باش بەت   خەۋەر مەركىزى   ئاكادېمىيە ھەققىدە  بېكەت ھەققىدە ئالاقىلىشىڭ
باش بەت >> مەملىكەت

مەملىكىتىمىزدە ئاھالىلەرنىڭ‹‹مەخسۇس دوختۇر››تاللىيالىشىدىن ئۈمىد بار

ئاپتور: يوللانغان ۋاقىت: 2011-07-15 12:03

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. جۇڭگو ھۆكۈمەت تورىنىڭ 7 – ئىيۇل ئېلان قىلغان ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلۇق تۈزۈمى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى››گە ئاساسلانغاندا، 2020 – يىلى دۆلىتىمىزدە ئۇنىۋېرسال دوختۇرلۇق تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، شەھەر، يېزىلاردىكى ھەر 10 مىڭ ئاھالىگە ئاساسەن ئىككىدىن ئۈچكىچە لاياقەتلىك ئۇنىۋېرسال دوختۇر توغرا كەلتۈرۈلۈپ، خەلقنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش، سەھىيە مۇلازىمەت ئېھتىياجىغا ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇلىدىكەن.

    ‹‹يېتەكچى پىكىر››دە، ئۇنىۋېرسال دوختۇر بىلەن ئاھالىلەرنىڭ توختاملىق مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى. ئاساسىي قاتلامدىكى داۋالاش، سەھىيە ئاپپاراتلىرى ياكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئاھالىلەر بىلەن بەلگىلىك مۇددەتلىك مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالاپ، نىسبەتەن مۇقىم توختام مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، مۇلازىمەت مەسئۇلىيىتى ئۇنىۋېرسال دوختۇرغا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئۆز ناھىيە (شەھەر، رايون) سىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە بېكىتىلگەن مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئىچىدىن ئۆز ئالدىغا تاللاپ توختام تۈزسە، توختام مۇددىتى توشقاندىن كېيىن توختامنى داۋاملىق ئۇزارتسا ياكى باشقا دوختۇر تاللاپ توختام تۈزسە بولىدۇ.

    ‹‹يېتەكچى پىكىر››دە مۇنداق دېيىلدى: ئۇنىۋېرسال دوختۇرلۇق تۈزۈمىنىڭ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ھەر بىر ئۇنىۋېرسال دوختۇرنىڭ توختاملىق مۇلازىمەت نىشانى 2000 كىشى ئەتراپىدا تىزگىنلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ياشانغانلار، ئاستا خاراكتېرلىك كېسىلى بارلار، مېيىپ قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر بەلگىلىك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ.

    ئۇنىۋېرسال دوختۇر ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى تېببىي ئىختىساسلىقلار ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار، ئاساسلىقى ئاساسىي قاتلامدا ئالدىنى ئېلىش – ساقلىقنى ساقلاش، كۆپ ھەم دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللەرنى داۋالاش ۋە باشقا دوختۇرخانىغا يۆتكەپ بېرىش، ئاغرىقلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسىلى بار ئاغرىقلارنى باشقۇرۇش، ساغلاملىقنى باشقۇرۇش بىر گەۋدە قىلىنغان مۇلازىمەتلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئاھالىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ‹‹قوغدىغۇچىلار›› دەپ تەرىپلەنمەكتە. ‹‹يېتەكچى پىكىر››دە: ئۇنىۋېرسال دوختۇرلۇق تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلارنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش، ئالدىنى ئېلىش ئاساسىي فاڭجېنىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا پايدىلىق، دەپ كۆرسىتىلدى.

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئىيۇل تېلېگراممىسى. 7 – ئىيۇل ئېلان قىلىنغان ‹‹گوۋۇيۈەننىڭ ئۇنىۋېرسال دوختۇرلۇق تۈزۈمى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى››دە مۇنداق دېيىلدى: ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار بىلەن ئاھالىلەرنىڭ توختاملىق مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىشىنى يولغا قويۇش كېرەك. بۇ، دۆلىتىمىز ئاھالىلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ‹‹مەخسۇس ئۇنىۋېرسال دوختۇرى›› بولىدىغانلىقىدىن ھەم ‹‹ساغلاملىق قوغدىغۇچىلىرى››نى ئۆز ئالدىغا تاللىيالايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

    يېتەكچى پىكىردە مۇنداق دېيىلدى: ئاساسىي قاتلام سەھىيە ئاپپاراتلىرى ياكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئاھالىلەر بىلەن بەلگىلىك مۇددەتلىك مۇلازىمەت كېلىشىمى ئىمزالاپ، نىسبەتەن مۇقىم توختاملىق مۇلازىمەت مۇناسىۋىتى ئورنىتىدۇ، مۇلازىمەت مەسئۇلىيىتى ئۇنىۋېرسال دوختۇرغا ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. سۇغۇرتىلانغۇچىلار ئۆز ناھىيە (شەھەر، رايون)سىدىكى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە بېكىتىلگەن مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار ئىچىدىن ئۆز ئالدىغا تاللاپ توختام تۈزسە، مۇددەت توشقاندىن كېيىن توختامنى ئۇزارتسا ياكى باشقا دوختۇر تاللاپ توختام تۈزسە بولىدۇ. سەھىيە مەمۇرىي ئورۇنلىرى ۋە داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى بېجىرىش ئاپپاراتلىرى سۇغۇرتىلانغۇچىلارنىڭ تاللىشىغا ئاساسەن، بېكىتىلگەن مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى دوختۇرلار بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار بىلەن ئاھالىلەرنىڭ مۇلازىمەت كېلىشىمىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر: ئەكبەر ئابلىكىم

سۆرەتلىك خەۋەرلەر
قىزىق نوقتا خەۋەرلىرى

دېڭىز بوغۇزىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى 10مىڭ ياشنىڭ چوڭ تىپتىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇش باش تېمىسىدىكى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

18ئۆلكە ئىجتىمائىي كاپالەت ئۆلچىمىنى مال باھاسى بىلەن ماسلاشتۇردى

ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، مەملىكىتىمىزدىكى 290 مىليون ئادەم ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قالايمىقان ھەق ئېلىشنى پاش قىلىش تېلېفون نومۇرىنى ئېلان قىلدى

16ئۆلكىدىكى2مىليوندىن ئارتۇق كىشى قارا يامغۇر،كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى

كاراچى ۋەزىيىتى كەسكىنلەشتى

بارلىق ھوقۇق خەلققە مەنسۇپ

دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئاپتوموبىللار ئوتتۇرا ئاسىيادا بازار تاپتى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ‹‹12–بەش يىل››دىكى قانۇن چىقىرىش يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلدى

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئىدارىسى ، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى كادىرلارنى تەربىيەلەش ئىدارىسى پارتىيەلىك كادىرلار4–تۈركۈمدە ئۆگىنىدىغان كىتابلار كاتالوگىنى تەۋسىيە قىلدى

گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى مەخسۇس تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ قانۇنغا خىلاپ ھالدا مەجبۇرى چېقىشنى قەتئىي چەكلەشنى تەلەپ قىلدى

ئېلىمىز‹‹چۆمۈچ يۇلتۇز››يول باشلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ

ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا‹‹مېيىپلەر ئىشلىرىنىڭ<12–بەش يىل>لىق تەرەققىيات پىروگراممىسى››مۇزاكىرە قىلىنىپ ماقۇللاندى

ئەھدىمىزگە پارتىيە بايرىقى گۇۋاھ

جۇڭگو - ئامېرىكا ھەمكارلىقى ئۆزئارا ياردەملىشىپ ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدىغان ئېرىشىشنى قانداق ئىشقا ئاشۇردى ؟

ئېلىمىز ‹‹مېرىدىيان قۇرۇلۇشى››دىكى تۇنجى ئالەم بوشلۇقىنى تەكشۈرۈش راكېتاسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بەردى

جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر شىنجاڭ ، گەنسۇ قاتارلىق جايلاردا 100 دىن ئارتۇق ياۋا تۆگىنى بايقىدى


بېكەت ئۇقتۇرۇشى

تور بېكىتىمىز جەمئىتىمىزدىكى باشقا كەسىپداشلاردىنمۇ ئەسەر قوبۇل قىلىدۇ
ھاۋارايى

نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتىگە تەۋە
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى قۇردى

ICP备ICP07000761号