
تاجىك قىزلىرى بىر ياشتىن ئاشقاندا ئادەتتە چاچ كېسىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ھامىلە چېچى چۈشۈرۈلىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ قىزنىڭ چېچىنى تاراپ ئۆرۈۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بۇ مۇراسىم ئۈچۈن ئائىلىسى قوي بوغۇزلاپ، شورپا سېلىپ، مېھمان چاقىرىدۇ. چاچ كېسىشكە تەجرىبىلىك كىشىنى تەكلىپ قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە سىمۋول خاراكتېرلىك سوۋغات بېرىپ، ئۇنىڭ قولىدىكى قايچىنىڭ بالىسىغا ئامەت ئىلىپ كېلىشىنى تىلىشىدۇ.مۇراسىمغا كەلگەن ئۇرۇغ-تۇغقان، قولۇم - قوشنىلار ناخشا - ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق تەبرىكلىشىدۇ، چوڭلار ۋە ئۇششاق بالىلارنىڭ مەدىتى بىلەن كىچىك قىزچاق خۇشال - خۇراملىق بىلەن چېچىنى چۈشۈرىدۇ. تاجىكلار بالىنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا قىز - ئوغۇلنى باراۋەر كۆرىدۇ.