ئۇيغۇرلاردا ‹‹ئاناڭنى داداڭغا پەردازسىز كۆرسەتمە›› دېگەن ماقال بار. ئۇيغۇر ئاياللىرى باشقا مىللەت ئاياللىرىغا ئوخشاش ئەزەلدىن ياسىنىشقا، ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈشكە بەكمۇ ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. بولۇپمۇ، توي-تۆكۈن، ھېيت-بايراملارغا، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا، شەھەر-بازارلارغا بارغاندا، ئۇيغۇر ئاياللىرى باش-كۆزلىرىنى تۈزەشتۈرۈپ ئۆز لايىقىدا كىيىنىپ بارىدۇ. ئۇلار بۇنىڭ بىر خىل مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى بۇرۇنلا بىلىپ يەتكەن. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قاش تېرىش مەدەنىيىتى ئۆزگىچە بولۇپ، يېقىنغىچە داۋاملىشىپ كەلگەن. ئاياللارنىڭ يۈزىگە ئۇستىرا تەگكۈزۈشكە بولمىغاچقا، ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇرۇن-بۇرۇندىن قاش تېرىشتىن ئىبارەت تەبىئىي گىرىم قىلىش، ياسىنىش ئادىتىنى شەكىللەندۈرگەن.
قاش تىرىشنىڭ جەريانى ئىنتايىن ئاددىي بولۇپ، پىششىق ئىشىلگەن ئوتتۇراھال يىڭنە چوڭلىقىدىكى، 40-50 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى يىپ بىلەن ناھايىتى ئەپچىل قول ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆلچەمسىز، غەيرىي ئۆسۈپ قالغان قاشلار يۆگەپ يۇلۇپ ئېلىۋېتلىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئاياللارنىڭ يېشى، چىرايى، بوي-تۇرقى، رەڭگى-رۇخسارىغا ئاساسەن قاشلارنى توم، ئىنچىكە، ئۇزۇنچاق، ئەگمە قاتارلىق ھەرخىل شەكىلدە ياساپ قىز-چوكانلارغا گۈزەللىك ئاتا قىلىدۇ. ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قاش تېرىش ئادىتى، يېزىلاردا يېشى چوڭ ئاياللار ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان بولسىمۇ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بارا-بارا ئادەتتىن قالماقتا.بولۇپمۇ يېڭى دەۋر قىز-چوكانلىرى ئىشلىتىدىغان گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، ھۆسن تۈزەش، چاچ ياساش ئورۇنلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قەدىمدىن داۋاملىشىپ كەلگەن قاش تېرىش ئادىتى تەدرىجىي يوقىلىشقا قاراپ يۈزلەنمەكتە.