باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

‹‹ئاي پەرىسى–2››ناملىق سۈنئىي ھەمراھ1مىليون720مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالەم بوشلۇقىدىن ئىلمىي تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-09-27 16:40

    مۇخبىرنىڭ يېقىندا دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتى ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ‹‹ئاي پەرىسى – 2›› ناملىق ئاي شارىنى تەكشۈرۈش سۈنئىي ھەمراھى 1 مىليون 720 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئالەم بوشلۇقىدىن تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يەتكۈزگەن. ھازىر ‹‹ئاي پەرىسى – 2›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئەھۋالى ياخشى، تۈرلۈك ئۇچۇش – كونترول ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلىشى نورمال ئىكەن.

    بۇ سانلىق مەلۇماتلار ‹‹ئاي پەرىسى – 2›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئاي شارىدىن لاگرانژې L2 نۇقتىسىغا ئۇچۇش جەريانىدا، قۇياش شامىلى ئىيونلۇق سېنزورى، قۇياش يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك ئىيونلۇق سېنزورى، γ (گامما) نۇرى سپېكترومېتىرى قاتارلىق ئۈچ خىل ئۈنۈملۈك يۈك ئېچىلغاندا ئېرىشىلگەن بوشلۇق مۇھىتىنى تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتلىرى. قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، يېقىندا مۇۋاپىق پەيتتە يەنە بىر قىسىم ئۈنۈملۈك يۈك ئېچىلىپ، ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ.

    ئىگىلىنىشىچە، ‹‹ئاي پەرىسى – 2›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھنىڭ L2 نۇقتىسىنى ئايلىنىپ كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇچۇشى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ قۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش پونكىتىنى بوشلۇق سىنىقى ۋە تەكشۈرۈش نىشانى بىلەن تەمىنلەپ، ئېلىمىزنىڭ يىراق ئارىلىقلىق ئۆلچەش – تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەيدىكەن.

    15 – سېنتەبىر سائەت 9دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ ‹‹ئاي پەرىسى – 2›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ سېكۇنتىغا 750 كىلوبىت سۈرئەتتە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۈچ خىل ئۈنۈملۈك يۈك توپلىغان سانلىق مەلۇماتنىڭ ھەممىسىنى يەر شارىغا يەتكۈزۈپ، ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىتتا جەمئىي يەتتە كىلومېگابىت سانلىق مەلۇمات يەتكۈزدى.

    25 – ئاۋغۇست سائەت 23تىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە، ‹‹ئاي پەرىسى – 2›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ 77 كۈن ئۇچۇش ئارقىلىق، دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئاي شارى ئوربىتىسىدىن چىقىپ، تىزگىنلەش ئارقىلىق لاگرانژې L2 نۇقتىسىنى ئايلىنىش ئوربىتىسىغا دەل كىردى. 20 – سېنتەبىرگىچە، ‹‹ئاي پەرىسى – 2›› ناملىق سۈنئىي ھەمراھ L2 نۇقتىسىنى 26 كۈن مۇقىم ئايلاندى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ۋېن جياباۋ جۇڭگو–ھىندىستان ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىساد سۆھبىتىنىڭ تۇنجى يىغىنىغا قاتناشقان ھىندىستان ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

ۋېن جياباۋ سۈي يۇڭلىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

ۋېن جياباۋ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بىلەن كۆرۈشتى

جيا چىڭلىن مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەت ئېكسكۇرسىيە ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشتى

ئېلىمىز خىمىيەۋى بۇيۇملارنىڭ مۇھىت بۇلغىشى بويىچە جاۋابكارلىقنى ئۆمۈرلۈك سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىدۇ

يېقىندا مەملىكىتىمىزدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 70ئادەم قازا قىلىپ، 32 ئادەم يوقاپ كەتتى

ج خ مىنىستىرلىقى يېتەكچى پىكىرنى تارقىتىپ مەس ھالدا ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەيدەش جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىشنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى

چەت ئەل تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ‹‹ئالەم بوشلۇقىغا ئۇچۇشى›› ۋاقىتنى تەتۈر ساناش باسقۇچىغا كىردى

ئورتاق غايىدىن يېتىلگەن مىللىي روھ

ۋېن جياباۋ زۇڭلىنىڭ ‹‹ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش ھېسسىياتى›› كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ ۋە قايىل قىلىدۇ

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاشتىن ئېچىلغان داغدام يول

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى‹‹23–ئىيۇل ۋەقەسى››نى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ،گوۋۇيۈەن پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن–تۈزۈم تەشۋىق–تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ6–بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تارقاتتى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇشنى تەلەپ قىلدى

مەملىكىتىمىزدە ئاھالىلەرنىڭ‹‹مەخسۇس دوختۇر››تاللىيالىشىدىن ئۈمىد بار

دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 10مىڭ ياشنىڭ چوڭ تىپتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

18ئۆلكە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسى بىلەن ماسلاشتۇردى

ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى 290 مىليون ئادەم ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىش ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号