يۆلەش–ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلۇپ ،ئارقىدا قالغان رايونلارنىڭ قىياپىتى تىرىشىپ ئۆزگەرتىلدى
گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى فەن شياۋجيەن مۇنداق دېدى: ‹‹ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرى ئۈچ باسقۇچنى باشتىن كەچۈردى››.
1978 – يىلىدىن 1985 – يىلىغىچە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش باسقۇچى بولدى. يېزىلاردا ئائىلە ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان قوش قاتلاملىق ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىئورنىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى ۋە بازار قويۇۋېتىلىپ، يېزا – بازار كارخانىلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، يېزىلاردىكى ياش، ئوتتۇرا ياشلىقلار يېزا – بازار كارخانىلىرى ياكى شەھەرلەرگە كىرىپ ئىشلەپ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىق مەسىلىسى كەڭ كۆلەمدە يېنىكلىدى. 1986 – يىلىدىن 2007 – يىلىغىچە نامراتلارنى يۆلەش، روناق تاپقۇزۇش مەخسۇس پىلان بويىچە ئىلگىرى سۈرۈلۈش باسقۇچىغا كىردى. بۇ باسقۇچتا ‹‹دۆلەتنىڭ يەتتە يىلدا 80 مىليون ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى پىلانى››، ‹‹جۇڭگونىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش – روناق تاپقۇزۇش تېزىسى <2001 – 2010>›› ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. 2007 – يىلى يېزا ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرى نامراتلارنى تەرەققىيات ئارقىلىق يۆلەش ۋە قۇتقۇزۇش، ياردەم بېرىش ئارقىلىق يۆلەشتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپتىن تۈرتكە بولۇش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى.
مەركەز 1980 – يىلىدىن 2010 – يىلىغىچە 213 مىليارد 900 مىليون يۈەن مەخسۇس نامراتلارنى يۆلەش مالىيە مەبلىغى، ئۆسۈمىگە مالىيەدىن ياردەم بېرىش ئارقىلىق 260 مىليارد 300 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش قەرز پۇلى ئاجراتتى. شۇنىڭ بىلەن، يېزىلاردىكى نامرات رايونلارنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى.
2010 – يىلىغا كەلگەندە، دۆلەتنىڭ يۆلەش – ئېچىش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەرنىڭ كەنتلەرگە تاشيول تۇتاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %88.1كە، توك يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى %98كە، تېلېفون يەتكۈزۈلۈش نىسبىتى %92.9كە يەتتى؛ دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىشى بېشى تۇرالغۇ ئۆي كۆلىمى 2002 – يىلىدىكىدىن 4.8 كىۋادرات مېتىر كېڭەيدى؛ ھەر 100 ئائىلىگە 94.8 دانىدىن رەڭلىك تېلېۋىزور توغرا كەلدى. نۇقتىلىق ناھىيەلەردە ئوقۇش يېشىدىكى بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى %97.7كە يېتىپ، مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىگە يېقىنلاشتى، نامراتلىق سەۋەبىدىن ئوقۇشسىز قېلىش نىسبىتى 2002 – يىلىدىكى %9 تىن %2.3كە چۈشتى...
فەن شياۋجيەن مۇنداق دېدى: ئەگەر ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بېكىتىلگەن ئۆلچەمگە ئاساسلانساق، يېزىلاردىكى نامراتلارنىڭ سانى 1978 – يىلىدىكى 250 مىليوندىن ئازىيىپ، ھازىر 10 مىليوندىنمۇ ئاز بولدى.
شەرقىي رايون بىلەن غەربىي رايوننىڭ نامراتلارنى يۆلەش ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇش ‹‹ئىككى ئومۇملۇق›› ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى. دېڭ شياۋپىڭ 1988 – يىلى: ‹‹دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارنى ئېچىۋېتىشنى تېزلىتىپ، 200 مىليون نوپۇسقا ئىگە بۇ كەڭ بەلباغنى ئالدىن تېزرەك تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئىچكى جايلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، بۇ ئومۇملۇققا مۇناسىۋەتلىك مەسىلە. ئىچكى جايلار بۇ ئومۇملۇقنى نەزەردە تۇتۇشى كېرەك. ئەكسىچە، تەرەققىي قىلىپ مەلۇم باسقۇچقا يەتكەندە، يەنە دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىپ ئىچكى جايلارنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىشىنى تەلەپ قىلىش لازىم، بۇمۇ ئومۇملۇق. شۇ چاغدا، دېڭىز ياقىسىدىكى رايونلارمۇ بۇ ئومۇملۇققا بويسۇنۇشى كېرەك››، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.
يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا، غەربىي رايونلاردىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشقا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەمەلىيەت ئالدىدا پارتىيە ۋە دۆلەت غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش، شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈش، ئوتتۇرا قىسىمنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەرنى تۈزدى. شەرقىي رايونلار ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنى يېتەكلەيدىغان، ئالدىن تەرەققىي قىلغان رايونلار كەينىدە قالغان رايونلارنى يېتەكلەيدىغان سوتسىيالىستىك ئورتاق بېيىشتىن ئىبارەت تەسىرلىك كارتېنا بىپايان جۇڭخۇا زېمىنىدا نامايان بولدى.
نامرات رايونلارنىڭ تەرەققىياتى قانداق بولۇۋاتىدۇ، نامرات ئامما تۇرمۇشىنى قانداق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ، دېگەندەك مەسىلىلەرگە باش شۇجى خۇ جىنتاۋ ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 2010 – يىلى ئەتىيازدا، غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغانلىقىغا ئون يىل بولغان پەيتتە، يولداش خۇ جىنتاۋ نىڭشياغا كېلىپ، كەپىلىك مەھەللىلەردىن ئۆزگەرتىلگەن مەھەللىلەر، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئۈچۈن كۆچۈرۈلگەنلەر يېڭى كەنتتە خەلقنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، پىكرىنى ئاڭلىدى. يۇڭنىڭ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى شېڭلى يېزىسى ‹‹يۈەنلىن›› كەنتىدىكى قۇدۇق كولاۋاتقان جايغا كېلىپ، ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم يېڭىدىن كولانغان قۇدۇقتىن سۇ ئېلىپ، يۇرتداشلار بىلەن بىللە ئىچتى، ماڭىدىغان چاغدا يۇڭنىڭ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلارنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىك قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تاپىلىدى. باش شۇجىنىڭ يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشى نەتىجىسىدە، 2011 – يىلى چاغاندىن بۇرۇن، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ نەچچە ئايلىق تىرىشچانلىقىدا فتور، تۆمۈر، مانگان قاتارلىق ماددىلار ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن سۇنى ئۇزاق مەزگىل ئىستېمال قىلغان شۇ جايدىكى 100 مىڭدىن كۆپرەك كىشى ئاخىر بىخەتەر، ساپ ھەم پاكىز تۇرۇبا سۈيى ئىچىش شارائىتىغا ئىگە بولدى.
يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر جەمئىي 203 مىليارد 900 مىليون يۈەن نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مالىيە مەبلىغى ئاجراتتى، شەرقىي قىسىمدىكى ئۆلكە، شەھەرلەر غەربىي رايونغا 4 مىليارد 440 مىليون يۈەن ھەقسىز ياردەم قىلدى؛ تەبىئىي شارائىتى ئىنتايىن ناچار رايونلاردىكى 7 مىليوندىن كۆپرەك نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كۆچۈردى.
يېقىندا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ‹‹جۇڭگونىڭ يېزىلاردىكى نامراتلارنى يۆلەش – روناق تاپقۇزۇش تېزىسى<2011 – 2020>››نى ئېلان قىلىپ، قىيىنچىلىقى ئېغىر رايونلارنى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنىڭ كىيىنىش – تويۇنۇش مەسىلىسىنى مۇقىم ھەل قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تېزرەك بېيىتىشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، 2020 – يىلىغا بارغاندا، يۆلەش ئوبيېكتلىرىنى يېمەك – ئىچمەك، كىيىم – كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان قىلىپ، ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش ۋە تۇرالغۇسىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى