باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> تارىخ ۋە تەزكىرە

جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشى

ئاپتور:     ماخمۇت ئابدۇۋەلى يوللانغان ۋاقىت: 2011-08-24 11:51

    

 

    مۇھىم مەزمۇنى: 1945- يىلى قىشتا جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن شىنجاڭغا كېلىپ، ئۈچ ۋىلايەت رەھبەرلىرى بىلەن تىنچلىق بېتىمى تۈزۈش ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئۇنىڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بېتىمى ئىمزالىنىپ، شىنجاڭدا تىنچلىق ئورنىتىلدى. مەزكۇر ماقالىدە، جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتىلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭ شىنجاڭنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىشىدىكى كونكرېت سەۋەبلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ.

    ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ تىنچلىق بېتىمى

    1945- يىل 9- ئايدا، ئالتە يىل داۋام قىلغان دۇنيا ئۇرۇشى بىلەن سەككىز يىل داۋام قىلغان جۇڭگونىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ئاياغلاشتى. بۇنىڭ بىلەن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا تىنچلىق بەرپا قىلىش ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپكە قويۇلدى. 1944- يىلى نويابىردا باشلانغان ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى 1945- يىل 9- ئايغىچە بولغان بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئارقا- ئارقىدىن غەلىبىگە ئېرىشىپ، مىللىي ئارمىيە شىمالىي شىنجاڭنى گومىنداڭ ئاسارىتىدىن تولۇق ئازاد قىلىپ ماناس دەرياسىغىچە قىستاپ كەلدى. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنى قورال كۈچى بىلەن يوقىتىشقا كۆزى يەتمەي، تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش قارارىغا كەلدى. خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى ۋە بېسىمى تۈپەيلى، شۇ يىلى 9- ئايدا ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلدى. گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى، گومىنداڭ پارتىيىسى ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر، مەشھۇر دىپلومات جااڭ جىجۇڭنى سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ ئۈرۈمچىگە ئەۋەتتى. جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىشى ۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى، شۇ چاغدىكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ۋەزىيەت ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

    خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 1945- يىل 2- ئايدا سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا، ئەنگلىيىدىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قىرىم يېرىم ئارىلىدىكى يالتادا ئۇچرىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيانىڭ قايتا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مەخپىي مۇزاكىرە قىلدى. سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپ، جۇڭگوغا تەۋە تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ ھازىرقى «مۇستەقىل» ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا قاتنىشىشنىڭ شەرتى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغاندا، ئامېرىكا بۇنى قوللىدى①. دەرىجىدىن تاشقىرى ئۈچ دۆلەتنىڭ بېسىمى ئاستىدا، جياڭ جيېشى ئامالسىز سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدى. لېكىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئالماشتۇرۇشنىڭ بىرىنچى شەرتى سۈپىتىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ شىنجاڭ زېمىنىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي ھوقۇقىغا ھەمدە «شىنجاڭ توپىلىڭى» (ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى دېمەكچى)غا ئەمدى ھېچقانداق ياردەم بەرمەسلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىلا، بۇ تەلەپكە قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى②. شۇنداق قىلىپ يالتا يىغىنىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ سودىدا، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئارمىيىسىنىڭ داۋاملىق ئىلگىرىلىشى توسۇپ قېلىندى. ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن ماناس دەرياسىنى پاسىل قىلىپ، گومىنداڭ ئارمىيىسى بىلەن تىركىشىپ تۇردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى بۇ ئۆزگىرىش، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشىنى ھەم شۇ مۇناسىۋەت بىلەن جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭغا كېلىشىنى تېپىلغۇسىز شەرت- شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى.

    مەملىكەت مىقياسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە مەملىكەت ئىچىدىمۇ، گومىنداڭ پارتىيىسى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئوتتۇرىسىدا دۈشمەنلىشىش ھالەتلىرىنى تۈگىتىپ ئورتاق كېلىشىم ھاسىل قىلىش تەلەپلىرى كۈنسايىن كۈچەيدى. 1944- يىلى ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارى خۇرلى گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ دېموكراتىك بىرلىك سەپ قۇرۇشى ھەققىدە تەكلىپ بەردى③. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى بېسىمنىڭ تۈرتكىسىدە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى كومپارتىيە بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قوشۇلۇپ، جاڭ جىجۇڭنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ تاللىدى. جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى يىغىنلىرىدا، گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ھەققىدىكى تەكلىپ پىكىرلىرىنى كۆپ قېتىم ئوتتۇرىغا قويغاچقا بولغاچقا، جياڭ جيېشى ۋە گومىنداڭ پارتىيىسىگە سادىق ئەمەلدارلار ئىزچىل ھالدا ئۇنىڭغا گۇمانىي نۇقتىئىنەزەر بىلەن قاراپ كەلگەنىدى. ئەمما ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە مەنپەئەتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان خىسلىتى، گومىنداڭ پارتىيىسىنى ۋە كوممۇنىستىك پارتىيىنىمۇ قايىل قىلغانىدى. جاڭ جىجۇڭ باۋدىڭدىكى ھەربىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا سوۋېت ئىتتىپاقىغا قىزىقىپ، كومپارتىيە ئەزاسى چۇ چيۇبەيدىن رۇس تىلىنى ئۆگەنگەن④. 1924- يىلى جاڭ جىجۇڭ خۇاڭپۇ ھەربىي مەكتىپىدە كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان مەزگىللىرىدە، كوممۇنىستىك پارتىيىنى ياقىلايدىغان لېكسىيىلەرنى سۆزلىگەچكە، جياڭ جيېشى ۋە گومىنداڭ سولچىللىرى تەرىپىدىن «قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ كوماندىرى» دېگەن ئاتاق بىلەن ئاتالغان⑤. 1937- يىلى جاڭ جىجۇڭ خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ رەئىسى بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، كوممۇنىستىك پارتىيە بىلەن ئىزچىل زىچ مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەن. جاڭ جىجۇڭنىڭ كومپارتىيە بىلەن بولغان پەۋقۇلئاددە يېقىن مۇناسىۋىتى ھەمدە ئۇنىڭ كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنىڭ بىرلىشىپ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشنى ئىزچىل تەشەببۇس قىلىشى، ئۇنى كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتىدىكى مۇھىم شەخسكە ئايلاندۇرغان. جياڭ جيېشى گەرچە ئۇنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن كومپارتىيىگە يېقىنچىلىق قىلىش سىياسىتىدىن نارازى بولسىمۇ، ئەمما بۇ جىددىي مەسىلىدە ئۇنىڭ ھەل قىلغۇچ رولىنى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. شۇڭا، 1945- يىل 8- ئاينىڭ 31- كۈنى جياڭ جيېشى جاڭ جىجۇڭغا ناھايىتى كەسكىن قىلىپ: «شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى چوقۇم ئوڭشاش كېرەك، شىنجاڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئوخشىمايدۇ، رەئىس ۋە ھەر قايسى نازارەتلەرگە مۇئاۋىن ئورۇن تەسىس قىلىپ، مەركەز بىلەن يەرلىك تەڭ باشقۇرماق لازىم.»⑥ دېدى ھەم ئۇنىڭغا بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ دوكلات قىلىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇردى⑦. ئەمەلىيەتتە، جياڭ جيېشى جاڭ جىجۇڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىغا ماھىر بولۇشتەك قابىلىيىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىنى سۆھبەت ئۈستىلىگە ئەكىلىپ، بىر ياقتىن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، يەنە بىر ياقتىن ھەربىي ھازىرلىقلارنى كۈچەيتىش كويىدا ئىدى. بۇ، جياڭ جيېشىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنىڭ دەلىلى ئىدى. ياپونىيىنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشى ۋە كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭ ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ باشلىنىشى، جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭغا بېرىشىغا يول ھازىرلىدى.

    شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ھوقۇقى شېڭ شىسەينىڭ قولىدىن ۋۇ جۇڭشىنغا ئۆتۈپ ئەمدىلا بىر ئاي بولغاندا ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى پارتلاپ، قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە شىمالىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت گومىنداڭ قولىدىن تارتىۋېلىندى، ئىنقىلابچىلار تېز سۈرئەتتە يۈرۈش قىلىپ ماناس دەرياسىغا قىستاپ كېلىپ ئۈرۈمچىگە زور تەھدىت سالدى. ئۈرۈمچى قولدىن كەتسە، شىنجاڭدىكى گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە يىمىرىلىش خەۋپىنى تونۇپ يەتكەن 8- ئۇرۇش رايونىنىڭ قوماندانى جۇ شاۋلياڭ ۋە ھۆكۈمەت رەئىسى ۋۇ جۇڭشىن گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىگە ئارقا- ئارقىدىن تېلېگرامما يوللاپ، شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ جىددىي ئىكەنلىكى ۋە ئۇنى جىددىي ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. جياڭ جيېشى شىنجاڭدىكى قاتمال ۋەزىيەتتىن قاتتىق ئەنسىرەپ، ئامالسىزلىقتىن ئۆزىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشنى قارار قىلدى. جياڭ جيېشى ئىزچىل ھالدا ۋۇ جۇڭشىننىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسۇل بىلەن شىنجاڭنى باشقۇرۇش سىياسىتىنى قوللاپ كەلگەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئۇ شىنجاڭدا مىللىي مەسىلىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەچكە، شىنجاڭ مەسىلىسىنى قايتىدىن قاراپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى⑧. جياڭ جيېشى باشچىلىقىدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى چېگرا رايونلاردىكى مىللەتلەرنى ئوچۇق- ئاشكارا ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىدىغان دەۋرنىڭ ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى ۋە شىنجاڭغا ھاكىممۇتلەقلىق تۈزۈلمىنىڭ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىپ، شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىن دېموكراتىيە بېرىشنى قارار قىلدى. جياڭ جيېشىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشىگە، ئىچكى جەھەتتە ئىلى قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە زورىيىشى سەۋەب بولسا، تاشقى جەھەتتە «جۇڭگو- سوۋېت دوستلۇق، ھەمكارلىق شەرتنامىسى» تۈزۈلۈپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شىنجاڭ ئىشلىرىغا قول تىقماسلىققا ۋەدە بېرىشى سەۋەب بولغانىدى. چۈنكى ھەمكارلىق شەرتنامىسىنىڭ سوۋېت تەرەپ ۋەكىللىرى شىنجاڭ مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىپ، شىنجاڭدا دېموكراتىيىنى يولغا قويۇش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى ھەتتا ستالىنمۇ شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى سىياسىي ھوقۇقتىن بەھرىمەن قىلىش مەسىلىسىنى تىلغا ئالغانىدى⑨. دېمەك، ئىچكى- تاشقى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەسىرى ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشى تۈپەيلىدىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش مەقسىتىدە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا ياقىدىغان ۋە شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە سىياسىي جەھەتتىن دېموكراتىيە بېرەلەيدىغان ھەم دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغدىيالايدىغان ئەرباب ــــ جاڭ جىجۇڭنى شىنجاڭغا ئەۋەتىشنى لايىق كۆردى.

    گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يىراقنى كۆرەر، دۆلەت مەنپەئەتى ۋە دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى قوغداشقا بەل باغلىغان دىپلوماتى جاڭ جىجۇڭ 1945- يىل 9- ئاينىڭ 13- كۈنى ئايروپىلان بىلەن چۇڭچىڭدىن ئۈرۈمچىگە كەلدى. شۇ كۈنىلا 8- ئۇرۇش رايونىنىڭ كوماندىرى جۇ شاۋلياڭ ئۇنىڭغا شىنجاڭ ۋەزىيىتىدىن دوكلات بەردى. جاڭ جىجۇڭ ئەسلىمىسىدە: «مەن بىر تەرەپتىن، جۇ شاۋلياڭ ۋە لى تېجۈنلەرگە ئارمىيىنى رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈپ، ئۈرۈمچىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تاپىلىسام، يەنە بىر تەرەپتىن، تاشقى ئىشلار ئالاھىدە خادىمى ليۇ زېرۇڭغا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق كونسۇلى يېسىيېف بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ئىككى تەرەپنى كېلىشتۈرۈپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىمىزنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تاپىلىدىم. چۈنكى مەن ئەينى ۋاقىتتا شىنجاڭ مەسىلىسىنى قورال كۈچى بىلەن بىر تەرەپ قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ يەتكەنىدىم. شىنجاڭ مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەنلا ھەل قىلىش كېرەك ئىدى، سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلغاندا، ئوتتۇرىدا كېلىشتۈرگۈچى بولۇشى كېرەك، ئەڭ ياخشى كېلىشتۈرگۈچى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى.»⑩ دەپ يازغان. مانا بۇ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنىڭ بېسىلىشى ئىدى.

