شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – فېۋرال تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ بۈگۈن ئالمۇتادا ئۆتكۈزۈلگەن ئىران يادرو مەسىلىسى ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
مۇخبىر: بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە دائىر ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟ يىغىندا ئاساسلىقى قايسى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟ قانداق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى؟
خۇا چۈنيىڭ: بۇ قېتىمقى سۆھبەت نەتىجىلىك بولدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئىجابىي پوزىتسىيەدە بولۇپ، ئىران يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسىنى چۆرىدەپ سەمىمىي ھەم چوڭقۇر پىكىرلەشتى. ئىككى تەرەپ پات ئارىدا مۇتەخەسسىس دەرىجىلىكلەر يېڭى سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش، مۇناسىۋەتلىك لايىھەنى چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىش توغرىسىدا كېڭىشىدۇ.
ئۇ يەنە: ‹‹بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ئىران يادرو مەسىلىسىنىڭ ماھىيەتلىك سۆھبەت مۇساپىسىنى باشلاش ئۈچۈن تاشلانغان تۇنجى قەدەم، ئىران يادرو مەسىلىسىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا پايدىلىق، دېيىشكە بولىدۇ››، دېدى.
مۇخبىر: يېقىندىن بۇيان، جۇڭگو ئىران يادرو مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە قايسى خىزمەتلەرنى ئىشلىدى؟
خۇا چۈنيىڭ: جۇڭگو باشتىن – ئاخىر نەسىھەت قىلىش ۋە سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەتلىرىنى ئىشلەپ كەلدى، 2006 – يىلى ئالتە تەرەپ مېخانىزمىغا قاتناشتى، بۇلتۇردىن بۇيان، ئالتە دۆلەتنىڭ ئىران بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە تۆت قېتىم قاتناشتى، مۇتەخەسسىسلەر يىغىنىغا بىر قېتىم قاتناشتى. بۇ جەرياندا بىز ئاساسلىق تەرەپلەر بىلەن بولغان قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ كەلدۇق، ھەر قايسى تەرەپ قوللانغان جانلىق ھەم ئەمەلىي پوزىتسىيەنى پائال ئىلگىرى سۈردۇق، بىر بىرىمىزگە ئېتىبار بېرىپ، ھەل قىلىش لايقھەسىنى تۈزۈش ئۈچۈن تىرىشتۇق. بىز يەنە كونكرېت تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئىختىلاپلارنى تۈگىتىپ، ئورتاق ئۇقۇم ھاسىل قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلدۇق، ھەرقايسى تەرەپ جۇڭگونىڭ ئىجابىي رولىنى تەرىپلىدى.
مۇخبىر: جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىنكى سۆھبەتلەردىن قانداق ئۇمىدلەرنى كۈتۈۋاتىدۇ؟
خۇا چۈنيىڭ: ئىران يادرو مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئۇزاق مۇددەت، ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، يەنە ئۇزاق مۇساپىنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ. ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئىشەنچىسىنى مۇستەھكەملەپ، سەمىمىيىتى ۋە جانلىقلىقىنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشىنى، سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىشنى كۈچەيتىشىنى، ئىران يادرو مەسىلىسى سۆھبىتىدە بالدۇرراق بۆسۈش ھاسىل قىلىشىنى ئۇمىد قىلىمىز. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپ بىلەن بىللە ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا داۋاملىق تىرىشىدۇ.