باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> دىنىي ئېتقاد

ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئۇنىڭ مەزھىپى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2012-07-17 20:48

    

    ئەبۇ ھەنىفە(700-767)سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئاتاقلىق فەقىھى، ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى بۇلۇپ، ئەنئەنىچى تۆت مەزھەپ ئاساسچىلىرىنىڭ بىرىنچىسى، ئۇ ھۆرمەت بىلەن ئىمام ئەزەم(چوڭ ئىمام)دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ فىقھە تەلىماتى ئىسلام دىنىنىڭ فىھە تارىخىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ بېكىتكەن شەرىئەت ئەھكاملىرى جانلىقلىقى، كەڭچىلىكى، مۇۋاپىقلىقى بىلەن مەشھۇر. شۇ سەۋەبتىن، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى مۇشۇ مەزھەپنىڭ يولىنى تۇتۇپ كەلمەكتە.

    1.ئەبۇ ھەنىفىنىڭ ھاياتى، ئىش ئىزلىرى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتى                          

    ئەبۇ ھەنىفىنىڭ تۇلۇق ئىسمى ئەبۇ ھەنىفە نوئمان ئىبنى سابىت بۇلۇپ، ئۇ كۇفە شەھىرىدە بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئەسلى يۇرتى كابۇل(ھازىرقى ئاففانىستاننىڭ پايتەختى)بۇلۇپ، كېيىن كۇفەدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان. ئۇ كىچىك چېغىدىلا«قۇرئان كەرىم»نى يادقا ئېلىپ بولغان،16ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ھەجگە بېرىپ، مەسچىت ھەرەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن ئابدۇللا ھارىسنىڭ ئوقۇغان خۇتبىسىنى ئاڭلىغان، ئابدۇللا ھارىس ئۆز خۇتبىسىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭشەرىئەتنى تەتقىق قىلغۇچىنى ئاللاھ تائالا مۇراد-مەقسىتىگە يەتكۈزىدۇ ھەمدە ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىلتىپاتلارنى كۆرسىتىدۇ“ دېگەنلىكىنى ئېيتقان. بۇ قېتىمقى ھەج سەپرىدە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە چوڭقۇر تەسراتلارنى قالدۇرغان.

    ئەبۇ ھەنىفە يەنە فەقىھ ھەمماد بىننى ئەبۇ سۇلەيماننى ئۇستاز تۇتۇپ، فىھقە ئىلمىنى 18يىل ئۆگەنگەن. ئۇ ئۆگىنىشتە تىرىشچان، ئەدەبلىك بولغاچقا، ئۇستازنىڭ كۆپ ماختىشىغا ئېرىشكەن. ھەرقىتىم دەرستىن چۈشكەندە، ئۇ، ئۇستازىنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قۇياتتى، ئاندىن كېيىن ئۇستازىنىڭ ئشىكى ئالدىدا كۈتۈپ تۇراتتى، ئۇستازى ناماز ياكى باشقا ئىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىققاندا ھەمراھ بۇلۇپ بىللە ماڭاتتى ۋە شۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، بەزى مەسىلىلەرنى سوراپ بىلىۋالاتتى. ئۇ ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرغاندا، ھۆرمەت يۈزىسىدىن ھەتتا ئۇستازىنىڭ ئۆيى بار تەرەپكە قاراپ ئۇراتمايتتى. ئۇ ئىلگىرى-ئاخىرى بىرەر مىڭدەك ئالىمنى ئۇستاز تۇتقان بۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە يەتتىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن،73ى تابىئۇنلاردىن، قالغانلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تابىئۇتابىئىنلاردىن ئىدى. ئۇ ئۆز ئۆمرىدە 55قېتىم ھەج قىلغان، ھەج ۋاقتىدا مەككە بىلەن مەدىنىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۆلىمالا جەم بۇلاتتى، كۇفە شەھىرى بولسا ئەينى ۋاقىتتا ئىسلام دىنىنىڭ ئىلىم-مەدەنىيەت مەركىزى ئىدى، شۇڭا، ئۇنىڭ ئۆز ئۆمرىدە شۇنچە كۆپ كىشىنى ئۇستاز تۇتالىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىدى.

