جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 27-فېۋرال بېيجىڭ خەۋىرى: دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ باياناتچىسى فەن لىچۈن 27-فېۋرال قەرەللىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، بۇ يىل چوڭ قۇرۇقلۇق ئاھالىلىرىنىڭ تەيۋەنگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان سىناق شەھەرلىرى كۆپەيتىلىدۇ، كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىككى قىرغاق ساياھەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى بىلەن تەيۋەن ئىككى قىرغاق ساياھەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى بېكىتىدۇ، دېدى.
مۇخبىرنىڭ مازۇ رايونىنى «قىمار ئالاھىدە رايونى» قىلىشقا ئالاقىدار سوئالىغا فەن لىچۈن مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: چوڭ قۇرۇقلۇقتا قىمار چەكلەنگەن. كۈتىۋېلىش ئورۇنلىرى ساياھەتچىلەرنى قىمار پائالىيىتىگە قاتناشتۇرماسلىقى، تەشكىللىمەسلىكى كېرەك.