باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> يەرلىك قانون نىزاملار

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مېيىپلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى››نى يولغا قويۇش چارىسى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2013-01-14 18:37

     3 – باب مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تۇرمۇشى

    12 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنىڭ باراۋەر تەربىيەلىنىش ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپىنى قوبۇل قىلىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، مېيىپلەر ئارىسىدا ئوقۇش يېشىدىن ئىلگىرىكى ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى ھەقسىز مائارىپنى تەدرىجىي يولغا قويۇشى لازىم.

    ئادەتتىكى يەسلى مائارىپى ئاپپاراتى، ئادەتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەر تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ھاجىتىدىن چىقالايدىغان، ئوقۇش يېشىدىكى مېيىپ گۆدەكلەر، بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى قوبۇل قىلىشى؛ ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، كەسپىي ئوتتۇرا مەكتەپ، ئالىي مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مېيىپ ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىشى لازىم.

    13 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەر كەسپىي مائارىپىنى كەسپىي مائارىپنى راۋاجلاندۇرۇش ئومۇمىي پىلانىغا كىرگۈزۈشى، شارائىتى بارلىرى مېيىپلەر كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنى قۇرۇپ، مېيىپلەرنى ماھارەت جەھەتتە تەربىيەلىشى كېرەك.

    ھەر دەرىجىلىك، ھەر خىل كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرى ۋە كەسپىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلەرنى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

    مېيىپلەر كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار بەلگىلىمە بويىچە ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمايدۇ ھەمدە ئوقۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    14 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، مېيىپلەرنىڭ سانى، تارقىلىش ئەھۋالى ۋە تۈرى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، مېيىپلەر ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىنى مۇۋاپىق قۇرىدۇ، ئادەتتىكى مەكتەپلەردە ئالاھىدە سىنىپلارنى قۇرۇش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق مېيىپلەر ئارىسىدا ئالاھىدە مائارىپنى يولغا قويسىمۇ بولىدۇ.

    ئالاھىدە مائارىپ مەكتىپى ياكى ئالاھىدە مائارىپ سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان مېيىپ ئوقۇغۇچىلار تۇرمۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە ياتاق پۇلى تاپشۇرمايدۇ.

    15 – ماددا مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى پىلانلىق قانات يايدۇرۇشى، پېداگوگىكا مەكتەپلىرىنىڭ ئالاھىدە مائارىپ كەسپى ياكى ئالاھىدە مائارىپ دەرسلىرىنى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى لازىم.

    ئالاھىدە مائارىپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ئىشى پېداگوگىكا ئوقۇغۇچىلىرىنى ھەقسىز تەربىيەلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

    16 – ماددا مائارىپ ئاپپاراتلىرى، جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەرنىڭ ئالاھىدە مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

    ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىدىكى ۋە گاس – گاچا بالىلار تىلى بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىدىكى ئىشچى – خىزمەتچىلەر، شۇنىڭدەك ھەمراھ ئوقۇتقۇچىلار ۋە بارماق تىلى تەرجىمانلىرى ئالاھىدە مائارىپ ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. ئالاھىدە مائارىپ كەسپىي ئوقۇتقۇچىلىرى پېنسىيەگە چىققاندا بەھرىمەن بولىدىغان ئالاھىدە مائارىپ ياردەم پۇلى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە پېنسىيە مائاشى ئاساس سانىغا قوشۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    17 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مەدەنىيەت، تەنتەربىيە تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي تارماقلار مېيىپلەرنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسىتىشى ۋە تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئاكتىپ تەشكىلاتچىلىق قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، ئەدەبىيات – سەنئەت، تەنتەربىيە ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى لازىم. مېيىپلەردىن دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا مەدەنىيەت، تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، شۇنىڭدەك ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ ئالاھىدە نەتىجە ياراتقانلارنى مۇكاپاتلىشى لازىم.

    مېيىپلەردىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تەشكىللىگەن مەدەنىيەت، تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغانلىرىنى ئىشلەيدىغان ئورنى قوللىشى لازىم.