    ئۇ دىنىي جەھەتتە ئىنتايىن تەقۋادار بۇلۇپ، كىچىك چېغىدىن باشلاپلا ھەركۈنى«قۇرئان كەرىم»نى بىر قېتىم يادلاپ چىقاتتى. مۇۋاقىفنىڭ بىر رىۋايىتىدە مۇنداق دېيىلگەن:”مەن ئەبۇ ھەنىفەنىڭ ئۆيىدە بىر مەزگىل تۇرغانىدىم، ئۇنىڭدىنمۇ تىرىشچان ئادەمنى ئۇچراتمىدىم، ئۇ كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ناماز ئوقۇيتتى، فىقھە ئىلمىنى كۆڭۈل قۇيۇپ مۇتالىئە قىلاتتى، بۇ ئىشنى ئۇ 30يىلغىچە ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرغان. گۇمان تۇغدۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئۇ بىرمۇنچە ھالال ياكى گۇمانلىق ئىشلاردىن كەچسە كېچەتتىكى، ھارام ئىشلارغا يېقىن يولىمايتتى، ئەگەر مەلۇم بىر ئىشتىن فىقھە جەھەتتە گۇمانلىنىپ قالسا، ئۇنى ئۈزۈل-كىسىل ئېنىقلىمىغۇچە كۆڭلى تىنمايتتى. ئۇ تەلەپچان، قەيسەر ئىدى، يەرلىك ئەمىر ئۇنىڭغا ھەدىيە قىلغان سوۋغىنىڭ بەيتۇلمال(يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلەت خەزىنىسى)دىن ئېلىنغانلىقىنى بىلىپ قالسا، دەرھال ئۇنى رەت قىلاتتى“.

    ئەبۇ ھەنىفە شاگىرتى ئەبۇ يۈسۈپكە مۇنداق دېگەن:”ئاۋۋال ئىلىم ئۆگەن، ئاندىن پۇل تېپىشقا تۇتۇش قىل، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيلۈك-ئۇچاقلىق بول. ئەگەر ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقاندا پۇل تېپىش بىلەن بۇلۇپ كەتسەڭ، مال-دۇنيالىرىڭ سېنى ئادەم ياللاشقا ئۈندەيدۇ-دە، بۇ دۇنيالىق ئىشلارغا بېرىلىپ كېتىپ قالىسەن“. ئارقىدىنلا ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:”سەن ئاللاھتىن قورققىن، كىشىلەرگە ھەقىقەتنى تاراتقىن ۋە ئۇنى سەمىمىي سۆزلەر بىلەن يەتكۈزگىن؛ باشقىلارنى كەمسىتمىگىن، بەلكى ھۆرمەتلىگىن؛ مېھماندارچىلىق ھەددىدىن زىيادە كۆپ بۇلۇپ كەتمىسۇن، كىشىلەرنى ئىلىم تەھسىل قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن؛ نادان ۋە تەلۋىلەر بىلەن كەلدى-باردى قىلىشمىغىن“.

    ئەبۇ ھەنىفە ئۆمۈر بويى فىقھە ئىلمى تەتقىقاتىغا كۈچ سەرپ قىلغان، ئۇ فىقھە ئىلمى توغرىسىدىكى پىكرى پەيدىنپەي پىشىپ يېتىلگەندە ئۆز تەلىماتىنى تارقىتىشقا باشلىغان، ئۇ بىلىملىك ۋە قابىلىيەتلىك بۇلۇپ، ئۇنىڭ بىلىم ئاساسى پۇختا ئىدى. شۇڭا ئىلىم تەھسىل قىلغۇچىلار تەرەپ-تەرەپتىن كېلىپ ئۇنى ئۇستاز تۇتقان، ئۇنىڭ ئابرۇيىمۇ شۇ سەۋەبتىن ئىلىم ساھەسىدە بەك يۇقىرى بولغان. ئۇ فىقھە ساھەسىدە ئۆزىنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسىنىلا بەرپا قىلىپ قالماستىن، يەنە زور تۈركۈمدىكى تالانتلىق فەقىھلەرنى يېتىشتۈرگەن. تاھاۋى مۇنداق دېگەن:”ئەبۇ ھەنىفەنىڭ شاگىرتلىرى ئىچىدە كىتاب يېزىپ تەلىمات تۇرغۇزالايدىغانلىرى 40تىن ئاشاتتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەشھۇرلىرى ئەبۇ يۈسۈپ، مۇھەممەد بىننى ھەسەن سەيبانى، زۇفەير، داۋۇد دائى،ئەسئەد ئىبنى ئۇمەيل، يۈسۈب خالىد، يەھيا ئىبنى زەكەرىييا قاتارلىقلار ئىدى“.

