇق.

    ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: بەش يىلدىن بۇيان بىز خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئېغىر زەربىسىگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇردۇق، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم، تېزراق راۋاجلىنىشىنى ساقلاپ قالدۇق. ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 26 تىرىليون 600 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 51 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى؛ جامائەت مالىيە كىرىمى 5 تىرىليون 100 مىليارد يۈەندىن كۆپىيىپ، 11 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ شەھەر-بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە يىللىق ساپ كىرىمى %8.8، يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرچە يىللىق ساپ كىرىمى %9.9 ئاشتى؛ ئاشلىق مەھسۇلاتىنىڭ ئۇدا توققۇز يىل ئېشىشى ئەمەلگە ئاشتى؛ مۇھىم ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىدا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئوچۇق ئىگىلىك يېڭى سەۋىيەگە يەتتى؛ ئىجادچان دۆلەت قۇرۇلۇشىدا يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلدى، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، ئاي چارلاش قۇرۇلۇشى، ئادەملىك چوڭقۇر چۆكمە، يەتىكەن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى، سۇپېر كومپيۇتېر، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قاتارلىق جەھەتتە زور بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. تۇنجى ئاۋىياماتكا-«لياۋنىڭ» ناملىق ئاۋىياماتكا سەپكە كىردى؛ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، مېيىپلار ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە شاڭخەي دۇنيا كۆرگەزمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى؛ ۋېنچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە قاتتىق يەر تەۋرەش، يۈشۇدىكى قاتتىق يەر تەۋرەش، جۇۋچۈەندىكى پەۋقۇلئاددە چوڭ تاغ كەلكۈنى، لاتقا-شېغىللىق ئېقىنى قاتارلىق ئېغىر تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئاپەتتىن كېيىنكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى قولغا كەلدى.

  مەنبە:  جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ئەدەبىيات سەنئەت كىچىكلىكى ئۆتكۈزۈلدى

3333333333333333333333333333333333333333333

تەيۋەنگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان سىناق شەھەرلەر كۆپەيتىلىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: ئىران يادرو سۆھبىتى نەتىجىلىك بولدى، دېدى

ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاش-تەمىنات مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلماقچى

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخىرقى بىر قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى

سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاۋال كۆرۈنۈپ ئاندىن ھەق تۆلەش ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىدىكەن، دېگەن گەپنى ئىنكار قىلدى

ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى %70كە ئۆستۈرۈلىدىكەن

جۇڭگونىڭ دېڭىز چارلاش 21 ناملىق پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزنى چارلىدى

جۇڭگو بىلەن تۈركىيە تېخىمۇ قويۇق بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە

گەنسۇدا دالاي گۇرۇھى «تىبەت ياشلار قۇرۇلتىيى»نىڭ ئەزالىرى تەشكىللەپ پىلانلىغان ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ ئۆلتۈرۈش دېلوسى پاش قىلىندى

تۆتتىن بىر قىسىم شەھەردە تۇرالغۇ يەر باھاسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىدى

ئا تىپلىقH1N1ۋىرۇسى بۇ قېتىملىق تارقىلىشچان زۇكامنىڭ باش سەۋەبكارى

2013-يىللىق چاغانلىق توشۇش 26-يانۋار باشلىنىدۇ، ئەتىدىن باشلاپ چاغانلىق توشۇش پويىز بېلىتىنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ

ھەممىباب جامائەت قاتنىشى كارتىسىنى باشقا جايدىمۇ كارتىلاشتىن ئۈمىد بار

مائارىپ مىنىستىرلىقى بەلگىلىمە چىقاردى: مىنىستىرلىق رەھبەرلەر مەكتەپ قۇرۇلغانلىقىنى خاتىرلەش پائالىيەتلىرىگە پىرىنسىپ جەھەتتە قاتناشمايدۇ

2013–يىلى يىل ئاخىرىدا ئائىلىلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى تەكشۈرۈلىدۇ

جۇڭگو باشقىلارنىڭ كەلسە-كەلمەس ئەيىبلىشىگە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ‹‹ئىككى بايراملىق›› پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ.

نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号