باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر تاشلاشتىن ئېچىلغان داغدام يول

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-07-30 15:05

    پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنىڭ تۇرغۇزۇلۇشى توغرىسىدا

    6 – ئايدىكى جەنۇبىي جۇڭگودا كۈن نۇرى زېمىننى كۆيدۈرەتتى، شېنجېندىكى يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ سۈرىتى قويۇلغان مەيدان گۈلگە پۈركەنگەن بولۇپ، گۈزەل مەنزىرە كىشىلەرنى ئالاھىدە جەلپ قىلاتتى.

    مەيداننىڭ بىر تەرىپىگە قويۇلغان غايەت زور سۈرەتتە ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ باش لايىھەلىگۈچىسى دېڭ شياۋپىڭ كۈلرەڭ جۇڭشەن فورمىسى كىيگەن بولۇپ، ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن يىراققا نەزەر سېلىۋاتقانىدى. سۈرەتنىڭ ئۈستىگە ‹‹پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە 100 يىلغىچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىمىز›› دېگەن خەتلەر يېزىلغانىدى.

    1 مىلياردتىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورنىغان بۇ سۆزنىڭ ۋەزنى خېلى ئېغىر بولۇپ، ئۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى توغرا يۆنىلىشتە دادىل ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.

    پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشى تېخىمۇچوڭقۇرلاشتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش ئېتىقادى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى.

    1987 – يىلى 10 – ئايدا پارتىيەنىڭ 13 – قۇرۇلتىيى ئېچىلدى. 13 – قۇرۇلتاينىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپىسى شۇكى، سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى توغرىسىدىكى نەزەرىيەنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنى تولۇق شەرھلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى يەنىمۇ راۋاجلاندۇرۇشنى نەزەرىيەۋى ئاساسقا ئىگە قىلدى.

    بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ‹‹بىر مەركەز، ئىككى ئاساسىي نۇقتا›› يادرولۇق مەزمۇن قىلىنغان پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي لۇشيەنىنى شەكىللەندۈردى.

    پارتىيەنىڭ 13 – قۇرۇلتىيىدا ‹‹ئۈچ قەدەم بويىچە مېڭىش›› ئىستراتېگىيەسىنى، يەنى 1 – قەدەمدە، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 1980 – يىلىدىكىدىن بىر قاتلاش، خەلقنىڭ كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش؛ 2 – قەدەمدە، 20 – ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا بارغاندا، مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى يەنە بىر قاتلاش، خەلق تۇرمۇشىنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش؛ 3 – قەدەمدە 21 – ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، ئوتتۇرىچە مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈش، خەلقنى خېلى باياشات تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    يولداش دېڭ شياۋپىڭ: ‹‹سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرمىغان، ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشنى يولغا قويمىغان، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرمىغان، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىمىغاندا ئۆلۈمدىن باشقا يول يوق›› دېگەنىدى.

    ھەقىقەت ھەمىشە نۇرغۇن سىناقلاردا تاۋلانغاندىن كېيىن مەيدانغا كېلىدۇ. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى بىلەن پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى خەلق قەلبىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، پۈتۈن پارتىيە ۋە مەملىكەت خەلقىنىڭ ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

    پارتىيەنىڭ 14 – قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇش نەزەرىيەسى بىلەن پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى پارتىيە نىزامنامىسىغا كىرگۈزۈلدى؛ پارتىيەنىڭ 15 – قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى نەزەرىيە يەنىمۇ روشەن شەرھلىنىپ، پارتىيەمىزنىڭ سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدىكى ئاساسىي پىروگراممىسى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پارتىيەنىڭ 16 – قۇرۇلتىيىدا پۈتۈن پارتىيەنىڭ دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى ۋە پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ئارقىلىق ئىدىيەدە، ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىشى ھەم ئۇنىڭدا ئۇزاققىچە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ پارتىيەنىڭ 17 – قۇرۇلتىيىدا پارتىيە نىزامنامىسىنىڭ ئومۇمىي پىروگراممىسىدىكى پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى توغرىسىدىكى باياننىڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى ‹‹دۆلىتىمىزنى باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى›› دەپ ئۆزگەرتىلىپ، پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى توغرىسىدىكى بايانى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

    پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ جان تومۇرى. ئىلمىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ سىياسىي كاپالىتى. ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان 30 يىلدىن بۇيانقى تارىخىي تەجرىبىلەر شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيا ۋە ھازىرقى زامان جۇڭگودىكى چوڭقۇر ئىسلاھات داۋامىدا تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلالايمىز.

    پارتىيەمىزنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات – ئېچىۋېتىش ۋە تۈرلۈك ئىشلاردا غايەت زور يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. ئەمەلىيەت ئاساسىي لۇشيەننىڭ ئىلمىيلىكىنى ئىسپاتلاپلا قالماي، بىزنى ناھايىتى مۇھىم ۋە قىممەتلىك تەجرىبىگە ئىگە قىلدى. يەنى، پارتىيەنىڭ ئاساسىي لۇشيەنىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىجرا قىلغاندىلا، ئاندىن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى توغرا يۆنىلىشتە غەلىبەسىرى ئىلگىرىلىتەلەيمىز.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى‹‹23–ئىيۇل ۋەقەسى››نى تەكشۈرۈشكە قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتتى

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ،گوۋۇيۈەن پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن–تۈزۈم تەشۋىق–تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ6–بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تارقاتتى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇشنى تەلەپ قىلدى

مەملىكىتىمىزدە ئاھالىلەرنىڭ‹‹مەخسۇس دوختۇر››تاللىيالىشىدىن ئۈمىد بار

دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 10مىڭ ياشنىڭ چوڭ تىپتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

18ئۆلكە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسى بىلەن ماسلاشتۇردى

ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى 290 مىليون ئادەم ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى

16ئۆلكىدىكى2مىليوندىن ئارتۇق كىشى قارا يامغۇر،كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى

كاراچى ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئوتتۇرا ئاسىيادا بازار تاپتى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئېلىمىز‹‹چۆمۈچ يۇلتۇز››يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا‹‹مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ<12–بەش يىل>لىق تەرەققىيات پىروگراممىسى››مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号