    ئۇ شەيىئىلەر ئۈستىدە ئەقىل ئىشلىتىپ تەھلىل ئېلىپ بېرىشقا ۋە ھۆكۈم قىلىشقا بەكمۇ ئەھمىيەت بېرەتتى، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاشقا ماھىر ئىدى. ھۆكۈم قىلىش زۆرۆر بولغان مەسىلىلەر توغرىسىدا ئۇ ھەمىشە كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى مەركەزلەشتۈرۈش، ئومۇمىي تەھلىل يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى قوللىناتتى، يەنى مەسىلىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ، شاگىرتلىرىنى ئەركىن مۇھاكىمە قىلىشقا، ئۆزپىكىرىنى تۇلۇق بايان قىلىشقا ۋە ئۇ ھەقتىكى ئاساسلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشقا ئۇيۇشتۇراتتى. ئاندىن كېيىن، ئوخشاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئىنچىكە تەتقىق قىلىپ، قايتا-قايتا دەلىللەپ، توغرا پىكىرلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خاتا پىكىرلەرنى قالدۇرۇپ، ئاخىرىدا خۇلاسە چىقىراتتى. شەرىئەت مەسىلىسىدىن بىرەرسى ئۈستىدە مۇشۇنداق ئۇسۇل بىلەن يەكۈن چىقارغاندا، ھېچقانداق نۇقسان ۋە كاۋاك قالدۇرمايتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى فىقھە ئىلمى جەھەتتە ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدىغانلار ۋە كۆزگە كۆرۈنگەنلەردىن ئىدى. كىشىلەر ئىبنى جەراھە(ئىمام شافىئىي ۋە ئىمام بۇخارىنىڭ ئۇستازى)گە:”ئەبۇ ھەنىفە پالانى ئىشقا خاتا ھۆكۈم قىلىپ قويدى“دېگەندە، ئىبنى جەرائە جاۋاب بېرىپ:‹ئەبۇ ھەنىفە قانداقسىگە خاتا ھۆكۈم قىلىپ قۇيىدۇ؟ ئۇنىڭ قىياس، ئىجتىھاد جەھەتتە ئەبۇ يۈسۈب، مۇھەممەد بىننى ھەسەن شەيبانى، زۇفەيرگە؛ ھەدىس ۋە باشقا ئىلىم جەھەتتە يەھيا ئىبنى زەكەرىييا، ھافىز ئىبنى ئەيىس، جۈدەيل ئەلىغا؛ ئىلمى سەرىف، ئىلمى نەھۋى ۋە ئىلمى بالاغەت جەھەتتە جاسىم ئىبنى مەرىن، مەسئۇدقا؛«قۇرئان كەرىم»تەپسىرى ۋە تارىخشۇناسلىق جەھەتتە داۋۇد دائى، فازىل ئىياد، ئابدۇللا ئىبنى مۇبارەككە ئوخشاش بىلىملىك شاگىرتلىرى تۇرسا، ئەبۇ ھەنىفە ئاشۇلار بىلەن بىللە تۇرسا قانداقسىگە خاتا ھۆكۈم قىلىدۇ؟ ئەگەر ئۇ مەلۇم جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويسا، ئۇنىڭ ئاشۇ شاگىرتلىرى ئۇنى تۈزىتىدۇ›دېگەن

    ....................................................................................................................

    2.ئەبۇ ھەنىفەنىڭ فىقھە ئىدىيىسى ۋە نەزەرىيە سىستېمىسى                             

    ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا، شەرىئەت مەنبەسى سىستېمىسىنى ئالدى بىلەن ئىمام شافىئىي سىستېمىلىق دەلىللەپ بەرگەن، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن، ئۇ فىقھە نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويۇشتىن ئىلگىرىلا شەرىئەت ئەھكاملىرى دەسلەپكى كۆلەمگە ئىگە بولغان، كۇفەدىكى ھەنەفىي مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ نەزەرىيىسى ئاللىقاچان شەكىللىنىپ بولغانىدى.

    ھەنەفىي مەزھىپى تەشەببۇس قىلىدىغان شەرىئەت مەنبەسىنىڭ تەرتىپى مۇنداق:«قۇرئان كەرىم»، ھەدىس، ئىجمائ، قىياس، ئىستىھىسان ۋە ئۆرپ. تۆۋەندە بۇلارنى ئايرىم ئايرىم بايان قىلىمىز:

    1) ئەبۇ ھەنىفە «قۇرئان كەرىم»نى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزۇشنىڭ بىرىنچى مەنبەسى قىلىدۇ.چۇنكى«قۇرئان كەرىم» ئاللاھنىڭ سۆزى، شۇنداقلا مۇقەددەس ۋە ھەق كىتاب.«قۇرئان كەرىم» ۋە سەھىھ ھەدىسلا ئەھكاملارنى تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنى بايان قىلىشنىڭ ئاساسى بۇلالايدۇ. ئەگەر مەلۇم بىر مەسىلە«قۇرئان كەرىم» بىلەن ھەدىستە چۈشەندۈرۈلگەن بولسا، ئىككىلىسىگە ئەمەل قىلىنىدۇ.

