«خەلق گېزىتى»نىڭ 28-سېنتەبىر شاڭخەيدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شاڭخەي مېترو تىرانسپوت تىجارىتى مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، «27-سېنتەبىر» ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ ماقۇللۇقى بىلەن شاڭخەي مېترو 10-لىنىيەسىنىڭ قاتنىشى 28-چېسلا كەچ سائەت 8دە ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. مېترونىڭ قاتنىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى ـــ ناھايىتى قاتتىق بىخەتەر تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللىنىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۈكەممللەشتۈرۈش، سۈرئەت چەكلەپ يۈرۈش ئۇسۇلنى قوللىنىش. شەھەرنىڭ مېترو تىرانسپورت تىجارىتىگە مەسئۇل شېنتۇڭ گۇرۇھى كېچىلەپ ئۆزى تەكشۈرۈش رەتكە تۇرغۇزۇپ چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ھادىسىنىڭ سەۋەبى: شۇ كۈنى ئۈسكۈنىگە توك ئۆتمەي، سىگنال چىرىقى ئۆچۈپ قالغاچقا، مېترو 10-لىنىيەسىنىڭ قاتنىشىنى باشقۇرغۇچى خادىملار سۈنئىي دىسپېتچېرلىق ئۇسۇلىنى قوللانغان، لېكىن ئالاقىدار خادىملار مۇناسىۋەتلىك باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلمىغانلىقتىن بۇ ھادىسە كېلىپ چىققان.
ئۇنىڭدىن باشقا، بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇنقى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، شاڭخەي 10-لىنىيە مېترو ھادىسىسىدە 284 ئادەم يارىلاندى. شاڭخەي شەھىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھادىسىدە يارىلانغۇچىلارنى تەكشۈرۈش-داۋالاشقا كېتىدىغان مۇناسىۋەتلىك خىراجەتلەرنى دوختۇرخانا ھېسابات خاتىرىلەپ، ئالاقىدار تارماقلار بىر تۇتاش تۆلەيدۇ، يارىلانغۇچىلار ھېچقانداق خىراجەت تۆلىمەيدۇ.
ئىگىلىنىشچە، يارىلانغانلاردىن 189 كىشى دوختۇرخانىدىن چىقىپتۇ، 95 كىشى بالنىستتا كۆزىتىلىۋېتىپتۇ. نۆۋەتتە، دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلارنىڭ يارا ئەھۋالى مۇقىم بولۇپ، يارىسى ئېغىرلار يوق ئىكەن. (شېن ۋېنمىن خەۋىرى، جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى)