شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 23 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى 23 – ئىيۇل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن مۇھىم كۆرسەتمىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش ۋە قەتئىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ كۈچلۈك ھەم توغرا رەھبەرلىكى، جايلار ۋە تارماقلارنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن، مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىدە سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشتەك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. لېكىن 7 – ئاي كىرگەندىن كېيىن، ئۇدا نەچچە قېتىم پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈز بەردى، بولۇپمۇ 22 – ئىيۇل بېيجىڭ – جۇخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولىنىڭ خېنەن ئۆلكىسىدىكى شېنياڭ شەھىرى تەۋەسىدە، نورمىدىن زىيادە ئارتۇق يولۇچى سالغان ئۇزۇن يوللۇق بىر كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسقا ئوت كېتىپ، 41 كىشى قازا قىلىپ، ئالتە كىشى يارىلىنىپ جەمئىيەتتە ناچار تەسىر پەيدا قىلدى.
مەركەزدىكى رەھبىرىي يولداشلار بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مۇھىم كۆرسەتمە بەردى ھەم يېقىنقى مەزگىلدە ئىشلەپچىقىرىش، قاتناش، قۇرۇلۇش قاتارلىق ساھەلەردە ۋەقە كۆپ يۈز بەردى دەپ كۆرسىتىپ، جايلار ۋە تارماقلاردىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئېلىش ۋە قەتئىي توسۇشنى تەلەپ قىلدى.