    شىنجاڭدىكى گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى ئىچىدە، ھەربىي قوماندان جۇ شاۋلياڭ بىلەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ۋۇ جۇڭشىنلار شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا قارشى ئېقىمدىكىلەر ئىدى، ئۇلار ئىزچىل ھالدا مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنى قانلىق باستۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتى. شۇڭلاشقا، جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئۈچ ۋىلايەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەرەددۇت قىلىۋاتقاندا، ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەئىسى ۋۇ جۇڭشىن ئاخىرقى قېتېم ئۆزىنىڭ ئىستېپانامىسىنى مەركىزىي ھۆكۈمەتكە يوللىدى. جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭغا كېلىپ ئىككىنچى كۈنى، سوۋېت كونسۇلى يېشىيېف بىلەن كۆرۈشۈپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكى ۋە توقۇنۇشنى پەسەيتىشنىڭ چارە- تەدبىرلىرى ئۈستىدە پىكىرلەشتى. ئارقىدىنلا گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرىدا كېلىشتۈرگۈچى بولۇشقا قوشۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى تاپشۇرۇۋالدى. 1945- يىل 10- ئاينىڭ 10-كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭگو كومپارتىيىسى ئوتتۇرىسىدا «ئۆكتەبىر كېلىشىمى» ئىمزالاندى، شۇ كۈنى جياڭ جيېشى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رادىئو نۇتقى سۆزلىدى. جياڭ جيېشى نۇتقىدا، شىنجاڭ مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا قوشۇلىدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈردى⑪. شۇنىڭ بىلەن 10- ئاينىڭ 17- كۈنى ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى تىنچلىق سۆھبىتى رەسمىي باشلاندى. تىنچلىق سۆھبىتى ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىپ، 1946- يىل 6- ئايدا ئاياغلاشتى. دەسلەپتە جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆھبەتكە قاتناشتى، 1946- يىل 3- ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى ھەمدە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىنى قوشۇمچە ئۆتەش توغرىسىدىكى بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالدى. 6- ئاينىڭ 6- كۈنى ئىككى تەرەپ تىنچلىق كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى. 6- ئاينىڭ 18- كۈنى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەزالىرى بېكىتىلگەندە، جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قوشۇمچە ئۆلكە رەئىسلىكىگە تەيىنلەندى.

    1945- يىل 9- ئايدا جاڭ جىجوڭ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىپ، تاكى 1947- يىل 5- ئايدا شىنجاڭدىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغۇچە بولغان ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، شىنجاڭدا تىنچلىق ئورنىتىلىپ، سىياسىي، مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىدا زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇ مەزگىلدە، پۈتۈن مەملىكەت ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتقان بولسىمۇ، ئەمما شىنجاڭ يەنىلا تىنچ ھالىتىنى ساقلاپ كەلدى. شۇڭا، ئەنگلىيە تارىخچىسى لىندا بېنسون خانىم ئۆزىنىڭ «ئىلى ئىنقىلابى» ناملىق ئەسىرىدە: «جاڭ جىجۇڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىككى يىلدا، شىنجاڭدا بۇرۇنقى 10 يىلدىكىدىنمۇ كۆپرەك ئىلگىرىلەش بولدى.»⑫ دەپ يەكۈن چىقارغانىدى. سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ياردىمى ۋە جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭدا يول قويغان دېموكراتىك سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق بېتىم ئىمزالىنىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلدى. بىرلەشمە ھۆكۈمەت جاڭ جىجۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا يەرلىك مىللەت كىشىلىرىنى كۆپلەپ قاتناشتۇردى، يەرلىكتىكى مەمۇرىي ئورگانلارنىڭ مەسئۇل خادىملىرى ئەركىن سايلام ئۇسۇلى بىلەن سايلاپ چىقىلدى، يەرلىكتىن ئېلىنىدىغان باج كېمەيتىلىپ، ئىلگىرى ئېلىنغان باجمۇ يەرلىككە قايتۇرۇلدى. ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا، خەنزۇ تىلى بىلەن يەرلىك تىل تەڭ قوللىنىلدى. مائارىپتا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىدا دەرس ئاڭلىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

    جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن ئايرىلىشى توغرىسىدا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. غەرب ماتېرىياللىرىدا: «جاڭ جىجۇڭ گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.»⑬ دېگەن قاراش ئىلگىرى سۈرۈلگەن. جاڭ جىجۇڭنىڭ ئەسلىمىسىدە، ئۇنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، مەسئۇدنى ئۆلكە رەئىسلىكىگە كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىنغان. 1947- يىل 5-ئاينىڭ 21- كۈنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ 2830- نومۇرلۇق ئاخباراتىدا ئېلان قىلىنغان ھۆكۈمەت پەرمانىدا: «جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇمچە رەئىسلىكىدىن، ليۇ مېڭچۈن باشقا مۇھىم ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى، قوشۇمچە باش كاتىپلىقىدىن قالدۇرۇلدى، مەسئۇد شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ۋە رەئىسلىكىگە، ئەيسا ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ قوشۇمچە باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەندى، بۇرھان نەنجىڭغا بېرىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيئەت ئەزالىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرىدۇ.»⑭ دېيىلگەن. گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئاخباراتىدا، جاڭ جىجۇڭنىڭ خىزمىتىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئەسكەرتىش بېرىلمەيدۇ. جاڭ جىجۇڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىمىسىدە: «مېنىڭ شىنجاڭغا بېرىشتىكى ۋەزىپەم، غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇدىرى، قوشۇمچە شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇش ئىدى ، مېنىڭ ئەسلىدە رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتىمەسلىك ئويۇم بار ئىدى. شۇڭا، مەن بۇ بۇيرۇق ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇنلا، جياڭ جيېشىغا شاۋ لىزى ئەپەندى بىلەن جياڭ جېڭگو ئەپەندىنىڭ ئىككىسىدىن بىرىنى تاللاش ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنىدىم، بىراق تەكلىپىم ئېتىبارغا ئېلىنمىدى، ئىلى تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىگە قارىغاندا، ئۇلارمۇ مېنىڭ بۇ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشۇمنى ئۈمىد قىلىدىكەن، شۇڭا مەن ئامالسىز بۇ قوشۇمچە ۋەزىپىنى قوبۇل قىلغانىدىم. رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەپ بىر يىلدىن كىيىن، مەن يەنىلا قەتئىي ھالدا بۇ ۋەزىپىدىن ئىستېپا بېرىش قارارىغا كەلدىم.»⑮ دەپ يازغان.

    جاڭ جىجۇڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسى بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي، يەرلىكتە سايلام ئارقىلىق يەرلىك ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى سايلاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. سايلامدا گومىنداڭچىلار بىلەن ئۈچ ۋىلايەتچىلەر ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كەسكىن كۆرەش بولىدۇ. ئىككىلا تەرەپ ئۆزلىرى ھىمايە قىلىدىغان كىشىلەرنى سايلاپ چىقىشقا ئۇرۇنىدۇ، بۇ خىلدىكى كۆرەش تۇرپان، قەشقەر رايونلىرىدا ئەڭ كەسكىن بولىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇم قەشقەرنىڭ ۋالىيلىقىغا سايلىنىدۇ. بۇ، قەشقەردىكى گومىنداڭ قوشۇنىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. نەتىجىدە، جاڭ جىجۇڭنىڭ ئارىغا چۈشۈشى بىلەن، بۇ ئىش پەسكويغا چۈشىدۇ. جاڭ جىجۇڭ ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە يول قويغان ئاساستا، ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ ۋالىيلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئوخشاشلا ئەخمەتجان قاتارلىقلارنىڭ نامزات كۆرسىتىشى بىلەن ئابدۇراخمان تۇرپانغا ھاكىملىققا تەيىنلەنگەندە، گومىنداڭ تەرەپ يەنە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ ھەم جاڭ جىجۇڭنىڭ ئۈچ ۋىلايەتكە يول قويغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈرىدۇ. ئۈرۈمچىدە «25- فېۋرال ۋەقەسى» يۈز بېرىشتىن بۇرۇن، خەلق ئاممىسىنىڭ تەلىپى ۋە ئەخمەتجان قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت ۋەكىللىرىنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن، خوتەننىڭ ۋالىيسى چى دىڭباڭ، يەكەننىڭ ۋالىيسى جۇ فاڭگاڭ قاتارلىقلار ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلىدۇ، بۇ ۋەقە بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى گومىنداڭچىلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. ئۇلار جاڭ جىجۇڭنىڭ سىياسىتىدىن گۇمانلىنىپ، ئۇنى ئۈچ ۋىلايەتكە ھەددىدىن زىيادە يول قويدى، دەپ ئەيىبلىشىدۇ.

    1947- يىل 4- ئايدا جاڭ جىجۇڭ، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بىر نەچچە خادىمى جەنۇبىي شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. جاڭ جىجۇڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قىلغان سەپىرى، ئۇنىڭغا مەسىلىنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. جاڭ جىجۇڭ خوتەندىن قەشقەرگە قايتىپ كېلىپ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 5-ئاينىڭ 7- كۈنى كەچتە 5- 6 مىڭ كىشى جاڭ جىجۇڭ تۇرۇۋاتقان ۋالىي مەھكىمىسىنى قورشىۋېلىپ پاراكەندىچىلىك تۇغدۇرىدۇ. توپلانغان ئامما توختىماي: «جاڭ جىجۇڭنى يوقىتايلى، جاڭ جىجۇڭنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرەيلى»⑯، دەپ شوئار توۋلىشىپ، جاڭ جىجۇڭنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئەتىسى جاڭ جىجۇڭ كۇچا بىلەن قاراشەھەرگە قىلىدىغان سەپىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزى يالغۇز ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىدۇ. جاڭ جىجۇڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قىلغان سەپىرى، ئۇنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتكەنىدى. ئۇ بۇ ھەقتە: «بۇ قېتىمقى زىيارەت داۋامىدا، ماڭا ئەڭ روشەن، ئەڭ گەۋدىلىك تەسىر قىلغىنى، مەيلى قايسى ۋىلايەت ۋە ناھىيىگە بارايلى، ھەممىلا يەردە تەرەققىيپەرۋەرلەر بىلەن كونىلىقنى ساقلاش تەرەپدارلىرى ئوتتۇرىسىدا كۆرەشنىڭ بارلىقىنى كۆردۈم. سۆھبەت يىغىنلىرىدىكى بەس- مۇنازىرىلەردە ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز چېكىگە يەتكەن بولۇپ، مۇنازىرە بەكمۇ كەسكىن ۋە جىددىي ئىدى... بۇ خىل چېكىگە يەتكەن كۆرەش داۋامىدا، مېنىڭ ئورنۇمنى ساقلاپ قېلىشىم قىيىن ئىدى، مېنىڭ سۆزلىرىم بەزىدە تەرەققىيپەرۋەرلەرنى نارازى قىلسا، بەزىدە يەنە كونىلىقنى ساقلاش تەرەپدارلىرىنى نارازى قىلىپ قويغانىدى.»⑰ دەپ يازغان. شۇ مەزگىلدىكى شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانى سۇڭ شىليەن بىلەن ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بۇرھان ئەپەندىمۇ، جاڭ جىجۇڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭغا قىلغان سەپىرىنىڭ، ئۇنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە بىۋاسىتە تۈرتكە بولغانلىقى ھەققىدە ئەسلىمە يازغان. بۇرھان ئەپەندى «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى» دېگەن ئەسىرىدە: «بۇ ۋەقە ئۇنىڭ ئىدىيىسىدە ناھايىتى زور تەسىر پەيدا قىلغان.... ئۇ زېرىككەن، ئۆزلىرى نېمە قىلسا قىلسۇن، دەپ قەتئىي چېكىنىپ چىقماقچى بولغان. مۆلچەرىمچە، جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش قارارىغا كېلىپ، جياڭ جيېشىغا 5- ئايدا تېلېگرامما يوللىشىغا، ئۇنىڭ بىر ئاز سانلىق مىللەت ئەربابىنى رەئىسلىككە تەيىنلەشنى بۇرۇنلا كۆڭلىگە پۈككەندىن باشقا، بۇ قېتىم قەشقەردە مۈشكۈل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەنلىكى ئاساسلىق سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.»⑱ دەپ يازغان.

