(دۆلەت ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا)
يىللىق ئېشىش سۈرئىتى %9تىن يۇقىرى بولىدۇ، «مەجبۇرىي ئىزىغا چۈشۈرۈش»تىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق
«خەلق گېزىتى»نىڭ 28-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لۇ جۇڭيۈەن 28-چېسلا گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى قىسقا مەزگىلدە تەڭشەپ ئاستىلىتىش نورمال ئەھۋال، يىللىق ئېشىش سۈرئىتى يەنىلا %9تىن يۇقىرى بولىدۇ، ئاتالمىش «مەجبۇرىي ئىزىغا چۈشۈرۈش »تىن ئەندىشە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.