شىنخۇا ئاگېنىتلىقى، بېيجىڭ، 27 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالاقىدار بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى 27 – ئىيۇل گوۋۇيۈەننىڭ 23 – ئىيۇل نىڭبو – ۋېنجۇ لىنىيەسىدە يۈز بەرگەن پەۋقۇلئاددە ئېغىر تۆمۈريول قاتناش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ۋېنجۇغا ۋەقەنى تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتنىشىشقا ئادەم ئەۋەتكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.