باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> تارىخ ۋە تەزكىرە

ئوچار، يولچىلا كەنتلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە

ئاپتور: قادىر ئوسمان يوللانغان ۋاقىت: 2012-04-05 11:50

    

     ئوچار، يولچىلا كەنتلىرى، ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان. ئەمگەكچان، باتۇر بۇ ئىككى يۇرت خەلقى ئۆزلىرىنىڭ ئۇزاق ئەسىرلەردىن بۇيانقى تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل–پاراسىتىگە تايىنىپ يۇرتىمىزنىڭ شانۇ-شەۋكەتلىك تارىخى ۋە كۆزنى چاقنىتىدىغان رەڭدار مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس زور تۆھپىلەرنى قوشقان.

    ئوچار، يولچىلا كەنتلىرى ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسىدا ئەڭ بۇرۇن پەيدا بولغان يۇرتلاردىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيەدىن بۇرۇنلا توخارلار قەبىلىسدىكى ئۇلۇغ ياۋچىلار شىمالىي شىنجاڭدىن قەشقەر، خوتەن تەرەپلەرگە كۆچكەن. شۇلارنىڭ بىر تارمىقى ئوچار، يولچىلا كەنتلىرىگە ئورۇنلاشقان. ئۇلار باشتا چارۋىچىلىق، دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، كېيىنچە قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، سودا-سېتىق ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ۋە تىرىكچىلىكىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغان. 8-ئەسىرلەرنىڭ ئالدى-كەينىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى شەھەرلىشىش ئامىلىنىڭ، يەنە بىر تەرەپتىن يۇرتتىن يىپەك يولىنىڭ كېسىپ ئۆتۈشىدىن ئىبارەت ئەۋزەللىكنىڭ تۈرتكىسىدە كوجنادا (كۆجىن يەر) بەرساجان شەھىرى قۇرۇلغان. بۇ ئورۇن بىر مەزگىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ قارارگاھى بولغان. 8-ئەسىرلەرنىڭ ئوتتۇرلىرىدىكى چوڭ يەر تەۋرەش ۋە چاقماق دەرياسىغا كەلگەن زور كەلكۈن ئاپىتىدە بۇ شەھەر ۋەيران بولغان. كېيىن كىشلەرنىڭ سودا-سېتىق ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن بازار ئىككى كەنتنىڭ پاسىلىغا يۆتكەلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئوچار ئۆستەڭ بويىغاجايلاشقان ۋە بۇ بازارغا يېقىن مەھەللىلەر ‹‹ئوچار›› دەپ ئاتالغان. يولچىلا ئۆستىڭى بويىغا جايلاشقان مەھەللىلەر سەرەم ۋە ھېيتگاھ دەپ ئاتىلىدىغان ئورۇنلار قوشۇلۇپ، ياۋچىلار قەبىلە نامى بىلەن ‹‹يولچىلا›› دەپ ئاتالغان. مانا مۇشۇنداق جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك تۈپەيلىدىن بۇ يۇرت ئوچار، يولچىلا دەپ ئككىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن. بۇ بازار ئۇزۇن مەزگىل ئۈستۈن ئاتۇش خەلقىنىڭ سودا-سېتىق مەركىزى بولغان. يېزىنىڭ باشقۇرۇش ئورگىنى مۇشۇ يەردە تەسىس قىلىنغان. 1965-يىلى ئېھتىياج تۈپەيلى يولچىلا دىخانلا چىگرىسىگە يۆتكەلگەن. 1956-يىلى قەشقەر–تورغات تاشيۇلى ياسالغان ۋاقىتتا، ئوچار كەنتىنىڭ يۇقىرى تەرىپى تاشيولنى پاسىل قىلىپ يولچىلاغا قوشۇۋېتىلگەن. يولچىلا كەنتىنىڭ تۆۋەن قىسمى ئوچار كەنتىگە قوشۇۋېتىلگەن.

