مۇھىم مەزمۇنى: ياۋچىلار (توخرىلار) ئوتتۇرا ئاسىيا، جۈملىدىن غەربىي يۇرت تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان قەدىمكى مىللەت بولۇپ، ئۇلار مىلادىيىنىڭ باشلىرىدا مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال قىسمىدىكى چىليەنشەن تېغى ئېتەكلىرى بىلەن دۇنخۇاڭ ئارىلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ھۇنلارنىڭ ھۇجۇمى تۈپەيلىدىن، غەربكە كۆچكەن. مەزكۇر ماقالىدە، ئەنە شۇ ياۋچىلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈلىدۇ.
ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ياۋچىلار غەربكە كۆچۈش
خەنزۇچە تارىخ كىتابلىرىدا قەيت قىلىنغان ياۋچىلارنىڭ تارىخىي- جۇغراپىيىلىك جايلىشىشى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەت ئېلىپ بارغان رايونلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ياۋچىلار چىن، خەن سۇلالىلىرى دەۋرلىرىدە «تۈركىي تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەت ئۇيسۇنلار»① بىلەن بىللە ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى چىليەنشەن تېغى ئېتەكلىرى بىلەن دۇنخۇاڭ ئارىلىقىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، ياۋچىلار «كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، تىل ۋە ئادەت جەھەتتە ھۇنلارغا ئوخشايدىغان»② بىر قەبىلە ئىدى. كېيىن ئۇلار غەربكە كۆچۈش نەتىجىسىدە شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، غەربىي يۇرت مەدەنىيىتى، ھەتتا پۈتكۈل جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغانىدى.
تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەينى دەۋردە مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال رايونلىرىدا ھۇن، ياۋچى، ئۇيسۇن قاتارلىق كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر ياشايتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، دۇنخۇاڭ، چىليەنشەن تېغى ئەتراپلىرىدا ياشايدىغان ياۋچىلار ھۇنلار باش كۆتۈرۈپ چىقىشتىن ئاۋۋال ناھايىتى كۈچلۈك بىر قەبىلە بولۇپ، 600 مىڭدىن ئارتۇق نوپۇسقا ۋە 200 مىڭ كىشىلىكتىن ئارتۇق قوشۇنغا ئىگە ئىدى. شۇڭلاشقا، ئۇلار ئەتراپىدىكى قوشنىلىرى ـــ ھۇنلار بىلەن ئۇيسۇنلارغا دائىم ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئادەم ۋە مال- مۈلكىنى بۇلاپ كېلەتتى. ھۇنلار باتۇر تەڭرىقۇت دەۋرىگە كەلگەندە تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئەتراپتىكى كۆچمەن قەبىلە ۋە مىللەتلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، ھۇن ئىمپېرىيىسىنى قۇردى. ھۇن ئىمپېرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ياۋچىلارغا ئېغىر تەھدىت ئېلىپ كەلدى. باتۇر تەڭرىقۇت شەرقتىكى توڭغۇسلارنى ئۆزىگە قاراتقاندىن كېيىن، زور كۈچ بىلەن ياۋچىلارغا ھۇجۇم قىلدى. ھۇنلارنىڭ بۇنداق كېڭىيىشى مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئۆزگەرتىپ، ياۋچىلارنى غەربكە كۆچۈشكە مەجبۇر قىلدى.
ياۋچىلار ھۇنلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا دەۋران سۈرگىچە بولغان ئارىلىقتا، ئارقا- ئارقىدىن ئىككى قېتىم غەربكە كۆچۈپ، ئاسىيا خەلقلىرى تارىخىدا بىر قېتىملىق زور كۆچۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ياۋچىلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى توغرىلىق تۇنجى مەلۇمات بەرگەن كىشى سىما چيەن بولۇپ، ئۇ «تارىخىي خاتىرىلەر»نىڭ «ھۇنلار ھەققىدە قىسسە» دېگەن قىسمىدا: «كېيىنكى يىلى (ۋېندىنىڭ چيەنيۈەن 4- يىلى يەنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176- يىلى) باتۇر تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسى پادىشاھىغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ‹كىچىك بىر ئەمەلدارنىڭ ئەھدىنى بۇزغانلىقى ئارقىسىدا، ئوڭ تۇغ قاننى جازالاپ، ئۇنى غەربكە ياۋچىلار ئۈستىگە ئۇرۇشقا ئەۋەتتىم، تەڭرىنىڭ شاپائىتى بىلەن بىلەن سىپاھ- بەگلەرنىڭ خىل، ئاتلارنىڭ قاۋۇللۇقى ئارقىسىدا، ياۋچىلار تارمار قىلىندى، قىرىپ تاشلاندى، قالغانلىرى ئەسىر ئېلىندى. جۇرجان، ئۇيسۇن، ئوغۇز ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى 26 بەگلىك تىنچىتىلدى. ھەممىسى ھۇنلارغا تەۋە بولدى.»③ دەپ يازغان. دېمەك، سىما چيەننىڭ بۇ مەلۇماتىدىن، ھۇنلار بىلەن ياۋچىلار ئوتتۇرىسىدا بىر قېتىم قانلىق ئۇرۇشنىڭ بولغانلىقىنى بىلىۋېلىش مۇمكىن. ئەمما بۇ خاتىرىدە، ياۋچىلارنىڭ مۇشۇ قېتىمقى ئۇرۇش نەتىجىسىدە غەربكە كۆچكەنلىكى يورۇتۇپ بېرىلمىگەن. يەنە شۇ كىتابنىڭ «پەرغانە تەزكىرىسى» دە: «جاڭ چيەن خەنجۇڭلۇق، ئۇ خەن سۇلالىسى پادىشاھى ۋۇدىنىڭ چيەنيۈەن يىللىرى نۆكەر بېگى بولغانىدى. شۇ ۋاقىتلاردا، پادىشاھ ۋۇدى تەسلىم بولغان ھۇنلاردىن ئەھۋال ئىگىلىگەندە، ئۇلار: ‹ھۇنلار ياۋچى خانىنى مەغلۇب قىلىپ، ئۇنىڭ باش سۆڭىكىنى شاراب جامى قىلدى. ياۋچىلار بولسا، يىراقلارغا قېچىپ كەتتى›دېيىشتى»④، دەپ مەلۇمات بېرىلگەن. مانا بۇنىڭدىن، ياۋچىلارنىڭ ھۇنلار تەرىپىدىن مەغلۇب بولۇپ، ئۆز خاقانىنىڭ بېشى شاراب جامى قىلىنغان ئۇرۇشتىن كېيىنلا غەربكە كۆچكەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇ.
ياۋچىلارنىڭ غەربكە كۆچۈش يۆنىلىشىگە كەلسەك، قەدىمكى ۋەسىقىلەردە ئوخشاش بولمىغان مەلۇماتلار بار. «تارخىي خاتىرىلەر»دە: «ياۋچىلار ھۇنلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنىپ، يىراقلارغا كۆچۈپ پەرغانىدىن ئۆتۈپ، باكتېرىيىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى بويسۇندۇردى.»⑤ دېيىلگەن. بۇنىڭدا، ياۋچىلارنىڭ پەرغانىدىن ئۆتۈپ باكتېرىيىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان. ئەمما «خەننامە»دە خاتىرىلەنگىنى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ. «خەننامە. جاڭ چيەننىڭ تەرجىمىھالى»دا: «بۇ ۋاقىتتا ئۇلۇغ ياۋچىلار ھۇنلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان مەغلۇب قىلىنىپ، غەربتە ساكلارنىڭ خانىغا ھۇجۇم قىپتۇ، ساك خانى ئىلىنى ئېلىپ يىراق تامانغا ـــ جەنۇبقا كۆچۈپ كېتىپتۇ. ئۇلۇغ ياۋچىلار ساكلارنىڭ يەرلىرىنى ئىشغال قىپتۇ.»⑥ دېيىلگەن. «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى» دە: «ياۋچىلار غەربتە ساك خانلىقىنى تارمار قىلغاندىن كېيىن، بولۇر تاغلىرىدىن ئېشىپ، جەنۇبقا كۆچكەن ساكلارنىڭ يەرلىرىنى ئىگىلىدى. كېيىن ئۇيسۇن كۈنبېگى ئۇلۇغ ياۋچىلارنى يەڭدى. ياۋچىلار غەربكە كۆچۈپ باكتېرىيىنى بويسۇندۇردى.»