باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> تارىخ ۋە تەزكىرە

مەركىزىي بانكىنىڭ شىنجاڭدا تارقاتقان ئوبوروت پۇلى

ئاپتور: مۇھەممەد تۇراپ يوللانغان ۋاقىت: 2012-03-19 12:25

    

   1933-يىلدىن 1944-يىلغىچە شىڭ شىسەي شىنجاڭ رايونىنىڭ ھەربىي، مەمۇرىي ئالىي ھوقۇقىنى كونتىرول قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنلىشىدىغان يەرلىك بۆلگۈنچى ھاكىمىيەتكە ئايلانغان. شىڭ شىسەي يولغا قويغان پۇل تۈزۈمى مۇستەقىل ئورۇندا بولۇپ، شىنجاڭ تىجارەت بانكىسىنىڭ پۇلىنى ئىشلەتكەن. 1941-يىلى سوۋېت-گېرمانىيە ئۇرۇشى پارتلىغاندا سوۋېت ئىتتىپاقى ئاجىز ئورۇندا تۇرۇپ قالغان بولۇپ، شىڭ شىسەي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى يۆلەنچۈك قىلىۋالغان. 1943-يىل 3-ئايدا مەركىزىي ئارمىيە قۇمۇلغا كىرگەندىن كېيىن، ۋەزىيەت تەدرىجىي كونتىرول قىلىنغان. 1943-يىل 10-ئايدا مەركىزىي بانكا تۇنجى بولۇپ قۇمۇل شۆبە بانكىسىنى قۇرۇپ، ‹‹گۇەنجىن تىزىسى›› تارقىتىپ، شىنجاڭ قەغەز پۇلى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئوبوروت قىلدۇرغان. 1944-يىل 9-ئايدا جاڭ جېيېشى جۇ شاۋلياڭنى شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ مۇۋەققەت رەئىسلىكىگە تەيىنلەپ، شىڭ شىسەي دېھقانچىلىق ئورمانچىلىق مىنىستىرى بولۇپ يۆتكەلگەن. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىگە قايتىپ كەلگەن. 1945-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ۋۇ جۇڭشىن چۇڭچىڭدا گومىنداڭنىڭ 6-قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مالىيە منىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لۇ بەيچۈن بىلەن سۆھبەتلىشىپ، شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ خامچوتىنى بېكىتكەندىن كېيىن، شۇ يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۆلكىلىك بانكا قەغەز پۇل تارقىتىشنى توختىتىپ، مەركىزىي بانكىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئوبوروت پۇلى›› بېسىپ تارقىتىشقا ئۆزگەرتكەن بولۇپ، 1945-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى دىخۇا شۆبە بانكىسى مەركىزىي بانكىنىڭ ‹‹شىنجاڭ ئوبوروت پۇلى››نى رەسمىي تارقاتقان. پۇل قەغەزدىن بېسىلغان، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش، بېسىلىشى نەپىس ھەم تىك شەكىللىك بولۇپ، ئېنى 164 × 65 مىللىمېتىر كېلىدۇ. بۇ پۇل ‹‹100 دوللار›› ۋە ‹‹50›› دوللار دەپ ئىككى خىل بولۇپ، چۇڭچىڭ مەركىزىي باسما زاۋۇتىدا بېسىلغان. پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىنىڭ ئوتتۇرىسىنىڭ يۇقىرى قىسمىغا ئىككى قۇر قىلىپ، ‹‹مەركىزىي بانكا ئوبوروت پۇلى›› دېگەن خەنزۇچە خەت، سول يۈزىگە سۇن جوڭشەننىڭ باش سۈرىتى، ئوڭ يۈزىگە ‹‹100›› دوللار ۋە ‹‹50›› دوللار دېگەن سومما رەقىمى ئەسكەرتىلگەن. سۇن جۇڭشەننىڭ باش سۈرىتى ۋە سوممىنىڭ يۇقىرى قىسمىدا پۇلنىڭ نومۇرى، ئىككى تەرىپىدە ئويما يېزىقتا مەركىزىي بانكىنىڭ لىدىرى ۋە مەركىزىي بانكىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى دېگەن خېتى بار كىۋادرات شەكىللىك تامغا بېسىلغان. سوممىنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدىكى رامكىدا ‹‹جوڭخۇا مىنگونىڭ 34-يىلى بېسىلدى›› دېگەن خەت، تۆت بۇرجىكىدە ‹‹100›› ۋە ‹‹50›› دېگەن سومما رەقىمى بار، رامكا سىرتىنىڭ ئوتتۇرسىنىڭ ئاستىدا ‹‹مەركىزىي باسما زاۋۇدى›› دېگەن خەتلەر بېسىلغان. پۇل قىممىتى شىنجاڭ ئۆلكىلىك بانكا تارقاتقان ئۆلكە پۇلى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، فابى پۇلىنىڭ بەش ھەسسىسىگە باراۋەر كەلگەن. ئوبوروت پۇلىنىڭ تەتۈر يۈزىگە ئويغۇر يېزىقى، چۆرىسىدىكى تۆت بۇلۇڭغا ‹‹100›› ياكى ‹‹50›› دېگەن ئەرەبچە رەقەم، ئوتتۇرسىغا ئۇيغۇر كونا يېزىقىدا ‹‹100›› دوللار ياكى ‹‹50›› دوللار دېگەن خەت بېسىلغان. ئوڭ ۋە سول ئىككى تەرەپتە ‹‹100›› ياكى ‹‹50›› دېگەن ئەرەبچە رەقەم ھەم ئىدارە باشلىقى لى جۈنياۋ، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى تيەن فۇجىننىڭ ئىمزاسى بېرىلگەن. پۇلنىڭ دەل ئوتتۇرسىنىڭ يۇقىرىدىكى ئۇچىدا كونا ئويغۇر يزىقىدا ‹‹مەركىزىي بانكا›› دېگەن قول يازما خەت چۈشۈرۈلگەن. پۇلنىڭ تۆۋەنكى ئۇچىدا كونا ئۇيغۇر يېزىقىدا ‹‹چىنى تۈركىستاندا ئۆتەدۇر›› (جۇڭگو تۈركىستاندا ئۆتىدۇ) دېگەن قول يازما خەت بېسىلغان. پۇل تارقىتىلغان كۈنى بەزىلەر ئوبوروت پۇلىنىڭ تەتۈر يۈزىدىكى خەتنىڭ ‹‹جۇڭگو تۈركىستاندا ئۆتىدۇ›› دەپ خاتا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى بايقايدۇ. باش بانكىدىن يوليۇرۇق سوراش ئارقىلىق، بۇ پۇلنى تارقىتىش توختىتىلغان ۋە تارقىتىلغانلىرى تېز سۈرئەتتە يىغىۋېلىنىپ، خەزىنىدىكى قالدۇق پۇللارغا قۇشۇپ كۆيدۈرۈۋېتىلگەن. بۇ خىلدىكى ساقلىنىپ قالغان شىنجاڭ ئوبوروت پۇلى بەك ئاز بولغاچقا، بۇ پۇللار ناھايىتى قىممەتلىك پۇل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    ئاپتور: توقسۇ ناھىيەلىك خەلق بانكىسىدا