    ئوچار كەنتىدىكى جىڭگان، سەرەم، مەشەت، قىسىل، كوچا بېشى، تۈگمەن بېشى، كەنئاياغ، يابېشى، دۆڭتاش، تاشيول بويى ئۈجمە قاتار، توغالىس كوژنا قاتارلىق تەبىئىي مەھەللىلەر ئاھالىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ھازىرقى 14 كوپېراتىپقا كېڭەيگەن. 2011-يىلدىكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا ئوچار كەنتىدە 7200 مو يەر، 840 ئائىلە، 3216 نوپۇس بولۇپ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 2910 يۇەنگەيەتكەن.

    يولچىلا كەنتىدىكى باغئېرىق، ساي، ئاراساي، لايلىق، قوشتېرەك، تۆۋەن باغئېرىق، ئاقتاش قاتارلىق تەبىئىي مەھەللىلەر، ئاھالىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىىشىپ ھازىرقى 14 كوپېراتىپقا كېڭەيگەن. 2011-يىلدىكى ئىستاتىستىكىغا قارىغاندا يولچىلا كەنتىدە 8000 مو يەر، 867 ئائىلە 3300 نوپۇس بولۇپ كىشى بېشى يىللىق كىرىمى 2626 يۈەنگە يەتكەن. يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئاھالە تۆت ھەسسە كۆپەيگەن. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم ئون نەچچە ھەسسە ئاشقان.

    ئۈستۈن ئاتۇش چوڭ ئائىلىسىنىڭ مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئېسىل ئەنئەنىسى ئوچار، يولچىلا كەنت كىشىلىرىنىڭمۇ ۋۇجۇدىدا جۇلالاپ تۇرىدۇ.تارىختىن بۇيان بۇ ئىككى كەنتتە مۇرات مەدرىسى، سەرەم مەكتىپى، يولچىلا مەكتىپى، ئوچار مەكتىپى، يولچىلا ئوتتۇرا مەكتىپى قاتارلىق مەكتەپلەر قۇرۇلغان بولۇپ، بۇ مەكتەپلەر ئىككى كەنتنىڭ، مائارىپ، مەدەنىيەت، ئەخلاق قۇرۇلۇشىدا كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجىلەرنى ياراتقان. ئۇنىڭدىن باشقا ئاتۇش شەھەرلىك 2–ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ مۇشۇ كەنتلەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقانلىقىدىن ئىبارەت ئەۋزەللىك، كۆپلىگەن ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ مۇشۇ جايدىن يېتىشىپ چىقىشىدا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. بۇ ئىككى كەنتتە تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقانلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %97 كە يەتتى.

    تارىختىن بۇيانقى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتىن شەكىللەنگەن سودا-سېتىق ئىھتىياجى بۇ كەنىتلەردىكى ئالدىن كۆرەر، تەپەككۇرى ئويغاق بىر قىسىم كىشىلەرنى تىجارەت يولىغا باشلاپ كىرگەن. ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن ئەۋزەل شارائىت بۇ يۇرت كىشىلىرىنى بازار ئىگىلىكىگە يۈزلەندۈردى. سودا-تىجارەت، قاتناش-تىرانسىپورتنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى بىلەن كەنتنىڭ ئىقتىسادى ۋە تۇرمۇش شارائىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ۋە كەنت قىياپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدە رولى كۆرۈنەرلىك بولدى.

    ئوچار، يولچىلادىن ئىبارەت ئىككى كەنتتە، بولۇپمۇ ئوچار كەنتىدە داۋاملىشىپ كەلگەن بىناكارلىق ئەنئەنىسى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، بۇ يەردىن يېتىشىپ چىققان ئارخېتېكتور، ئىنژېنېر، ئۇستىكارلارنىڭ كۆڭۇل قويۇپ قىلغان پەرۋىشىدە ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ يوقىرى سەۋىيەسىنى يارىتىپ كەلگەن. بۇ يەردە ئاپتونوم رايونىمىزغا، ھەتتا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇلغان مەشھۇر بىناكار ئۇستىلار، ئىككى كەنت كىشىلىرىنى يېتەكلەپ ھەم تەربىيەلەپ، بۇ كەسىپنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، تۈركۈم-تۈركۈم ئۇستىلارنى يېتىشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى بىناكارلىق ئەندىزىسىنى زامانىۋى بىناكارلىق ئۇسلۇبىغا ئۇلاشتۇرغان ھەمدە ئىككى كەنت ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى جانلاندۇرۇشتىكى تۈۋرۈكلۈك كەسىپكە ئايلاندۇرغان.

