باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

ۋېن جياباۋ سۈي يۇڭلىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-09-28 16:34

      شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 26 – سېنتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 26 – سېنتەبىر خەلق سارىيىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىچكى كابىنېت زۇڭلىسى سۈي يۇڭلىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

    ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: مۇرەككەپ رايون ۋە خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو – چاۋشيەن پارتىيەلىرى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقلىرى ‹‹ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىش، قوشنىلار ئارا ئىناق ئۆتۈش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش›› روھى بويىچە، ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرماقتا. جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداپ، جۇڭگو – چاۋشيەن دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

    ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن خەلقى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پائال كۈچەپ، خۇشاللىنارلىق ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش جەھەتلەردىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، چاۋشيەننىڭ ئۆز ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى قوللاشنى ھەم چاۋشيەنگە قولىدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ‹‹ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، كارخانىنى ئاساس قىلىش، بازار ھەرىكىتى، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش›› پىرىنسىپىغا ئاساسەن، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى، بايلىق ئېچىش، بايلىقتىن پايدىلىنىش، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

    ۋېن جياباۋ چاۋشيەن يېرىم ئارىلى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئۇچرىشىش، سۆزلىشىشنى ساقلاپ، مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى تېزدىن قايتا باشلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچ – مۇقىملىقى ۋە شەرقىي شىمالىي ئاسىيانىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىگە پايدىلىق.

    سۈي يۇڭلىن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاۋشيەن – جۇڭگو يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۆزئارا زىيارىتى كۆپەيدى، ئىككى دۆلەت بىر – بىرىنى باشتىن – ئاخىر قوللاپ، ئۆزئارا ياردەم قىلدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، چاۋشيەن – جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ چوڭ تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈش چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ تەۋرەنمەس مەيدانى. چاۋشيەن جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد – سودا، ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو كارخانىچىلىرىنىڭ چاۋشيەنگە كېلىپ مەبلەغ سېلىپ ئىگىلىك تىكلىشىنى قارشى ئالىدۇ، چاۋشيەن ئۇلارنى قولاي شارائىت بىلەن تەمىنلەيدۇ. چاۋشيەن جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزلىرىگە قىلغان ياردىمى ۋە مەدىتىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى سۆھبەتلىشىش – كېڭىشىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى شەرتسىز قايتا باشلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقە، ھەمكارلىقنى ساقلاشنى خالايدۇ.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋېن جياباۋ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بىلەن كۆرۈشتى

جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

ئېلىمىز خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ مۇھىت بۇلغىشى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ

يېقىندا مەملىكىتىمىزدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 70ئادەم قازا قىلىپ، 32 ئادەم يوقاپ كەتتى

ج خ مىنىستىرلىقى يېتەكچى پىكىرنى تارقىتىپ مەس ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى

چەت ئەل تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ‹‹ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇشى›› ۋاقىتنى تەتۈر ساناش باسقۇچىغا كىردى

ئورتاق غايىدىن يېتىلگەن مىللىي روھ

ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ ‹‹ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتى›› كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە قايىل قىلىدۇ

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاشتىن ئېچىلغان داغدام يول

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى‹‹23–ئىيۇل ۋەقەسى››نى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ،گوۋۇيۈەن پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن–تۈزۈم تەشۋىق–تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ6–بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تارقاتتى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇشنى تەلەپ قىلدى

مەملىكىتىمىزدە ئاھالىلەرنىڭ‹‹مەخسۇس دوختۇر››تاللىيالىشىدىن ئۈمىد بار

دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 10مىڭ ياشنىڭ چوڭ تىپتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

18ئۆلكە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسى بىلەن ماسلاشتۇردى

ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى 290 مىليون ئادەم ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى

16ئۆلكىدىكى2مىليوندىن ئارتۇق كىشى قارا يامغۇر،كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号