مۇھەممەد تۇراپ
  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

خەلق گېزىتىدىن كەلگەن ئوبزور: توردىكى غەزەپلىنىش ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ

ۋۇخەندىكى بىئولوگىيەلىك دورىلارنى ياساش زاۋۇتىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 20دىن كۆپ ئادەم يارىلاندى

جۇڭگو يادرو بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش جەھەتتە دۇنيا بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدۇ

ئوغۇللار ‹‹ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىت››قا كەلگەندە؟

مەملىكەت بويىچە 10 چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش نامزاتىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىندى

    پۇقرالارنىڭ ھەقىقىي مۇراجىئەت-تەلەپلىرىنى «ئىككى يىغىن» غا ئېلىپ كىرىش كېرەك

كورېيە بىلەن ئامېرىكا ‹‹ھالقىلىق پەيتتىكى ئىرادە›› ناملىق بىرلەشمە مانېۋىرىنى باشلىدى

شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش دائىرىسىنى چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىندى

ئېلىمىز يېزا ئەرزىيەت خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ

مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى %30 تىن ئاشقان ئۆلكىلەر كۆپ ساننى ئىگىلىدى

ئەڭ تۆۋەن ئىش ھەققى ئۆلچىمى يىلىغا %13 ئاشۇرۇلىدۇ

    ‹‹12–بەش يىل›› مەزگىلىدە نۇقتىلىق يەرلىك كېسەللەر ئاساسەن تىزگىنلىنىدۇ

    كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سوممىسى تىجارەت مەبلىغى قىلىنىشى مۇمكىن

  دۆلەت بىر قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە قەرەللىك تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىدۇ

 ج خ مىنىستىرلىقى شوپۇرلارغا تەۋەلەشتۈرۈپ توردا مۇلازىمەت قىلىش–باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرمەكچى

ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېنىق ئاي شارى تەسۋىرىي سۈرىتىنى ئېلان قىلدى

    ‹‹ئاي پەرى–2››نىڭ مۇددەتتىن ئارتۇق ئىشلەۋاتقىنىغا ئون ئايدىن ئاشتى

بېنزىن ۋە دىزېل مېيىنىڭ ھەر توننىسىنىڭ باھاسى 300 يۈەن ئۆرلىدى

    جۇڭگونىڭ يېزىلارنى يۆلەش، ئېچىش پىروگراممىسى(2011–2020–يىللىق)

‹‹كارخانا ئەمگەك تالاش–تارتىشىنى كېڭىشىش، مۇرەسسە قىلىش بەلگىلىمىسى›› كېلەر يىلى يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى
چوكانتال بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى
تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号