(2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللاندى)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى
(38 – نومۇرلۇق)
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى›› نى يولغا قويۇش چارىسى 2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 30 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى. 2011 – يىل 10 –ئاينىڭ 1 –كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
2011 – يىل 7 – ئاينىڭ 29 –كۈنى
1 – باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
1 – ماددا بۇ چارە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، جامائەتنىڭ تېنىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ھاياتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنى›› ۋە ئالاقىدار قانۇن– نىزاملارغا بىنائەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.
2 – ماددا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن، شۇنىڭدەك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار پائالىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا مۇشۇ چارە تەتبىقلىنىدۇ.
3 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە ھۆكۈمەت بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، دەرىجە ۋە تارماق بويىچە مەسئۇل بولۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ؛ ئاساسىي قاتلامغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش، ئاساسىي مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئاساسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇلىدۇ؛ كەڭ تەشۋىق قىلىش بىلەن كەڭ سەپەرۋەر قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش، مەخسۇس ئاپپارات نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش بىلەن ساھە تەشكىلاتى ۋە ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارەت قىلغۇچىلارنىڭ تەلەپچانلىقىنى بىرلەشتۈرۈش، ئومۇملاشتۇرۇپ كېڭەيتىش بىلەن مەجبۇرىي يولغا قويۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىنىدۇ.
4 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى بىلەن بىخەتەر تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خىزمىتىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىك سىستېمىسى، پىرىيوم قىلىپ تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە تېخنىكا كېڭەيتىش مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى ھەمدە ئۇنىڭ خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيەدىن كاپالەتلەندۈرۈشى لازىم.
5 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق – مال دوختۇرلۇق، بېلىقچىلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى (تۆۋەندە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكىتارمىقى دېيىلىدۇ) ئىش تەقسىماتى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ؛ سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى، سەھىيە، سودا، مۇھىت ئاسراش تارمىقى قاتارلىق مەمۇرىي مەسئۇل تارماقلار تۆۋەندىكى ئىش تەقسىماتى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ:
(1) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىتېرىش، بېقىش، تۇتۇش ئىشلەپچىقىرىشتىكى دېھقانچىلىق دورىسى، ھايۋانات دورىسى، ئوغۇت، يەم –خەشەك ۋە يەم – خەشەك خۇرۇچى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئىشلىتىشكە نازارەتچىلىك قىلىشقا، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمى ۋە نازارەتچىلىك خىزمىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
(2) سودا – سانائەت مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئوبوروت ھالقىسىدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ساختا، ناچار يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سېتىش ۋە كىنىشكا ئالماي تۇرۇپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ؛
(3) سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىكىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە باشقۇرىدۇ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى چىقىرىش، تۈزىتىش، تەستىقلاش ۋە ئېلان قىلىشقا مەسئۇل بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە يېمەكلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ‹‹جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى››دىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ؛
(4) سەھىيە مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى ئاپتونوم رايوننىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى كومىتېتىغا ھەمكارلىشىپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەيدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور ھادىسىلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە يەرلىك ئۆلچەم چىقىرىش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە كارخانا ئۆلچىمىنى ئەنگە ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يېمەكلىك ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپ – خەتىرىنى باھالاش ۋە ئۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى خەۋپ – خەتىرىنى نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش ئۇچۇرىدىن يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرىدۇ؛
(5) سودا مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئوبوروت ساھەسى ۋە ھايۋانات سويۇش، مەھسۇلاتنى پىششىقلاش ساھەسىگە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛
(6) مۇھىت ئاسراش مەمۇرىي مەسئۇل تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى ۋە بۇلغىنىش قاتارلىقلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ.
يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۈندىلىك نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشى لازىم.
كەنت (شەھەر) ئاھالە كومىتېتى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى بويىچە تەشۋىق قىلىش، تەربىيە بېرىش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.
6 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار تارقىتىش ۋاسىتىلىرى ۋە باشقا ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ئۇسۇللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىگە دائىر بىلىملەرنى ۋە قانۇن – نىزاملارنى جامائەت پاراۋانلىقى بويىچە كەڭ تەشۋىق قىلىپ، جامائەتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشكە دائىر ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيىتىگە كەڭ قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىشى لازىم.
