باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> سۆرەتلىك خەۋەر

شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى تەقدىرلەندى

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-07-30 14:45

 

    تەڭرىتاغ رايونى خەلق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىرى ۋە تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى ماھىرلار بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

    ئۆز مۇخبىرىمىز ئالىمجان ئابدۇراخمان خەۋىرى ، فوتوسى : 28-ئىيۇل ، شەندۇڭ ۋېيفاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو ۋېيفاڭ ‹‹ئۈمىد لوڭقىسى›› خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ، U13 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەقدىرلەندى .


نەق مەيدان كۆرۈنۈشى

    28-ئىيۇل چۈشتە ، تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازارنىڭ زىياپەتلىك تىياتىرخانىسىدا زىياپەت ئۆتكۈزۇپ ، شەندۇڭ ۋېيفاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ‹‹ئۈمىد لوڭقىسى›› خەلقئارا ياش - ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىدە شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى ۋە 20 مىڭ يۈەن پۇل بىلەن تەقدىرلىدى .

 
   مەكتەپ مۇدىرى جېلىل غوپۇر سۆز قىلماقتا

    زىياپەتتە 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇدىرى جېلىل غوپۇر بۇ قېتىمقى مۇسابىقە توغرۇلۇق دوكلات بېرىپ مۇنداق دېدى : 17-ئىيۇلدىن 23-ئىيۇلغىچە ، مەكتىپىمىزنىڭ پۇتبول كوماندىسى شەندۇڭ ۋېيفاڭدا ‹‹ئۈمىد لوڭقىسى›› خەلقئارا ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇق ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ۋە كىچىك ماھىرلارنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۇق ، بۇ مەكتىپىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ بىر شەرەپ بولدى ، بىزنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى تىرىشچانلىقىمىزنىڭ ياخشى نەتىجىسى بولدى . لېكىن بۇ نەتىجىمىز ئاسانغا كەلمىدى ، كىچىك ماھىرلىرىمىز ۋېيفاڭغا بارغاندىن كېيىن ئۇ يەرنىڭ تاماقى ۋە ھاۋاسىغا كۆنەلمىدى ، ئىككى نەپەر ماھىرىمىز ئاغرىپ قالدى ، شۇنداقتىمۇ ، كىچىك ماھىرلىرىمىز شىنجاڭدىكى ھەرمىللەر ياش–ئۆسمۈرلىرىنىڭ جەڭگىۋار ۋە جاپادىن قورقمايدىغان روھىنى نامايان قىلىپ ، يەتتە مەيدان مۇسابىنىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇپ ، جەمئىي 26 توپ كىرگۈزۈپ U13 ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدا چېمپىيون بولدى . بۇنىڭدىن باشقا بىز يەنە ئەخلاق جەھەتتىمۇ بالىلىرىمىزغا قاتتىق تەلەپ قويدۇق ، ماھىرلار مەيداندىن ئايرىلغاندا ، ئۆزلىرى ئىچكەن سۇ قۇتىسى ۋە يېمەكلىكلەرنىڭ ئەخلەتلىرىنى تېرىپ ئېلىپ كەتتى ، ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى مۇسابىقىگە قاتناشقان باشقا كوماندا ئەزالىرىنىڭ ماختىشىغا ۋە ئۆرنەك قىلىشىغا ئېرىشتى . بالىلىرىمىزنىڭ بۇ ئىپادىسى بىزنى سۆيۈندۈردى ، ئىشىنىمەن ، بۇ يەردىكى ھەممەيلەن بۇ كىچىك قەھرىمانلاردىن سۆيۈنۈپ ، ئۇلاردىن پەخىرلەنمەكتە . مەكتىپىمىز تارىختىن بۇيان ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىزمىتىنى تىرىشىپ ياخشى ئىشلەش بىلەن بىرگە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ روھى ۋە جىسمانىي تەربىيەسىنىمۇ ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ كەلدۇق . ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە ، سەنئەت جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردۇق . مەكتىپىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىكى ئىشلىرىنى تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى كۈچلۈك قوللاپ ، قۇۋۋەتلەپ كەلدى . بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ مۇشۇنداق ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ مۇھىم ئاساسى . مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن ، تەڭرىتاغ رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ۋە تەڭرىتاغ رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسىگە چوڭقۇر رەخمىتىمنى بىلدۈرىمەن ، رەخمەت سىلەرگە ، ئەگەر سىلەر كۈچلۈك قۇۋۋەتلىشىڭلار بولمىغان بولسا بىزنىڭمۇ بۇنداق نەتىجىلىرىمىز بولمايتتى . بۇنىڭدىن كېيىن بىز ھەر قايسى جەۋەتلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلەپ ، تېخىمۇ ياخشى نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىمىز .

  
  تەڭرىتاغ رايونىنىڭ باشلىقى ئەيساجان مۇھەممەت 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جىلىل غوپۇرغا 20 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات پۇلىنى چېكىنى بەرمەكتە

    تەڭرىتاغ رايونىنىڭ باشلىقى ئەيساجان مۇھەممەت 5-باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىدىكى ئۇقۇتقۇچى–ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇندىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە 20 مىڭ يۈەنلىق مۇكاپات پۇل چېكىنى مەكتەپ مۇدىرى جىلىل غوپۇرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

    
شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن كېرەم 5-باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مەكتەپ مۇدىرى جىلىل غوپۇرغا 50 مىڭ يۈەنلىك مۇكاپات پۇلىنى چېكىنى بەرمەكتە

    چۈشتىن كېيىن ، شىنجاڭ ۋاقتى 2:00 دە ، شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇنۇن كېرەم قاتارلىق تەنتەربىيە ئىدارىسى رەھبەرلىرى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپكە كېلىپ ، مەكتەپ پۇتبول كوماندىسىنىڭ ياخشى نەتىجە بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكىنى مۇبارەكلىدى ۋە شىنجاڭ تەنتەربىيە ئىدارىسىدىن بەرگەن 50 مىڭ يۈەن مۇكاپات پۇلىنىڭ چېكىنى مەكتەپ مۇدىرى جىلىل غوپۇرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەردى . بۇنىدىن باشقا يەنە ، 200 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى قەپەز شەكىللىك پۇتبول مەيدانى تەقدىم قىلدى .

  مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

مەملىكىتىمىزدە ئاھالىلەرنىڭ‹‹مەخسۇس دوختۇر››تاللىيالىشىدىن ئۈمىد بار

دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 10مىڭ ياشنىڭ چوڭ تىپتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

18ئۆلكە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسى بىلەن ماسلاشتۇردى

ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى 290 مىليون ئادەم ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى

16ئۆلكىدىكى2مىليوندىن ئارتۇق كىشى قارا يامغۇر،كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى

كاراچى ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئوتتۇرا ئاسىيادا بازار تاپتى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئېلىمىز‹‹چۆمۈچ يۇلتۇز››يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا‹‹مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ<12–بەش يىل>لىق تەرەققىيات پىروگراممىسى››مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى

ئەھدىمىزگە پارتىيە بايرىقى گۇۋاھ

جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئۆزئارا ياردەملىشىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدىغان ئېرىشىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇردى ؟

ئېلىمىز ‹‹مېرىدىيان قۇرۇلۇشى››دىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号