باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ،گوۋۇيۈەن پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن–تۈزۈم تەشۋىق–تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ6–بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تارقاتتى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-07-30 14:47

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا ‹‹مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پۇقرالار ئارىسىدا قانۇن – تۈزۈم تەشۋىق – تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ 6 – بەش يىللىق يىرىك پىلانى››نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

    ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر قانۇن – تۈزۈم تەشۋىق – تەربىيەسىنى ھازىرقى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا، پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتنىڭ نىشانلىق باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، پارتكوم رەھبەرلىك قىلىدىغان، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومېتىتى نازارەتچىلىك قىلىدىغان، ھۆكۈمەت يولغا قويىدىغان رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، 6 – بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىنىڭ نىشان، ۋەزىپىلىرىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا بويسۇنۇش، قانۇننى تەتبىقلاشتا باشلامچى بولۇپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەش ئىدىيەسى ۋە ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشى كېرەك؛ مەمۇرلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا ئائىت مەخسۇس قانۇن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسىلىلەرنى قانۇن ۋاسىتىسى بىلەن ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە بولغان قانۇن – تۈزۈم تەشۋىق – تەربىيەسىنى قاراتمىلىق قانات يايدۇرۇپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە، قانۇن – ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. قانۇن – تۈزۈم تەشۋىق – تەربىيەسى بىلەن قانۇن ئىدارە قىلىش ئەمەلىيىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىش بويىچە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. قانۇن – تۈزۈم تەشۋىق – تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، قانۇن ئىدارە قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، سوتسىيالىستىك قانۇن ئىدارە قىلىش مەدەنىيىتىنى يېتىلدۈرۈپ، قانۇننى ئاڭلىق ئۆگىنىدىغان، قانۇنغا ئاڭلىق بويسۇنىدىغان، قانۇننى ئاڭلىق تەدبىقلايدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنى قانۇن ئىدارە قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنى ھەم ياخشى، ھەم تېز راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ياخشى قانۇن ئىدارە قىلىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزدە ئاھالىلەرنىڭ‹‹مەخسۇس دوختۇر››تاللىيالىشىدىن ئۈمىد بار

دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 10مىڭ ياشنىڭ چوڭ تىپتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

18ئۆلكە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسى بىلەن ماسلاشتۇردى

ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى 290 مىليون ئادەم ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى

16ئۆلكىدىكى2مىليوندىن ئارتۇق كىشى قارا يامغۇر،كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى

كاراچى ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئوتتۇرا ئاسىيادا بازار تاپتى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئېلىمىز‹‹چۆمۈچ يۇلتۇز››يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا‹‹مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ<12–بەش يىل>لىق تەرەققىيات پىروگراممىسى››مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى

ئەھدىمىزگە پارتىيە بايرىقى گۇۋاھ

جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئۆزئارا ياردەملىشىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدىغان ئېرىشىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇردى ؟

ئېلىمىز ‹‹مېرىدىيان قۇرۇلۇشى››دىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号