ــــ مەركىزىي تاشقى تەشۋىقات ئىشخانىسى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ تەشكىلاتچىلىق قىلىشى بىلەن دۆلەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى بىرلەشمە يىغىنى چاقىرىلدى، يىغىندا «دۆلەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى (2012-2015-يىلللىق)»نى تۈزۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قاتارلىق بىرلەشمە يىغىن مېخانىزمغا ئەزا 56 ئورۇننىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئالاقىدار كىشىلەردىن بولۇپ 120 نەچچە ئادەم يىغىنغا قاتناشتى. 9-ئاينىڭ 28-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ چېن جۇڭگونىڭ «دۆلەتنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى (2012-2015-يىلللىق)»نى تۈزۈشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. مۇخبىر: جۇڭگونىڭ تۇنجى دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانىنىڭ ئەتراپلىق ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەنلىكىدىن خەۋەردارمىز، تۇنجى پىلان ئورۇندىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى دەرھال دۆلەتنىڭ يېڭى بىر مەزگىللىك ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانىنى تۈرۈشكە تۇتۇش قىلىشتا نېملەر كۆزدە تۇتۇلدى؟
ۋاڭ چېن: دۆلەتنىڭ يېڭى بىر مەزگىللىك ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانىنى تۈزۈش ـــ ئاساسىي قانۇننىڭ «دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىلمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار نىشاننى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان مۇھىم تەدبىرى.
ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش ـــ ئادەمنى ئاساس قىلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنىڭ ۋە سوتسىيالىستىك ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت زور ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم پىرىنسىپى، شۇنداقلا «ئاساسىي قانۇن»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى» ۋە خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 12-بەش يىللىق يىرىك پىلانى پىرۇگراممىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى پىرىنسىپلىق تەلەپ. جۇڭگو 2009-يىلى تۈزگەن دۆلەتنىڭ تۇنجى ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانى ئېلىمىزنىڭ ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئاممىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئالقىشىغا ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى.
دۆلەتنىڭ يېڭى بىر مەزگىللىك ئىنسانىي ھوقۇق ھەرىكىتى پىلانىدا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقنى ئىقتىسادي، سىياسىي، مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش نىشان-ۋەزىپىسى ۋە كونكرېت تەدبىرلىرى ئېنىق بەلگىلىنىدۇ ھەمدە قانۇن چىقىرىش، مەمۇرىيەت ۋە ئەدلىيە قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردا ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ.