شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 26 – سېنتەبىر ‹‹خەلق سارىيى››دا جۇڭگو – ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ تۇنجى يىغىنىغا قاتناشقان ھىندىستان پىلان كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئالۇۋارىيە ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.
ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغاندا زۇڭلى سىنگ بىلەن جۇڭگو – ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد سۆھبىتى مېخانىزمى ئورنىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق، بۇنىڭدىكى مەقسەت يېڭى ۋەزىيەتتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق – ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىش ئىدى. تۇنجى يىغىندا جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى، ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسىتى ۋە مەبلەغ سېلىش، ئۇل مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى، يۇقىرى تېخنىكا، ئېنېرگىيە تېجەپ مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپلەر سىياسىتى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلىپ، پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق. ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بۇ سەھنىدە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋېن جياباۋ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دوستانە قوشنا دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن نۇرغۇن پۇرسەت ۋە خىرىسقا ئورتاق دۇچ كېلىۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ساقلاش ئىككى دۆلەت، ئاسىيا ۋە دۇنياغا نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، دوستانە ياخشى ئۆتۈش روھى بىلەن قاتلام، ساھەلەر بويىچە ئالاقە ۋە كېڭىشىشنى كۈچەيتىشى، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي ئېغىشماي مېڭىشى كېرەك.
ئالۇۋارىيە مۇنداق دېدى: ھىندىستان جۇڭگو بىلەن بىللە ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد سۆھبىتى سەھنىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆز ئارا ئالاقىلىشىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.