    18 – ماددا مەدەنىيەت، رادىيو – كىنو – تېلېۋىزىيە ۋە ئاخبارات – نەشرىيات تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلار ۋە ئورۇنلار مېيىپلەر ئىشلىرىنى، قەيسەر مېيىپلەر ئۈلگىسى ۋە مېيىپلەرگە ياردەم بەرگەنلەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى رادىيو، گېزىت – ژۇرنال، كىنو – تېلېۋىزىيە ۋە تورلاردا تەشۋىق قىلىشى، مېيىپلەرگە ياردەم بېرىدىغان جامائەت پاراۋانلىقى ئېلانلىرىنى بېرىشى لازىم.

    ھەر دەرىجىلىك ئاخبارات ئورۇنلىرى مېيىپلەرگە مۇلازىمەت قىلىش تەشۋىقاتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، تېلېۋىزىيە سەھىپىسى، كىنو – فىلىم ئەسەرلىرىگە يېزىق ۋە بارماق تىلى چۈشەندۈرمىسىنى تەدرىجىي كىرگۈزۈشى لازىم.

    4 – باب ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش

    19 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى شەھەر – بازارلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.

    20 – ماددا دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، كارخانا ئەمەس پۇقراۋى ئورۇنلار ۋە باشقا ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار (تۆۋەندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دېيىلىدۇ) مەمۇرلار ۋە خادىملارنى ئاشكارا ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلغاندا، مېيىپلەرنى كەمسىتسە بولمايدۇ.

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆز ئورنىدىكى ئىشلەۋاتقان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %2ىدىن كەم بولمىغان نىسبەت بويىچە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدۇ. مېيىپلەرنى بەلگىلەنگەن نىسبەتتىن ئاشۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلارنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلىمە بويىچە مۇكاپاتلايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزەلمىگەنلىرى ئالاقىدار بەلگىلىمە بويىچە مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى تاپشۇرىدۇ.

    مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلى مېيىپلەرنى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ۋە مېيىپلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ. مالىيە تارماقلىرى ۋە ئىقتىسادىي تەپتىش تارماقلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كاپالەت پۇلىنى ئىشلىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى قانۇن بويىچە كۈچەيتىشى كېرەك.

    ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار مېيىپلەرنى ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان ئىشقا ۋە ئىش ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئۇلارنى مۇۋاپىق ئەمگەك شارائىتى ۋە ئەمگەك مۇھاپىزىتىگە ئىگە قىلىشى، ۋەزىپە (دەرىجە) ئۆستۈرگەندە، ئۇنۋان باھالىغاندا، ئەمگەك ھەققى ۋە تۇرمۇش پاراۋانلىقى بەرگەندە، دەم ئېلىش، ئوتپوسكىغا چىقىش ھەم ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتنىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە مېيىپلەرنى كەمسىتمەسلىكى لازىم.

    مېيىپلەر بىرلەشمىلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزەلمىگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇۋاپىق مېيىپلەرنى كۆرسەتسە بولىدۇ.

    21 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار مەمۇرىي تارماقلىرى تەسىس قىلغان جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنىغا مەلۇم نىسبەتتە مېيىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

    22 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يېزىلاردىكى مېيىپلەرنى ئەمەلىي تېخنىكا بىلەن تەربىيەلەپ، مېيىپلەرنىڭ تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك ياكى باشقا ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا يار – يۆلەك بولۇشى لازىم.

    23 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئەما ئۇۋۇلىغۇچىلارنى تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىشى لازىم. داۋالاش، ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى ياكى ئۇۋۇلاش مۇلازىمىتى ساھەسىدىكى كەسىپىي ئاپپاراتلار مۇناسىپ سالاھىيەتنامە ئالغان ئەما ئۇۋۇلىغۇچىلارنى ئالدىن قوبۇل قىلىشى لازىم.

    24 – ماددا مېيىپلەر پاراۋانلىق كارخانىلىرى، ئەمالار ئۇۋۇلاش ئاپپاراتلىرى، ساناتورىيە قاتارلىقلارنىڭ مېيىپلەرنى مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

    مېيىپلەرنى مەركەزلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا بەلگىلەنگەن نىسبەتكە يەتكۈزگەن ئورۇنلارغا قانۇن بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىش ھەمدە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت، تېخنىكا، مەبلەغ ۋە سورۇن ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارنى قوللاش لازىم.

    25 – ماددا مېيىپلەرنىڭ ئۆزى ئىش تېپىشىغا ۋە ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

    مېيىپلەردىن يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغانلىرى قانۇن بويىچە باج ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەمدە باشقۇرۇش، تىزىملاش، گۇۋاھنامە بېرىش جەھەتلەردە مەمۇرىي، كەسپىي ھەقنى تاپشۇرمايدۇ، ئالاقىدار تارماقلار تىجارەت سورۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارغا ئېتىبار بېرىشى لازىم. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ مېيىپلەر قۇرغان كارخانىلارنى كىرېدىت جەھەتتىن قوللىشى ۋە ئۇلارغا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى قىلىشىغا ئىلھام بېرىلىدۇ.

    مېيىپلەردىن ئۆزى ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرى، پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدە جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

    26 – ماددا جامائەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كۆزنىكى ئېچىپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارغا مېيىپلەرنى تونۇشتۇرۇشى ھەمدە مېيىپلەردىن ئارخىپىنى، خىزمەت مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ بېرىش ھەققى ئالماسلىقى؛ مېيىپلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلىشى، تەربىيەلەش ھەققىنى كېمەيتىشى، كەچۈرۈم قىلىشى لازىم.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئامانگۈل

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇشتا ئېھتىياتچان بولۇشنى ئۈمىد قىلدى

بۇ يىل ئېلىمىز 3 مىليون ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيىنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملايدۇ

شى جىنپىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى

لى يۈەنچاۋ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە سايلاندى

مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى: بىر قىسىم كېچىلىكلەرنىڭ چىقىمى زىيادە يۇقىرى، ھەشەمەت قوغلىشىش سەنئەت چېكىدىن ھالقىپ كەتكەن

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپنى ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كېڭەيتمەكچى

لى جيەنگو قاتارلىقلار مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا سايلاندى

مائاشلىق دەم ئېلىش تۈزۈمى «تاشلاپ قويۇلدى»، مۇتەخەسىسلەر قەغەزدىكى ھوقۇققا ئايلنىپ قالمىسۇن، دېدى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 9 مەخسۇس كومىتېت تەسىس قىلدى

مەركەزنىڭ 2013-يىللىق جامائەت مالىيە چىقىمى خامچوت ئورۇنلاشتۇرمىسى

8-مارت خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ئەدەبىيات سەنئەت كىچىكلىكى ئۆتكۈزۈلدى

تەيۋەنگە بېرىپ ساياھەت قىلىدىغان سىناق شەھەرلەر كۆپەيتىلىدۇ

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: ئىران يادرو سۆھبىتى نەتىجىلىك بولدى، دېدى

ئېلىمىز يېزىلىرىدىكى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرى كۆرۈنەرلىك ئازايدى

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاش-تەمىنات مەسىلىسىنى تەدرىجىي ھەل قىلماقچى

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئاخىرقى بىر قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى

بۇ نۆۋەتلىك ھۆكۈمەت دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى ئاچتى

سەھىيە مىنىستىرلىقى ئاۋال كۆرۈنۈپ ئاندىن ھەق تۆلەش ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىدىكەن، دېگەن گەپنى ئىنكار قىلدى

ئىككىنچى يۈرۈش ئۆيگە ئالدىن تاپشۇرىدىغان پۇل نىسبىتى %70كە ئۆستۈرۈلىدىكەن

جۇڭگونىڭ دېڭىز چارلاش 21 ناملىق پاراخوتى جەنۇبىي دېڭىزنى چارلىدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

19–سېنتەبىردىن باشلاپ ئىنتېرنېت تورى ۋە تېلېفوندا ‹‹ئىككى بايراملىق›› پويىز بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلغىلى بولىدۇ.

نۆۋەت ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى كۈچەيتىپ، ئىستىلنىڭ دۇرۇس، كەيپىياتنىڭ توغرا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلايلى
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号