باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

ۋېن جياباۋ: ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى چىڭ ۋەزىپە، كۈچلۈك تەدبىر ۋە قاتتىق كۆرسەتكۈچ قىلايلى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-09-28 18:16

    خەلق گېزىتىنىڭ 27-سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-چېسلا گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتى سىن يىغىنى چاقىرىپ، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدىكى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇردى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىدىن تونۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنىڭ ئۇنىۋېرسال خىزمەت لايىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ زور ئىرادە بىلەن تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش بويىچە سوزۇلما ئۇرۇش ۋە قىيىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، بايلىق تېجەر، مۇھىت سۆيەر جەمئىيەت بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.

    يىغىنغا گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى لى كېچياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.

    ۋېن جياباۋ بەش تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: (1) كەسىپ قۇرۇلمىسىنى كۈچەپ تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېڭىچە سانائەتلىشىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش لازىم. (2) پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا تەرەققىياتى ئارقىلىق ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. (3) ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. (4) ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش لازىم. (5) نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

    ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىشنى ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى چىڭ ۋەزىپە، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى تەكشۈرۈپ باھالاشتىكى قاتتىق كۆرسەتكۈچ قىلىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

شاڭخەيدە يۈز بەرگەن مېترو ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى ئېلان قىلىندى، بۇ ھادىسە ئالاقىدار خادىملارنىڭ بەلگىلىمىنى قاتتىق ئىجرا قىلمىغانلىقتىن كېلىپ چىققان

قولتۇتۇشۇپ بېيىش يولىغا مېڭىش

ۋېن جياباۋ جۇڭگو–ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ تۇنجى يىغىنىغا قاتناشقان ھىندىستان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

ۋېن جياباۋ سۈي يۇڭلىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

‹‹ئاي پەرىسى–2››ناملىق سۈنئىي ھەمراھ1مىليون720مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالەم بوشلۇقىدىن ئىلمىي تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى

ۋېن جياباۋ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بىلەن كۆرۈشتى

جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

ئېلىمىز خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ مۇھىت بۇلغىشى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ

يېقىندا مەملىكىتىمىزدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 70ئادەم قازا قىلىپ، 32 ئادەم يوقاپ كەتتى

ج خ مىنىستىرلىقى يېتەكچى پىكىرنى تارقىتىپ مەس ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى

چەت ئەل تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ‹‹ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇشى›› ۋاقىتنى تەتۈر ساناش باسقۇچىغا كىردى

ئورتاق غايىدىن يېتىلگەن مىللىي روھ

ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ ‹‹ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتى›› كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە قايىل قىلىدۇ

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاشتىن ئېچىلغان داغدام يول

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى‹‹23–ئىيۇل ۋەقەسى››نى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ،گوۋۇيۈەن پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن–تۈزۈم تەشۋىق–تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ6–بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تارقاتتى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇشنى تەلەپ قىلدى

مەملىكىتىمىزدە ئاھالىلەرنىڭ‹‹مەخسۇس دوختۇر››تاللىيالىشىدىن ئۈمىد بار


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号