    جاڭ جىجۇڭ ئۆزىنىڭ قوشۇمچە ئۆتەۋاتقان شىنجاڭ ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن نېمە ئۈچۈن ئىستېپا بەرمەكچى بولغانلىقىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ: «بىرىنچىدىن، مەن بىر خەنزۇ. خەنزۇلار ئۆلكە ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ ئاران %5 ىنىلا تەشكىل قىلىدۇ، شۇڭلاشقا شىنجاڭغا خەنزۇلاردىن رەئىس بولۇش مۇۋاپىق ئەمەس، بۇ ئۆز- ئۆزىنى ئىدارە قىلىش پرىنسىپىغا خىلاپ كېلىدۇ. ئىككىنچىدىن، مېنىڭ بۇ بىر يىللىق تەجرىبەم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى كۆرەشتە ، مەن ئىزچىل ھالدا زەربە بېرىش نىشانى بولۇپ قالدىم. بەزىدە تەرەققىيپەرۋەرلەر مېنى كونىلىق تەرەپدارلىرىغا يان باستى دەپ ئەيىبلەشتى، بەزىدە كونىلىق تەرەپدارلىرى تەرەققىيپەرۋەرلەرگە يان باستى دەپ ئەيىبلەشتى. بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ تەشەببۇسى ئوخشىمىغاچقا، ئۇلار ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمىدى. كونىلىق تەرەپدارلىرى دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلىدۇ، مەركىزى ھۆكۈمەتنى قوللايدۇ، مەن ئۇلارنىڭ بۇ تەرىپىنى قوللايمەن، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر، بۇ مېنىڭ تەشەببۇسۇم بىلەن قارىمۇ – قارشىدۇر. تەرەققىيپەرۋەرلەر بۇنىڭ ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا يېقىنچىلىق قىلىش تەرىپىنى مەن قوللايمەن، بىراق ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈك قارىشى مۇستەھكەم ئەمەس، بۇ مېنىڭ دۆلەتنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى ھىمايە قىلىش تەشەببۇسۇم بىلەن چىقىشالمايدۇ.... تەرەققىيپەرۋەرلەر كونىلىق تەرەپدارلىرىنى خەنزۇلارنىڭ غالچىسى دەپ تىللايدۇ، كونىلىق تەرەپدارلىرى بولسا قارشى تەرەپنى چەت ئەلنىڭ گۇماشتىسى دەپ تىللايدۇ. مېنىڭ بۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كېلىشتۈرۈش تىرىشچانلىقىم بىكارغا كەتتى، ئۇلارنى كېلىشتۈرۈش تولىمۇ تەسكە توختايدۇ..... ئۇنىڭدىن كۆرە ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بەرگىنىم تۈزۈك. ئۈچىنچىدىن، يەنە بىر سەۋەب شۇكى،... مەن ئىزچىل ھالدا گومىنداڭ بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ۋە دۆلەت ئىچىدىكى تىنچلىق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. مېنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن يېقىن ئۆتۈش سىياسىتىمنىڭ شىنجاڭدىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.... پۈتكۈل مەملىكەتتىكى مەسىلىلەر ھەل قىلىنماي تۇرۇپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىش ھەقىقەتەن قىيىن، شۇڭلاشقا مەن شىنجاڭدا ئۇزاق مەزگىل تۇرۇپ قالماسلىقىم كېرەك.... ئەگەر مەن رەئىسلىك ۋەزىپەمدىن ئىستېپا بېرىپ، غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇدىرلىقىدىن ئىبارەت بىرلا ۋەزىپىنى ئۆتىسەم، نەنجىڭ بىلەن غەربىي شىمال ئارىلىقىدا ئەركىن ھالدا بېرىپ كېلەلەيتىم.»⑲ دەپ يازغان.

