زۇڭلى ۋېن جياباۋنىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ جاڭجياكۇ شەھىرىدە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى توغرىسىدا
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋ 26 – ئاۋغۇستتىن 28 – ئاۋغۇستقىچە خېبېي ئۆلكىسى جاڭجياكۇ شەھىرىنىڭ ۋەنچۈەن ناھىيەسى، جاڭبېي ناھىيەسى، كاڭباۋ ناھىيەسى، گۇيۈەن ناھىيەسىگە بېرىپ، ئېتىز – ئېرىق باشلىرىنى ئارىلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىر، ئامما بىلەن سۆھبەتلىشىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى، يېزىلارنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىشلىرىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
جاڭجياكۇ شەھىرى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك چوڭ شەھىرى، شۇنداقلا نامرات نوپۇس مەركەزلەشكەن رايون بولۇپ، بېيجىڭ، خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل تۇتاشقان يەرگە جايلاشقان، بېيجىڭغا 180 كىلومېتىر كېلىدۇ. ۋېن جياباۋ ئۇزاقتىن بۇيان بۇ يەرنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى ھەم بۇ يەردىكى يۇرتداشلارنى ھەر ۋاقىت ئەسلەپ تۇردى. زۇڭلى ۋېن جياباۋ ئىلگىرى بۇ جايغا ئىككى قېتىم كېلىپ، جاڭجياكۇدىكى ناھىيەلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. ئۇ بۇ قېتىم دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ۋە روناق تاپقۇزۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيە ھىسابلىنىدىغان تۆت ناھىيەنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلدى.
ۋېن جياباۋ 26 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن، ۋەنچۈەن ناھىيەسى شۈەنپىڭباۋ يېزىسىنىڭ خوجيافاڭ كەنتىگە كەلدى. بۇ كەنت بەرەڭگى تېرىشنى ئاساس قىلاتتى. ۋېن جياباۋ كەنت بېشىدىكى بەرەڭگى سېتىۋېلىش نۇقتىسىغا كېلىپ، باھا ۋە بازار ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ كەنت ئاھالىلىرىگە مۇنداق دېدى: ‹‹بەرەڭگىدىن كۆپ ھوسۇل ئالغىلى، ئاسان بېيىغىلى بولىدۇ. بۇ يەرنىڭ كىلىماتى ۋە تۇپرىقىمۇ بەرەڭگى تېرىشقا ماس كېلىدىكەن، شۇڭا بەرەڭگىنى ياخشى تېرىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ بايلىقىڭلار››، دېدى.
جاڭبېي ناھىيەسى ئىچكى موڭغۇل ئېگىزلىكىنىڭ جەنۇبىدىكى توغان ئۈستى رايونىغا جايلاشقان، تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن، قىروۋسىز مەزگىلى قىسقا. كەنت ئاھالىلىرى ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتىدىن پايدىلىنىپ پارنىكتا پەسىلسىز كۆكتاتلارنى تېرىدى. ۋېن جياباۋ 27 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن جاڭبېي بازىرىنىڭ ماليەنتەن كەنتىگە كەلدى. ۋېن جياباۋ پارنىك قۇرۇلۇشىنىڭ تەننەرخى، كۆكتاتنىڭ سېتىلىش يولى ۋە بازار باھاسىنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جاڭجياكۇ بېيجىڭنىڭ كۆكتاتلىقى، پەسىلسىز كۆكتات تەمىناتىدا ئاساسلىقى جاڭجياكۇغا تايىنىدۇ. جاڭجياكۇدا كۆكتاتتىن مول ھوسۇل ئېلىنسا، بېيجىڭ شەھىرىدىكى بازارلاردا كۆكتاتلارنىڭ تەمىنلىنىشى يېتەرلىك بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بازار ئېھتىياجىنى پۇختا ئىگىلەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانچىلىقنىڭ ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
كاڭباۋ ناھىيەسى ئىچكى موڭغۇلدىكى خۇنشەنداكې قۇملۇقىغا يېقىن يەرگە جايلاشقان بولۇپ، قاتتىق سوغۇق بولىدىغان، قۇرغاقچىلىق كۆپ كۆرۈلىدىغان، بوران كۆپ چىقىدىغان، قۇملىشىشى ئېغىر رايون، بۇ يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشىلاشنىڭ ئەھمىيىتى زور. 2000 – يىلىدىن بۇيان، كاڭباۋ ناھىيەسى بېيجىڭ – تيەنجىندىكى قۇم – بوراننى مەنبەدىن تۈزەش، تېرىقچىلىقتىن بوشىغان يەرلەرگە ئورمان ئەھيا قىلىش، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشنى يولغا قويدى، بۇنىڭ بىلەن يېغىن مىقدارى كۆپىيىپ، قۇم – بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈنەرلىك ئازايدى. ۋېن جياباۋ 27 – ئاۋغۇست چۈشتىن بۇرۇن جاڭجى بازىرىدىكى خېينيۇگۇ تېرىلغۇدىن ئورمانغا، ئوتلاققا قايتۇرۇش قۇرۇلۇشى رايونىغا كەلدى. ئۇ ئۇزۇن كەتكەن ئىھاتە ئورماننى بويلاپ خېلى ئۇزاق ماڭدى، ئىلگىرىكى قاقاس جايلارنىڭ ئوتلاققا ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توغان ئۈستىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى ياخشىلىنىپتۇ، بۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى، ساياھەتچىلىك بىلەن باشقا كەسپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دۆلەتنىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بۇ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.