⑦ دېيىلگەن. «خەننامە»نىڭ مۇئەللىپىى بۇ يەردە «پەرغانىدىن ئۆتۈپ» دېمەستىن، بەلكى «غەربتە باكتېرىيىگە ھۇجۇم قىلدى» دېگەننى «غەربتە ساكلارنىڭ خانىغا ھۇجۇم قىلدى» دەپ چۈشەندۈرگەن. بۇ خاتىرىلەردىن ياۋچىلارنىڭ ھۇنلارنىڭ زەربىسىدە غەربكە كۆچۈپ، دەسلەپتە ساكلارنىڭ يېرىگە كەلگەنلىكىنى، كېيىن بۇ يەردىمۇ ئۇيسۇنلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پەرغانىگە كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، باكتېرىيىنى ئىشغال قىلغانلىقىنى، يەنى ئۇدۇل غەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئىلى دەرياسى بويلىرىغا بېرىپ، ئاندىن جەنۇبقا (باكتېرىيىگە) كۆچۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. لېكىن بەزى ئالىملار يۇقىرىقى ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل خاتىرىگە ئاساسلىنىپ، ئوخشاش بولمىغان كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەسىلەن، ۋاڭ گوۋېي ئەپەندى: «ياۋچىلار ھۇنلار تەرىپىدىن مەغلۇب قىلىنغاندىن كېيىن، غەربىي جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ چىڭخەينىڭ سەيدام ئويمانلىقى ئارقىلىق، پىشامشان، چەرچەن ھەتتا تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىگىچە يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئون يىل تۇرۇپ قالغان، كېيىن پامىردىن ئۆتۈپ باكتېرىيىنى بويسۇندۇرغان.»⑧ دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى ماتېرىياللاردا، ياۋچىلارنىڭ ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم غەربكە كۆچكەنلىكى، يەنى ھۇنلار تەختىگە باتۇر تەڭرىقۇت چىققاندىن كېيىنكى دەسلەپكى دەۋردە بىر قېتىم كۆچكەنلىكى ۋە باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 176 ــ 177- يىللىرى قىلغان يەنە بىر قېتىملىق ھۇجۇمىنىڭ زەربىسىدە يەنە بىر قېتىم كۆچكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. ئېھتىمال، ۋاڭ گوۋېي ئەپەندى ئېيتقان يۆنىلىش ياۋچىلارنىڭ كېيىنكى قېتىملىق كۆچۈش سەپىرىدە بېسىپ ئۆتكەن يولى بولۇشى مۇمكىن. ۋاڭ گوۋېي ئەپەندى «گۈەنزى» ناملىق ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان «ياۋچى قاشتېشى» ھەققىدە توختالغاندا، بۇ ئەسەرنى خەن سۇلالىسى دەۋرىگە ئائىت دەپ قاراپ، «ئۇلۇغ ياۋچىلار خوتەن رايونىغىچە يېتىپ بارغان.»⑨ دەپ قارايدۇ. «يېڭى خەننامە. غەربىي چياڭلار ھەققىدە قىسسە» دىمۇ: «ياۋچىلارنىڭ خانى ھۇن تەڭرىقۇتى باتۇر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. خەلقى تارقىلىپ، غەربتىكى پامىردىن ئۆتۈپ كەتتى. ئاغرىق- سىلاق، قېرى- چۈرىلىرى جەنۇبتىكى تاغلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ چياڭلارغا بېقىندى ۋە ئاستا- ئاستا ئۆز ئارا نىكاھلاندى.»⑩ دېيىلىپ، بۇ خىل قاراش تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
دېمەك، ياۋچىلار ھۇنلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن خېشى كارىدورىدا ياشاۋېرىشكە نائىلاج قېلىپ، ئۇلارنىڭ بىر قىسمى شەرقىي جەنۇبقا سەپەر قىلىپ، چىڭخەي ئارقىلىق پىشامشان، چەرچەن ۋە تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىگىچە يېتىپ بارغان. يەنە بىر قىسمى بولسا غەربكە سەپەر قىلىپ ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇلار ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا كۆچۈپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەردە ئەزەلدىن ياشاپ كەلگەن ساكلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئىلى دەرياسى ۋادىسىنى تەنھا ئىگىلىۋالدى. ۋەھالەنكى، ياۋچىلار ئىلى ۋادىسىدا ئاران 10 نەچچە يىللا تۇرالىدى. مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 161- يىلى ئەتراپىدا، ئۇيسۇن خانى جايمىر ھۇن تەڭرىقۇتى رۇشات تەڭرىقۇت (باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئوغلى) بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ، ھۇنلارنىڭ كۈچىگە تايىنىپ (بۇ چاغدا، ھۇنلارنىڭ تەسىر كۈچى تەڭرىتاغنىڭ غەربىگىچە يېتىپ بارغانىدى) ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا كېلىپ، ئۇ يەردىكى ياۋچىلارنى ۋە قالدۇق ساكلارنى قوغلاپ چىقاردى. ئۇيسۇنلار بىلەن ھۇنلاردىن زەربە يېگەن ياۋچىلار ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىمۇ تاشلاپ كۆچۈشكە مەجبۇر بولدى. شۇنداق قىلىپ، ياۋچىلار بۇرۇن ئۆزلىرىدىن زەربە يەپ كۆچۈپ كەتكەن ساكلارنىڭ ئىزى بىلەن غەربىي جەنۇبقا قاراپ مېڭىپ، ھازىرقى ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمىدىكى جايلارغا سىلجىپ كىرىپ، ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى سوغدىلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. كېيىن ئۇلار ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ساكلارنى قوغلاپ چىقىرىپ، تەسىر كۈچىنى بەدەخشانغىچە كېڭەيتتى. غەربكە كۆچەلمەي قالغان ياۋچىلار بولسا ئاز ساندىكى ساكلار بىلەن ئۆز جايىدا ياشاپ، ئۇيسۇنلارغا ئەل بولدى.
يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، ياۋچىلارنىڭ غەربكە كۆچۈشى مەملىكىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مىللەتلەرنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى ۋە ئورۇنلىشىش ئەھۋالىنى بىۋاسىتە ئۆزگەرتىپ، غەربىي يۇرت تارىخىغا زور تەسىر كۆرسەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى ئۆز ئالدىغا يەككە- يېگانە ياشاپ كەلگەن مىللەتلەر ياكى رايونلار بىر- بىرى بىلەن يېقىنلاشتى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئالاقىسى بارغانسېرى قويۇقلاشتى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، غەربىي يۇرتتىكى مىللەتلەرنىڭ ئېتنوگرافىيىسى، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تۇرمۇشىدا زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك مەدەنىيىتىنىڭ غەربىي يۇرت ۋە تېخىمۇ يىراق جايلارغا تارقىلىشى، شۇنداقلا غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تارقىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى شارائىت يارىتىلدى.
ئىزاھلار:
① «بارتولد ئەسەرلىرى»نىڭ «يەتتىسۇ تارىخىنىڭ ئوچېرىكلىرى» دېگەن قىسمى، 2- توم، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 23- بېتىدە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.
② «خەننامە. غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»، «ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ 25 ـــ 26- بەتلىرىدە كەلتۈرۈلگەن نەقىل.
③④ سىما چيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر»، ئۇيغۇرچە نەشرى، 407-، 487- بەتلەر.
⑤ سىما چيەن: «تارىخىي خاتىرىلەر. پەرغانە تەزكىرىسى»، ئۇيغۇرچە نەشرى.
⑥ «خەننامە . جاڭ چيەن، لى گۇاڭلىنىڭ تەرجىمىھالى»، ئۇيغۇرچە نەشرى.
⑦ «خەننامە . غەربىي يۇرت تەزكىرىسى»، ئۇيغۇرچە نەشرى.
⑧⑨ ياڭ جيەنشىن: «جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىخى»، نىڭشيا خەلق
نەشرىياتى، 1988- يىل خەنزۇچە نەشرى، 75- بەت.
⑩ ليۇ گۇاڭخۇانىڭ «يەنە خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيسۇن ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىدە كەلتۈرۈلگەن نەقىل، «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» 1981- يىللىق 4- سان.
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ تەمىنات- سودا مەكتىپى
جاۋابكار مۇھەررىرى: مۇھەممەدجان مۆمىن