    2) ھەدىس ـــ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىسى، شەرىئىتى، قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە ئەدەب-ئەخلاقى توغرىسىدا قىلغان، ۋەھىي ئايەتلەرنىڭ روھىغا ئۇيغۇن بولغان سۆزلىرى ۋە ھەرىكەت ئەمەلىيىتىدۇر. دېمەك، ھەدىس فەقىھلەرنىڭ شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزۇشتىكى ئىككىنچى مەنبەسى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن ئەبۇ ھەنىفەنىڭ دەۋرىدە ھەدىسنى توپلاش، رەتلەش خىزمىتى تېخى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلمىغانلىقتىن، ھەرقايسى گۇرۇھ. ئېقىملار ئۆزلىرىنىڭ نۇقتىنەزىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئويدۇرما ھەدىسلەرنى توقۇپ چىققان، شۇنىڭ ئۈچۈن ئەبۇ ھەنىفە ئەھكاملارنى ھەدىسكە ئاساسلىنىپ تۇرغۇزۇش مەسىلىسىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ھەدىسلەرنى قاتتىق تاللاپ ئىشلەتكەن، ھەدىسنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۇنىڭ ئىسنادىنى(رىۋايەت قىلىنىش سىستېمىسى) قاتتىق تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىغان. نەقىل كەلتۈرگەن ھەدىسنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن كېلىشىدە چىڭ تۇرغان:

    (1)ئىسنادى ئۈزۈلۈپ قالمىغان بۇلۇش(2)ئۇنى ئاز دېگەندە روسۇلۇللانىڭ ساھابىلىرىدىن بىرەرسى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بۇلۇش؛(3)ئۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى فەقىھلەر بىردەك ئېتىراپ قىلغان بۇلۇش.

    3)ئىجمائ –رەسۇل ئەلەيھىسسالامنىڭ  ساھابىلىرى مۇزاكىرىلىشىپ بىرلىككە كەلگەن قاراردىن، ياكى ھەرقايسى مەزگىلدە ئۆتكەن،«قۇرئان كەرىم». ھەدىس ۋە شەرىئەت ئىلمىنى پۇختا بىلىدىغان فەقىھلەر مەلۇم ئەھكام ئۈستىدە بىرلىككە كەلگەن پىكىردىن ئىبارەت. ھەنەفىي مەزھىپى مۇشۇنداق پىكىرنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى تۇرغۇزۇشنىڭ بىر ئاساسى قىلىدۇ.

    ...................................................................

    4)قىياس- مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنى«قۇرئان كەرىم»دە ۋە ھەدىستە زىكرى قىلىنمىغان مەسىلىلەرگە تەتبىقلاپ، شۇ ئاساستا بىر خۇلاسىگە كېلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. ............................................................

    3.ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى                

    1)جانلىق، كەڭ قۇرساق بۇلۇش، ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش                  

    ھەنەفىي مەزھىپى”ئەھلى راي“(پىكىر تەرەپدارلىرى)دەپمۇ ئاتىلىدۇ، يەنى ئۇلار «قۇرئان كەرىم»دىن ۋە ھەدىستىن ئېنىق ئاساس تاپالمىغان ئەھۋالدا، ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىۋاتقان يېڭى مەسىلىلەر ئۈستىدە”راي“(پىكىر) ۋە ”قىياس“قا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ شەرىئەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈملەرنى چىقارغان. بۇ مەزھەپنىڭ ۋەكىلى بولغان .ئەبۇ ھەنىفە مەنتىققە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى، تەپەككۈرىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، ئىپادىلەش ئىقتىدارىنىڭ يۇقىرىلىقى، قىياس قىلىشقا ماھىرلىقى بىلەن داڭق چىقارغان. ئەھكام تۇرغۇزۇش جەريانىدا، ئۇ شەرىئەتنىڭ مەنبەسىگە ۋە قوشۇمچە مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ قىياس قىلىپ، ئىلگىركى پەتىۋالىرىغا سېلىشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن مەسىلىلەرنىڭ ئوخشىشىدىغان، ئوشاشمايدىغان پەرقىنى تېپىپ چىقىپ،ئاساسقا ئىگە بولغان.

    ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ قارىشچە،«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شەرىفتە زىكرى قىلىنمىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا، ئەقىلنى ئىشقا سېلىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، توغرىلىق-ناتوغرىلىق تەرەپلىرىنى دەڭسەپ كۆرۈپ، ئاندىن كېيىن شەرىئەتكە مۇۋاپىق بولغان-بولمىغانلىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ. ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتا،«قۇرئان كەرىم» بىلەن ھەدىس شەرىفتە كۆرسىتىلگەن پرىنسىپ ئاستىدا، كونكىرت ئەھۋالغا قاراپ قىياس قىلىش، جانلىق ئىش كۆرۈش ئۇسۇلى بىلەن، لايىقىدا ھۆكۈم چىقىرىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندا، شەرىئەتنى تېگىشلىك تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ.

    2) ئەمەلىي ئەھۋالغا ئېتىبار بىلەن قاراش، بىر خىل شەكىل بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىق

    ھەنەفىي مەزھىپى”قىياس“ۋە”ئىستىھسان“ پرىنسىپىنى قۇللىنىشقا ماھىرلىقى بىلەن داڭق چىقارغان،«قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىسنىڭ روھىغا ئەمەل قىلىپ، شەكىل بىلەن چەكلىنىپ قالماي، شەرىئەتنىڭ قوشۇمچە مەنبەلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىپ، زامان ۋە ماكانغا، مەسىلىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىگە ئوخشاش ھەرخىل ئامىللارغا بىرلەشتۈرۈپ، ئاممىغا پايدىلىق ھۆكۈم چىقارغان. ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى ئېتىقادىغا ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئېتىبار بىلەن قاراش، سىرتقى كۆرۈنىشىنى ۋە شەكلىنى قوغلاشماسلىقتىن ئىبارەت.                                          

    (تەپسىلىي مەزمۇنىغا قىزىقسڭىز «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژورنىلى جەۋھەرلىرى1گە قاراڭ. )      

  مەنبە: «ىجۇڭگو مۇسۇلمانلىرى»ژورنىلى تەھرىر: ئاززۈگۈل

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

كېسەللىك ئىقتىسادىي يۈكىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىGDP نىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى

ئۆي–زېمىن بېجى يولغا قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا

دىپلوماتىيە مىنستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى: ياپونىيە جۇڭگونىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى دەرھال توختىتىشى كېرەك

ئېلىمىزدە ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 700مىليوندىن ئاشتى

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ غەيرىي ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى

ياپونىيە ساقچى دائىرىلىرى دىياۋيۈ ئارىلىنى قوغدىغۇچىلارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇردى

تارىخىي كۆرۈشۈش ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يول ئاچتى

مەركىزىي كومىتېت تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى18–قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنى سايلاش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى

مائارىپ مىنىستىرلىقى 2012-يىل بىرىنچى قارارلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېلان قىلدى

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش- خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياخشىلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش

2-نۆۋەتلىك مىللىي ئاپتونوم ناھىيە، خوشۇن ئىلمىي تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

ئېلىمىزدە پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن كەشپىيات بىر مىليونغا يەتتى

ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى بالىلار باغچىسى قاچان ئاقسۆڭەكلەر چەمبىرىكىدىن قۇتۇلىدۇ؟

مىللىي رايونلاردىكى كادىرلار ئاساسىي قاتلاملارغا بېرىپ، دېھقانلارغا چوڭ ئىش قىلىپ بەردى

جۇ يوڭكاڭ بېيجىڭدا جەمئىيەت باشقۇرۇش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

مەركەزگە قاراشلىق تارماقلار 19-چېسلادىن باشلاپ «ھۆكۈمەت ھېسابىدىكى ئۈچ خىراجەت»نى ئاشكارلايدۇ

تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى: 7-ئاينىڭ 11-كۈنى ماي باھاسى چۈشۈرۈلىدۇ

جىلىن ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تيەن شۆرېن قانۇن– ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىلدى، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى

تاۋار سانائەتچىلەر باش ئىدارىسى: سودا ماركىسىدىكى كۈچلۈك دۆلەتكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساش كېرەك

ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسى ئاددىي پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىرگۈزۈلدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى
چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号