چارۋىچىلىق جاڭجياكۇ شەھىرىنىڭ مۇھىم تايانچ كەسپى. ۋېن جياباۋ 27 – ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن گۇيۈەن ناھىيەسىگە جايلاشقان سەيبېي زامانىۋى چارۋىچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە مېڭنيۇ سەيبېي سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ چارۋىچىلىق مەيدانىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى، سۈت مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش ۋە سۈت مەھسۇتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى تەپسىلىي كۆرۈپ ئەھۋال ئىگىلىدى. ئۇ مېڭنيۇ سەيبېي سۈتچىلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى – خىزمەتچىلىرىگە مۇنداق دېدى: مېنىڭ بىر ئازۇيۇم بار، ئۇ بولسىمۇ 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسى بار دۆلەت جەزمەن ئۆزىنىڭ سۈت كالىسى نەسلىنى يېتىشتۈرۈپ، سۈپەتلىك كالا سۈتى ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشى، ئۆزىمىزنىڭ سۈت ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ماركىسىنى يارىتىشى، جۇڭگودا كەسىپ يۇقىرى پەللىسىگە يېتىپلا قالماي، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇزاق مۇددەت جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسەتمەي بولمايدۇ. سۈتچىلىك كارخانىلىرى، سۈتچىلىك كەسپى بىلەن شوغۇللىنىدىغان ئىشچى – خىزمەتچىلەر ۋە يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەيدىكەن، بۇ نىشانغا جەزمەن يېتەلەيدۇ. ئارقىدىن، زۇڭلى ۋېن جياباۋ گۇيۈەن ناھىيەسىنىڭ غەربىدىن 15 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئارمىيە – خەلق كەنتى ئوتلاقلىقىغا كېلىپ، دېھقانلار بىلەن بىللە ئوت ئوتاپ، ئوت – چۆپ تېرىش ۋە سېتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.
زۇڭلى ۋېن جياباۋ 27 – ئاۋغۇست كەچتە جاڭبېي ناھىيەسىدە يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. ۋېن جياباۋ مۇنداق دېدى: ئاشلىق بىلەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىنى ساقلاش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىقتىسادنىڭ سىلىق ھەم تېزرەك راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىل دۆلىتىمىزدە يازلىق ئاشلىق بىلەن چىلگە شالدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ئاشلىق تېرىش كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن كۆرۈنەرلىك ئاشتى، كۈزگى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق رايونلارنىڭ كۈن نۇرى، تېمپېراتۇرا، يېغىن قاتارلىق كىلىمات شارائىتى ئومۇمىي جەھەتتىن نورمال، كۈزگى زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈشى بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولدى. بۇ كۈزگى ئاشلىقنىڭ مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت ھازىرلىدى. ھازىر كۈزگى زىرائەت ئىشلەپچىقىرىشى دەل ھوسۇل شەكىللىنىشتىن ئىبارەت ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرۇۋاتىدۇ، كىلىمات شارائىتىدا يەنە نۇرغۇن مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى بار، قۇرغاقچىلىق، ئۈششۈك، قىروۋ، زىيانداش ھاشارات قاتارلىقلارنىڭ سىناقلىرىغا ئۇچرىشى مۇمكىن. شۇڭا يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، تېخنىكا يېتەكچىلىكىنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەش، ئېتىز – ئېرىقنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، بار ئاماللار بىلەن كۈزگى ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش كېرەك. چارۋىچىلىق رايونلىرى ئوتلاق ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ياردەم پۇلى بېرىش مۇكاپات مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چارۋىچىلىقنىڭ سىجىل، مۇقىم، ساغلام راۋاجلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئوبوروتىنى ياخشىلاپ، ئوبوروت تەننەرخى تۆۋەن، ئايلىنىش ئۈنۈمى يۇقىرى، بىخەتەر ھەم قولايلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ماركېتىڭ تورى قۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. نامراتلارنى يۆلەش ۋە روناق تاپقۇزۇشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، 2 – ، 3 – كەسىپلەرنى، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ھەر خىل يوللار بىلەن كۆپەيتىشى كېرەك.