    ئىجادكار، ئەمگەكچان، ساپالىق ئوچار، يولچىلا خەلقى ئۆزىنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە بۇ زېمىننى تارىم ۋادىسىدىكى ئەڭگۈزەل ماكانغا ئايلاندۇردى. ئۇلار يېڭىلىققا ئىنتىلىش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتەك جەسۇرانە روھىنى ئۆزىگە قىبلىنامە قىلىپ، ماددى ۋە مەنىۋى ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش روھىنى نامايەن قىلماقتا.

    ئوچار، يولچىلا خەلقى تارىختىن بۇيان بىر-بىرىنى يەكلەيدىغان ئىشلار بولمىغان ھەقىقىي ئۇيغۇرغا خاس ئۇلۇغ خىسلىتىنى ساقلاپ كەلدى. مەيلى يېزا تەۋەسىدە بولسۇن ياكى باشقا رايونلاردا بولسۇن، ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا كۆيۈنۈش، ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇش ۋە ئۆزئارا ئىناق-ئىجىل ياشاشتىن ئىبارەت ھەقىقىي ئىنسانىي خىسلەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، سەلتەنەتلىك تارىخىنى ۋە پەخىرلىك مەدەنىيىتىنى ياراتتى.

قادىر ئوسمان
  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتىدىن كەلگەن ئوبزور: توردىكى غەزەپلىنىش ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ

ۋۇخەندىكى بىئولوگىيەلىك دورىلارنى ياساش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 20دىن كۆپ ئادەم يارىلاندى

جۇڭگو يادرو بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ

ئوغۇللار ‹‹ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىت››قا كەلگەندە؟

مەملىكەت بويىچە 10 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش نامزاتىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىندى

    پۇقرالارنىڭ ھەقىقىي مۇراجىئەت-تەلەپلىرىنى «ئىككى يىغىن» غا ئېلىپ كىرىش كېرەك

كورېيە بىلەن ئامېرىكا ‹‹ھالقىلىق پەيتتىكى ئىرادە›› ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرىنى باشلىدى

شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش دائىرىسىنى چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىندى

ئېلىمىز يېزا ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ

مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %30 تىن ئاشقان ئۆلكىلەر كۆپ ساننى ئىگىلىدى

ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى يىلىغا %13 ئاشۇرۇلىدۇ

    ‹‹12–بەش يىل›› مەزگىلىدە نۇقتىلىق يەرلىك كېسەللەر ئاساسەن تىزگىنلىنىدۇ

    كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سوممىسى تىجارەت مەبلىغى قىلىنىشى مۇمكىن

  دۆلەت بىر قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ

 ج خ مىنىستىرلىقى شوپۇرلارغا تەۋەلەشتۈرۈپ توردا مۇلازىمەت قىلىش–باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى

ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېنىق ئاي شارى تەسۋىرىي سۈرىتىنى ئېلان قىلدى

    ‹‹ئاي پەرى–2››نىڭ مۇددەتتىن ئارتۇق ئىشلەۋاتقىنىغا ئون ئايدىن ئاشتى

بېنزىن ۋە دىزېل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 300 يۈەن ئۆرلىدى

    جۇڭگونىڭ يېزىلارنى يۆلەش، ئېچىش پىروگراممىسى(2011–2020–يىللىق)

‹‹كارخانا ئەمگەك تالاش–تارتىشىنى كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش بەلگىلىمىسى›› كېلەر يىلى يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى
چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号