7 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچى، تىجارىتى قىلغۇچىلار ئالاقىدار قانۇن – نىزاملارغا رىئايە قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تىجارەت قىلىشى لازىم.
ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلار، تىجارىتى قىلغۇچىلارنى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ساھە جەمئىيىتىنى قانۇن بويىچە قۇرۇشقا ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە مەدەت بېرىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە ياردەم بېرىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى ئىجرا قىلىشىنى نازارەت قىلىشى كېرەك.
دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتلىرى، ساھە جەمئىيەتلىرى ساھە تەلەپچانلىقى ۋە سەمىمىيەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەزالىرىغا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىدىن ئۇچۇر بېرىشى، تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشى، ئۇلارنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىشى، تىجارىتى بىلەن قانۇن بويىچە شۇغۇللىنىشقا يېتەكلىشى لازىم.
2 – باب يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاي ۋە ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىكى
8 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى مەنبەسىدىن قاتتىق باشقۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىپ، ئۆلچەملىك، كۆلەملىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئۆلچەملىك ئۈلگە بازىسى، ئۈلگە دېھقانچىلىق مەيدانى، باقمىچىلىق رايونى (مەيدانى) ۋە ھايۋانات، ئۆسۈملۈك يۇقۇم رايونى قىلىپ بەلگىلەنمىگەن رايون (يۇقۇمسىز رايون) قۇرۇلۇشىنى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى سۈپەت بىخەتەرلىك ئۆلچىمى بويىچە ئىشلەپچىقىرىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
9 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى زىيانسىز يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا ئىسپات بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ يېشىل يېمەكلىك، ئورگانىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ۋە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ جۇغراپىيەلىك بەلگىسى قاتارلىق ئىسپاتلارنى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلىپ، داڭلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى يارىتىشىغا ھەمدە ئالاقىدار بەلگە ئىشلىتىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىغا ئىسپات بېرىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئىسپات بېرىلگەن مەھسۇلاتنى جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك.
10 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزىتىپ باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ مۇھىت ئامىلىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى، نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى ۋە باھالىشى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى ۋە تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەققىدىكى يىللىق دوكلاتنى تۈزۈشى ھەمدە جەمئىيەتكە ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى لازىم.
ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى كۆپ چىقىدىغان رايون ۋە چوڭ – ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلار، زاۋۇت – كانلار ئەتراپىدىكى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا كۆزىتىش نۇقتىسى قۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىك ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى كۆزىتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشى لازىم.
11 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى ئۆز رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سورت ئالاھىدىلىكى ۋە مەھسۇلات چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالىغا قاراپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينى ئايرىشى، پىلانلىشى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى لازىم.
يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جاينىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمىسە، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنىدىغان رايوننى ئايرىش لازىم.
12 – ماددا ئاپتونوم رايوننىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى چىقىرىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك پەن تەتقىقات ئاپپاراتى ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ، يېزا ئىگىلىكىدە ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىشى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى بويىچە تەتقىق قىلىش، تەربىيەلەش ۋە كېڭەيتىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى ئالاقىدار تېخنىكا قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى ئىجرا قىلىشقا، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئىشلىتىشكە يېتەكلىشى لازىم.
13 – ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى ۋە سودا – سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىقى، سۈپەت – تېخنىكا نازارەتچىلىكى تارمىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلىرى يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى نازارەتچىلىكى تارمىقى يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى بىخەتەر ئىشلىتىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، ئىشلىتىشكە بولىدىغان ۋە ئىشلىتىش مەنئى قىلىنغان، ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.
14 – ماددا يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرى تىجارىتى قىلغۇچىلار سېتىۋېلىش – سېتىش قونداق ھېساباتى تۇرغۇزۇپ، سېلىنمىنىڭ نامى، ئۆلچىمى، سانى، مال تەمىنلىگۈچى، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتى (تۈركۈم نومۇرى)، مەھسۇلات تىزىملاش كىنىشكىسى نومۇرى (تەستىق نومۇرى) شۇنىڭدەك مال كىرگۈزگەن – ساتقان ۋاقىت، سېتىش ئوبيېكتى ھەم سېتىش مىقدارى قاتارلىقلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى لازىم. سېتىۋېلىش – سېتىش قونداق ھېساباتىنى ساقلاش ۋاقتى ئىككى يىلدىن كەم بولسا بولمايدۇ.
يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرى تىجارىتى قىلغۇچىلار يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى سېتىۋالغاندا، مال بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى، ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت ئىجازەتنامىسى ۋە مەھسۇلات سۈپىتى لاياقەت ئىسپاتىنى تەكشۈرۈشى ھەمدە ئۇنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ساقلىشى؛ يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى سېتىشتا، سېتىۋالغۇچىلارغا سېتىش ئىسپاتى، ئىشلىتىش چۈشەندۈرمىسىنى بېرىشى؛ ئىشلىتىشكە چەك قويۇلغان يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنىڭ باپ كېلىدىغان دائىرىسى، ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش مىقدارى ۋە ئىشلىتىش خەۋپ – خەتىرىنى سېتىۋالغۇچىغا ئېيتىشى لازىم.
15 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق ئىقتىسادىي تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش خاتىرىسى تۇتۇپ، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئەينەن خاتىرىلىشى لازىم:
(1) ئىشلىتىلگەن يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنىڭ نامى، سېتىۋېلىش ئورنى، مىقدارى، مەھسۇلات تىزىملاش كىنىشكا نومۇرى (تەستىق نومۇرى)، ئىشلىتىش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش مىقدارى، ئىشلىتىش مۇددىتى ۋە ئىشلىتىشتىن توختىتىش مۇددىتى، دورا توختىتىپ تۇرۇش ۋاقتى، ئارىلىق مەزگىلى ۋە ئىشلەتكۈچى؛
(2) ھايۋانات يۇقۇمى، زىيانلىق جانلىقلارنىڭ پەيدا بولۇش ئەھۋالى ۋە ئالدىنى ئېلىش – تىزگىنلەش ئەھۋالى، شۇنىڭدەك ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆلۈش ئەھۋالى، ئۇنى زىيانسىزلاندۇرۇپ ياكى كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالى؛
(3) سويۇش، تۇتۇش، ئورۇش، يىغىش ۋاقتى؛
(4) قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باشقا مەزمۇنلار.
16 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا تۆۋەندىكى قىلمىشلاردا بولۇش مەنئى قىلىنىدۇ:
(1) دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى ئىشلىتىش؛
(2) دۆلەت ئىشلىتىشكە چەك قويغان يېزا ئىگىلىك سېلىنمىلىرىنى دائىرىدىن، ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ ئىشلىتىش؛
(3) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى دېھقانچىلىق دورىسى ئىشلىتىپ تۇتۇش، ئوۋلاش؛
(4) بىخەتەر ئارىلىق مەزگىلى، دورا توختىتىپ تۇرۇش مەزگىلى توشمىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى سويۇش، تۇتۇش، ئورۇش، يىغىش؛
(5) ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنغان رايوندا ئىشلەپچىقىرىش مەنئى قىلىنغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش؛
(6) قانۇن – نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا قىلمىشلار.
17 – ماددا قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى چىقىدىغان جايغا كېرەكسىز سۇ، كېرەكسىز گاز، قاتتىق تاشلاندۇق ياكى زەھەرلىك، زىيانلىق باشقا ماددىلارنى قويۇپ بېرىش ياكى تۆكۈش مەنئى قىلىنىدۇ.
يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان سۇ ۋە ئوغۇت قىلىنىدىغان قاتتىق تاشلاندۇق دۆلەت بەلگىلىگەن ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.
18 – ماددا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، دېھقانلار كەسپىي ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزى ئىشلەپچىقارغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى ئۆزى تەكشۈرۈشى ياكى ساپاسى بار تەكشۈرۈش ئاپپاراتىغا ھاۋالە قىلىپ تەكشۈرتۈشى لازىم. تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولسا، تەكشۈرۈش لاياقەت ئىسپاتى بېرىشى؛ لاياقەتلىك بولمىسا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە زىيانسىزلاندۇرۇشى ياكى كۆيدۈرۈۋېتىشى لازىم.