    دېمەك، جاڭ جىجۇڭنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا سورىشى، ئۆزىنىڭ خاھىشى ۋە شىنجاڭدىكى مۇرەككەپ مەزھەپ توقۇنۇشى ھەم مەملىكەت ئىچىدىكى ئىككى پارتىيىنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە بولغان. گەرچە جاڭ جىجۇڭ شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يەنىلا غەربىي شىمال مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇدىرلىق سالاھىيىتى بىلەن داۋاملىق تۈردە شىنجاڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ تۇرغان. مەسئۇدنىڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىدىن قالدۇرۇلۇپ، بۇرھاننىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا رەئىس بولۇپ تەيىنلىنىشى ۋە سۇڭ شىليىەننىڭ شىنجاڭنىڭ ھەربىي ئىشلار قوماندانلىقىدىن قالدۇرۇلۇپ، تاۋ سىيۆنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا قوماندان بولۇپ تەيىنلىنىشى، جاڭ جىجۇڭنىڭ بىۋاسىتە كۆرسەتمىسى بويىچە بولغان بولۇپ، بۇ ئىككى زاتنىڭ شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقىنى ئۆز قوللىرىغا ئېلىشى، شىنجاڭنىڭ تىنچ ئۆزگەرتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان.

    ئىزاھلار:

    ①② لى شىڭ: «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ئەھۋالى»، 2006- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 377-، 378-، 379-، 380- بەتلەر.

    ③⑤ David D.Wang: “Under the Soviet Shadow the Yining Incident: Ethnic Conflicts and International Rivalry in Xinjiang 1944 - 1949”, The Chinese University of Hongkong Press,1999.52, 226, 227 page.

    ④⑩⑮⑲ جاڭ جىجۇڭ: «جاڭ جىجۇڭ ئەسلىمىسى»، 2- قىسىم، 1985- يىل خەنزۇچە نەشرى، 540-، 539-،419 -، 52- بەتلەر.

    ⑥⑧⑨ خۇاڭ جيەنخۇا: «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتى ئۈستىدە تەتقىقات»، 2003- يىل خەنزۇچە نەشرى، 129-، 125-، 127- بەتلەر.

    ⑦⑭⑲⑯⑰ «شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى»، 3- قىسىم، 1989-يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 893-، 896-، 872-، 913-، 800- بەتلەر.

    ⑪ جى داچۈن: «شىنجاڭنىڭ يېقىنقى دەۋر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر»، 2002- يىل خەنزۇچە نەشرى، 202- بەت.

    ⑫⑬ Linda Benson “The Ili Rebellion ,The Muslem Challenge To Chinese Authority In Xinjiang 1944 -1949 ”, London,1989 Press,118,163 page.

    ⑱ بۇرھان شەھىدى: «شىنجاڭنىڭ 50 يىلى»، 1986- يىل ئۇيغۇرچە نەشرى، 540- بەت.

    ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى تارىخ تەتقىقات ئورنى

    

    ماخمۇت ئابدۇۋەلى
  مەنبە: تەھرىر: دىلارە خەمىت

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاشتىن ئېچىلغان داغدام يول

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى‹‹23–ئىيۇل ۋەقەسى››نى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ،گوۋۇيۈەن پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن–تۈزۈم تەشۋىق–تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ6–بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تارقاتتى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇشنى تەلەپ قىلدى

مەملىكىتىمىزدە ئاھالىلەرنىڭ‹‹مەخسۇس دوختۇر››تاللىيالىشىدىن ئۈمىد بار

دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 10مىڭ ياشنىڭ چوڭ تىپتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

18ئۆلكە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسى بىلەن ماسلاشتۇردى

ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى 290 مىليون ئادەم ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى

16ئۆلكىدىكى2مىليوندىن ئارتۇق كىشى قارا يامغۇر،كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى

كاراچى ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئوتتۇرا ئاسىيادا بازار تاپتى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئېلىمىز‹‹چۆمۈچ يۇلتۇز››يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号